ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
42502/07/2016

مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا ناچار ئەخلاقتىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىنەتلىنىدۇ؟

سۇئال: 245973

    مېنىڭ ئەخلاقىم بەك ناچار، ئانامنى قاقشىتىمەن، ئۇنى دائىم ئاچچىقلاندۇرىمەن، بەزى ۋاقىتتا ئەخلاقىم ياخشى بولۇپ قالىدۇ، كۆپ ۋاقىتتا ناچار بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەخلاقىمنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟، ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلار قايسى؟، ئەخلاقىم ناچار بولسا بۇنىڭغا كۆرە ئازابقا دۇچار بولىمەنمۇ؟، گۈزەل ئەخلاق پەقەت ئارتۇق ئىشمۇ؟، ئەخلاقىم ياخشى بولغاندا رىيا بولغاندەك ھېس قىلىمەن، ئەخلاقتا كېچىك شېرىككە چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن، قانداق قىلغاندا گۈزەل ئەخلاقتا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئاللاھقا ھەقىقى ئىخلاس قىلغىلى بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  گۈزەل ئەخلاق دېگەن قىيامەت كۈنى ئەمەل مىزانىدا ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئىنسانلاردىن ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلار قىيامەت كۈنىدە ئورۇنمەرتىۋە جەھەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان كىشىلەردۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئورۇنمەرتىۋە جەھەتتە ماڭا ئەڭ يېقىن بولغانلىرىڭلار ئەخلاقىڭلار گۈزەل بولغانلىرىڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 2018-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

    ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشلىرىڭلار، ئەخلاقىڭلار ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلار». [بۇخارى  رىۋايىتى 6035-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2321-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە گۈزەل ئەخلاققا قىزىقتۇرۇش، گۈزەل ئەخلاق ساھىبنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق دېگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرىنىڭ سۈپىتىدۇر".

    ھەسەن بەسەرى مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى گۈزەل ئەخلاق دېگەن: كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ۋە ئوچۇق چىراي بولۇشتىن ئىبارەتتۇر".

    قازىي ئىياز مۇنداق دەيدۇ: "گۈزەل ئەخلاق دېگەن: خۇشخۇي، گۈزەل شەكىلدە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، ئۇلار بىلەن دوست بولۇش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش، ئۇلارغا كەڭ قورساق بولۇش، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلىرىغا سەبىر قىلىش، ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلماسلىق، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق، قوپاللىق قىلماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق ۋە زۇلۇم قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر".

   ئىككىنچى: ئاتائانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئاتائانىنى قاقشاتقۇچى دۇنيائاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. مۇسۇلمان ئەرئاياللارغا ئاتائانىسىغا تولۇق ياخشىلىق قىلىش، مۇمكىن بولغان شەكىلدە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش، ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈشتىن، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشتىن ۋە ئۇلارنى قاقشىتىشتىن يىراق بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: ئەخلاقنى ياخشىلاش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پاكىزلاش مۇمكىن بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر بىلەن روياپقا چىقىدۇ:

   -گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئارتۇقچىلىقى، دۇنيائاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ياخشى مۇكاپاتنى بىلىشى كېرەك.

  -ناچار ئەخلاقنىڭ ئاقىۋېتىنى، ئۇنىڭغا كېلىدىغان جازا ۋە يامانلىقنىڭ تەسىرىنى بىلىشى كېرەك.

   -ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئىشئىزلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك.

  -ئاچچىقلىنىشتىن يىراق بولۇش، سەۋرچانلىق بىلەن زىننەتلىنىش، تەمكىنلىك ۋە ئالدىرماسلىققا ئادەتلىنىش.

   -گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇشقوپۇش قىلىش، ئەخلاقى ناچار كىشىلەرنىڭ سورۇنىدىن يىراق بولۇش.

  -ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاققا ئادەتلەندۈرۈش، كۆندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا بېسىش، بۇنىڭدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىش.

     شائىر مۇنداق دەيدۇ:  قىرىندىشىڭنى گۈزەل ئەخلاققا ئادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىكرام قىلغىن ئۇنىڭدىن پەقەت ئىززەتئىكرامنى كۆرىسەن.

ئاخىردا:  ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن بۇنىڭغا ياردەم تىلەپ ئاللاھ تائالا دۇئا قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! يارىتىلىشىمنى يەنى شەكلىمنى چىرايلىق قىلغاندەك، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 24392 -ھەدىس. مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن.شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھىل جامىئ"  1307 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بەزى بىر ئورۇندا مۇسۇلمان ئېزىپ كەتسە، ئەخلاقى ناچار بولۇپ قالسا، دەرھال ئۈزۈر ئېيتسۇن، ناچارلىقلىرىنى تۈزەتسۇن ۋە ئەخلاقىنى ياخشىلاش ئىرادىسىگە كەلسۇن.

    مۇسۇلمانىڭ ئەخلاقى ياخشى بولغاندا، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن  بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقتىكى ئىشى باشقا ئىبادەتلەردىكى ئىشلىرىغا ئوخشايدۇ، ئەخلاقىنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن گۈزەللەشتۈرمىسۇن، ئۇنداق قىلسا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابنى بىكار قىلىۋېتىپ رىيا قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازاغا لايىق بولۇپ قالىدۇ.

    شۇنىڭدەك مۇسۇلمان ئىبادەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ئەخلاقىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن گۈزەل قىلىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى، ھېسابنى، مىيزاننى، جەننەتنى ۋە دوزاخنى دائىم كۆز ئالدىدا قويۇشى كېرەك. ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھېچ پايدامەنپەئەت ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

    ئاخىرەتنى ئەسلەش مۇسۇلماننىڭ ھەر ئىشىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    تۆتىنچى: ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلاردىن:

   -ئاتائانىنىڭ ھەقھوقۇقلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى، پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىلىگەنلىكى، ئۇلار ئۈچۈن گۈزەل بىر ھاياتنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ئۈستىگە ئالغان مۇشەققەتلىرىنى  بىلىش.

   -ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىق توغرىسىدا كەلگەن شەرئى دەلىللەرنى بىلىش. شۇنىڭدەك، ئاتائانىنى قاقشىتىشتىن ئەيمەندۈرىدىغان شەرئى دەلىللەرنى بىلىش، بۇنىڭ يامان تەسىرىنى تونۇش ۋە دۇنيائاخىرەتتە بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بىلىش.

  -ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىدىغان پەرزەنتلەردىن ياخشىلىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئاتائانىنى قاقشىتىشنىڭ ئاتائانىنى قاقشىتىدىغان پەرزەنتلەردىن ھاسىل بولىدىغان ناچارلىقنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

    -ئىلگىرىكى سەلەپسالىھلارنىڭ سېيرەتلىرىگە نەزەر سېلىش، ئۇلارنىڭ ئاتائانىلىرىغا قانداق ياخشىلىق قىلغانلىقىنى بىلىش.

   -ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى قاقشىتىش توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب، ماتېرىياللارنى كۆپ ئوقۇش، بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن دىنى نۇتۇقلارنى تىڭشاش.

   -سوغات بېرىش، چېرايلىق سۆز قىلىش، ئوچۇق چىراي بولۇش، كۆپ دۇئا قىلىش، گۈزەل مەدھىيەلەرنى يوللاش قاتارلىقلار ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىندۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 101023 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.  

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android