0 / 0

جىنلار ئالىمى توغرىسىدا

Pertanyaan: 2340

مەن قۇرئان كەرىمدە جىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوقۇغان بولساممۇ، لېكىن مەن ھەقىقەتتە ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەگەر مۇمكىن بولسا جىنلار توغرىسىدا كۆپلەپ مەلۇمات بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

Teks Jawaban

Puji syukur bagi Allah, dan salam serta berkat atas Rasulullah dan keluarganya.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن نۇرغۇن دەلىللەر جىنلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى پەيدا قىلىشتىكى ئاساسى غايە بولسا ھېچ شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم » [سۈرە زارىيات 56-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي تەرجىمىسى: « ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» [سۈرە ئەنئام 130-ئايەت].

جىنلار ئالىمى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىنسانلار ئالىمىدىن پەرقلىق بولىدۇ، ھەم ئىنسانلارغا مەخپى بولىدۇ، ئۇلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئەقىل، ئىدراك، ياخشىلىق ۋە يامانلىق يوللىرىنى تاللاش ئىختىيارى بولۇش تەرەپلەردىن ئورتاقلىق بار، ئۇلارنىڭ جىنلار دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ تەرجىمىسى: « شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر» [سۈرە ئەئ‍راف 27-ئايەت].

جىننىڭ ئەسلى بولسا: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە جىننىڭ ئەسلى يارىتىلىشى توغرىسىدا بىزگە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَخَلَقَ الْجَانَّ مِن مَّارِجٍ مِّن نَّارٍ تەرجىمىسى: «جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى» [سۈرە رەھمان 15-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْجَانَّ خَلَقْنَاهُ مِن قَبْلُ مِن نَّارِ السَّمُومِ تەرجىمىسى: «جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق» [سۈرە ھىجىر 27-ئايەت].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى، جىنلار ئوتتىن يارىتىلدى، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەنگەن نەرسىدىن يارىتىلغان». [مۇسلىم رىۋايىتى 5314-ھەدىس].

جىنلارنىڭ تۈرلىرى:

ئاللاھ تائالا جىنلارنى تۈرلۈك شەكىلدە ياراتتى، جىنلارنىڭ بەزىسى ئېت، يىلان دېگەن تۈرلۈك شەكىللەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ، بەزىلىرى شامال ۋە قاناتلىق ئۇچارلىققا ئۆزگىرەلەيدۇ، بەزىلىرى بىر يەردە مۇقىم تۇرىدۇ، يەنە بەزىلىرى سەپەر قىلىپ تۇرىدۇ يەنى دۇنيانى كېزىپ يۈرىيدۇ.

ئەبى سەلەبەتىل خۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىنلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىر تۈرلىكى قاناتلىق بولۇپ ھاۋادا ئۇچىدۇ، يەنە بىر تۈرلىكى يىلان ۋە ئېتلارنىڭ شەكىللىرىدە يۈرىدۇ، يەنە بىر تۈرى بولسا مۇقىم تۇرىدۇ ۋە سەپەر قىلىدۇ». [تەھاۋىي "مۇشكىلىل ئاسار" 4-توم 95-بەتتە كەلتۈرگەن. تەبرانى "ئەل كەبىر" 22-توم 214-بەت. شەيخ ئەلبانى"مۇشكاتىل مەسابىھ" 2-توم 1206-بەت 4148-ھەدىستە كەلتۈرۈپ، تەھاۋى ۋە ئەبۇ شەيخ سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان دەيدۇ].

جىنلار ۋە ئادەم ئەۋلادلىرى:

ئادەم ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھەر بىر شەخسكە جىندىن بىرسى مۇئەككەل قىلىنغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر نىڭ ھەر بىرىڭلارغا جىندىن بولغان بىر ھەمراھى مۇئەككەل قىلىندى» دېگەندە، ساھابىلار: سىلىگىمۇ شۇنداقمۇ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭىمۇ شۇنداق لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ماڭا يەردەم بەردى، ئۇ ماڭا بويسۇندى مېنى پەقەت ياخشىلىققا بۇيرىدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2814-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"17-توم 175-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "«ماڭا بويسۇندى دېگەنلىكتىن» مۇسۇلمان بولدى دېگەنلىك ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.

قازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى: ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىسمى، دىلى-خاتىرسى ۋە تىلىنىڭ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاك ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

ھەدىس: ئىنساننى ئۆزىگە مۇئەككەل قىلىنغان جىننىڭ پىتنىسى، ئىغۋاسى ۋە ۋەسۋەسىسىدىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرىدۇ، ئۇنىڭ دائىم بىز بىلەن بىرگە ئىكەنكىلى، تاقىتىمىزنىڭ يېتىشچە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

جىنلارنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىرى:

ئاللاھ تائالا جىنلارغا ئىنسانلارغا ئاتا قىلمىغان كۈچ-قۇدرەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئاللاھ تائالا بىزگە ئۇلارنىڭ بەزى قۇدرەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ۋە يۆتكىلىشىنىڭ ئىنتايىن تىز ئىكەنلىكى، جىنلاردىن بولغان"ئىپرىيت" ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا يەمەن مەلىكىسى بىلقىزنىڭ تەختىنى بەيتۇلمۇقەددەسكە ئەكىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَ عِفْرِيتٌ مِّنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ، قَالَ الَّذِي عِندَهُ عِلْمٌ مِّنَ الْكِتَابِ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَن يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَآهُ مُسْتَقِرًّا عِندَهُ قَالَ هَٰذَا مِن فَضْلِ رَبِّي تەرجىمىسى: « جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن، (نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر». [سۈرە نەملە 39-40-ئايەتلەر].

جىنلارنىڭ يىمەك-ئېچمىكى:

جىنلارمۇ يەيدۇ ۋە ئېچىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىننىڭ دەۋەتچىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كەلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مېڭىپ، ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردىم»، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىزلىرى ۋە ياققان ئوتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرسەتتى، جىنلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۈستىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان سۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا گۆش بولغان ھالەتتە چۈشىدۇ، ھەر قانداق تېزەك سىلەرنىڭ ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يېمىكى-ھەلىپى بولىدۇ» دېدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېدى: «سۆڭەك ۋە تېزەك بىلەن ئىستىنجا قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئىككىسى سىلەرنىڭ قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئوزۇق-تۈلىكىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 450-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: «مېنىڭ يېنىمغا نەسېبىين دېگەن يەردىكى جىنلارنىڭ ئەلچىسى كەلدى، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى جىنلارئۇ! ئۇلار مەندىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىدى، مەن ئۇلار ئۈچۈن رەببىمگە: ئۇلار ھەرقانداق سۆڭەك ۋە تېزەكنى تاپسا بۇ ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىقى ۋە تائامى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدىم». [بۇخارى رىۋايىتى 3571-ھەدىس].

ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان سۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسى مۆمىن جىنلارنىڭ يىمەكلىكىدۇر. بىسمىللا دېيىلمىگەن سۆڭەك ئۇلارغا دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇ كاپىر جىنلارنىڭ يىمەكلىكىدۇر.

جىنلارنىڭ ئۇلاغلىرى:

يۇقىرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: جىنلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاخىرىدا: ھەرقانداق تېزەك سىلەرنىڭ ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يىمەكلىكى دېگەن.

جىنلارنىڭ تۇرىدىغان ئورۇنلىرى.

جىنلارمۇ بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە ياشايدۇ، ئۇلار كۆپ تىپىلىدىغان ئورۇنلىرى بولسا: زېمىندىكى خارابىيلىق، نىجاسەت ئورۇنلىرى ھاجەتخانا، ئەخلەتخانا، قەبرىستانلىق، زەي باسقان ئۆت-چۆپلۈك دېگەندەك ئورۇنلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە مۇشۇنداق ئورۇنلارغا كېرىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش سەۋەپلىرىنى، يەنى يوللۇق زىكىرلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. ئۇ  ھەدىسلەردىن: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  ھاجەتخانىغا كىرگەندە: «ئى ئاللاھ! مەن ئەركەك-چېشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن» دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 142-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 375-ھەدىس].

جىننىڭ مۆمىنلىرى بولىدۇ ۋە كاپىرلىرى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا جىنلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا ، وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا تەرجىمىسى: «بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ، توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ» [سۈرە جىن 14-15-ئايەتلەر].

ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى تائەت-ئىبادەت ۋە ياراملىق بولۇش جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَنَّا مِنَّا الصَّالِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَلِكَ كُنَّا طَرَائِقَ قِدَدًا تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق» [سۈرە جىن 11-ئايەت].

مۇشۇ ئۈممەتنىڭ جىنلىرىدىن ئەڭ دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغانلىرىنىڭ ۋەقەلىكى توغرىسىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلار بىلەن ئوكاز بازىرىنى مەقسەت قىلىپ ماڭدى، بۇ ۋاقىتتا شەيتانلار بىلەن ئاسماننىڭ خەۋىرى ئارىسى توسالغان ئېدى، شەيتانلارغا ئوتلۇق ئەۋەتىلىپ ئاسمانغا يېقىنلىشالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئۆز جامائىتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، قوۋمى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ دەپ سورىدۇ، ئۇلار: بىز بىلەن ئاسماننىڭ خەۋىرىنىڭ ئارىسى توسالدى، بىزگە ئوتلۇق يۇلتۇزلار ئەۋەتىلىپ ئاسمانغا يىقىنلىشالمىدۇق دېدى. كاتىۋاشلىرى: چوقۇم بىر چوڭ ھادىسە بولاپتۇ، بولمىسا سىلەر بىلەن ئاسماننىڭ خەۋىرىنىڭ ئارىسى توسالمايتتى، زېمىننىڭ كۈن چېقىش ۋە كۈن پېتىش ھەممە تەرەپلىرىگە بېرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار ئۆز قوۋمىدىن ئايرىلىپ تىھامە تەرەپكە يۈزلىنىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوكاز بازىرىغا بېرىشنى مەقسەت قىلىپ چۈشكەن بىر خورمىلىققا كەلدى، ئۇ يەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇۋاتاتتى، ئۇلار قۇرئان كەرىم ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، توختاپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالدى، ۋە بىز بىلەن ئاسمان خەۋىرىنىڭ ئارىسىنى چەكلىگەن نەرسە مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىكەن دەپ، بۇ يەردىن قوۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا ئېيتتى: «بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز»، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا «ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ئايەتنىڭ جىنلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرى ۋەھى قېلىندى». [بۇخارى  رىۋايىتى 731-ھەدىس].

قىيامەت كۈنىدە جىنلارنىڭمۇ ھېساپ بېرىدىغانلىقى:

قىيامەت كۈنى جىنلاردىنمۇ ھېساپ ئېلىنىدۇ. مۇجاھىد ئاللاھ تائالانىڭ: وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن جىنلارمۇ قىيامەت كۈنىدە ھېساپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدى» دېگەن ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ: ئۇلارمۇ ھېساپ ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ دېدى. ئىمام بۇخارى: "جىنلارنىڭ زىكرى، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى ۋە جازاسى"دەپ باپ كەلتۈردى.

جىنلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش:

جىنلار بىزنى كۆرىدىغان ۋە بىز جىنلارنى كۆرەلمەيدىغان بولغانلىقتىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرىنى تەلىم بەردى. ئاللاھقا سېغىنىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ يامانلىق تېلەش، پەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇش قاتارلىقلار.

قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان پاناھلىق تېلەش دۇئاسىغا ئوخشاش دۇئالارنى قىلىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ ، وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [سۈرە مۆمىنۇن 97-98-ئايەتلەر].

شۇنىڭدەك ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش: يەنى يىمەك يېيىشتىن،، ئېچىملىك ئېچىشتىن،، ئۆيگە كېرىشتىن، ئۆيدىن چېقىشتىن ۋە جىما قىلىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىسا، بۇ شەيتاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىشىدىن، يىمەك-ئېچمەك، جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلىرىغا شېرىك بولۇشتىن چەكلەيدۇ، شۇنىڭدەك ھاجەتخانىغا كېرىشتىن ۋە كىيىملەرنى سېلىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېسە، جىنلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزىشتىن ساقلايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىنلارنىڭ كۆزى بىلەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەۋرىتىنىڭ ئارىسىنى توسىدىغان توساق بولسا، ھاجەتخانىغا كىرگەندە بىسمىللاھ دەپ كېرىشتۇر» [تىرمىزى رىۋايىتى 551-ھەدىس. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3611-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلگەن].

ئىنساندىكى ئىمانى قۇۋۋەت جىنلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ، ئەگەر جىنلار بىلەن مەرىكە بولۇپ قالسا ئىمانى قۇۋۋەت ساھىبى غەلىبە قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بولغان بىر كىشى جىنلاردىن بولغان بىر كىشى بىلەن ئۈچرىشىپ قالدى، ئىككەيلەن چىلىشتى، ئىنسان جىننى يىڭىۋالدى، ئىنسان جىنغا: مەن سېنى بەك ئاجىز كۆردۈم، بېلەكلىرىڭ ئىتنىڭ بىلىكىدەك ئىنچىكە، سىلەر جىنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سەن بەك ئاجىزمۇ؟ دېگەندە، جىن: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈكى، لېكىن ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن چېلىشىلى، ئەگەر سەن مېنى يەنە يېڭىۋەتسەڭ، مەن ساڭا پايدىلىق بىر نەرسىنى ئۈگىتىپ قوياي دېدى، ئىنسان ماقۇل دېدى، جىن: سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئۇ دائىم ھاياتتۇر، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر...(ئايەتەل كۈرسىنى)بۇنى ئوقۇغىن دېدى. ئىنسان: بولىدۇ دېدى، جىن: ئەگەر سەن بۇ ئايەتنى ھەرقانداق بىر ئۆيدە كەچ تەرەپتە ئوقۇساڭ، ئۇ ئۆيدىن شەيتان ئېشەك ھاڭرىغاندەك چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تاڭ يورىغۇچە ئۇ ئۆيگە كېرەلمەيدۇ دېدى». [دارىمى رىۋايىتى 3247-ھەدىس].

بۇ جىننىڭ يارىتىلىشى، تەبىئىتى توغرىسىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ۋە ناھايتى شەپىقەتلىك، مېھرىبان زاتتۇر. ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دوكتۇر: ئۆمەر سۇلايمان ئەشقەرنىڭ:"جىنلار ۋە شەيتانلار ئالىمى" ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Refrensi

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android