0 / 0

ئىنساندا ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بولىدۇ، ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 256427

مەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئۆزۈمنىڭ بەزى ئىشىمدا ھەيرانلىقتا تۇرىۋاتىمەن، بۇ توغرىدا بەزى كىشىلەردىن سورىغان بولساممۇ، ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم، ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلار ۋە جىنلارغا ئەركىن ئىرادە ئاتا قىلغانلىقىنى ئەمىلىيەتتە ھېس قىلىمەن، لېكىن بۇ يەردە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار، بۇخارىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ تەقۋادار ياكى پاسىق بولىشى، باي ياكى كەمبەغەل بولىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى بېكىتىۋەتتى»، ھەممە ئىشلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلارتۇرىۋىتىلدى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بالىياتقۇغا بىر پەرىشتىنى مۇۋەككەل قىلدى، پەرىشتە: ئى رەببىم! ئىسپىرما، ئى رەببىم! ئۇيۇغان قان، ئى رەببىم! بىر چاينام گۆش دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ تۆرەلمىنى ياراتماقچى بولغاندا، پەرىشتە: رەببىم! ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ؟، بەختلىكمۇ ياكى بەختسىزمۇ؟، رىزقى قانچىلىك، قانچىلىك ياشايدۇ؟، دەيدۇ، بۇ تۆرەلمە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى6595-ھەدىس].

نەھىل سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِن يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ‏ تەرجىمىسى: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر» [سۈرە نەھىل 93-ئايەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بىزنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئىلگىرى بېكىتىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەن بىزنىڭ دائىملىق ئىختىيارلىق ئاستىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلىمەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا ئەنكەبۇت سۈرىسى ۋە باشقا سۈرىلەردە ياخشى ۋە يامان ئەمەللەرنى ئىختىيارى قىلىشتىكى ئەركىنلىكنى بىرگە بايان قىلىدۇ، لېكىن بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىزنىڭ ئېزىپ كېتىشىمىزنىڭ شەيتاننىڭ ھىلە-مىكرى ۋە ئازدۇرىشىدىن بولىدىغانلىقى، شەيتاننىڭ بىزنى ئىچكىرى-تاشقىرى ھەممە تەرەپتىن بىلىدىغانلىقى بىزنىڭ ئۇنى ئومۇمەن بىلمەيدىغانلىقىزنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا شەيتاننىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىنسانلاردىن ياكى جىنلاردىن بولسۇن  ھەر بىرىنىڭ مۇستەقىل ئىرادىسى، ئىختىيارلىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بار، بۇ كۈچ-قۇدرەت، ئىرادە بىلەن مۆمىن ياكى كاپىر، ئىتائەت قىلغۇچى ياكى ئاسىي بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!)«(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق.» [سۈرە كەھەپ 29-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿نَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا (2) إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر». [سۈرە ئىنسان 2-3-ئايەتلەر].

ئىنسان ۋە جىن كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدىكەن، ئۇ قىلغان ئەمىلىگە كۆرە جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ، قىلغان ئەمىلى ياخشى بولسا ياخشى مۇكاپاتقا، يامان بولسا شۇنىڭغا لايىق جازاغا ئۇچرايدۇ، سېنىڭ رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ ، وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ تەرجىمىسى: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» ]سۈرە زەلزەلە 7-8-ئايەتلەر].

ئەگەر قىلمىشلىرىغا مەجبۇر بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان بۇ قىلمىشلىرىغا كۆرە ئازاپلاش زۇلۇم بولۇپ قالاتتى، ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن پاك ۋە مۇنەززەھتۇر.

ھەر بىر ئىنسان بۇ ئىختىيارلىقىنى سېزىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ، ھېچ كىم ئۇ ئىنساننى ناماز ئادا قىلىشقا ياكى مەسچىتكە كېلىشكە مەجبۇرلىمايدۇ خۇددى ئۇ كىشىنى ھارام ياكى ھالالغا كېلىشكە بىرنەرسە مەجبۇرلىمىغاندەك.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى بولغان ئىكەن، ئۆزى ياراتقان بەندىسىنىڭ كەلگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بۇنى بىلدى، بۇنى ئۆز يېنىدىكى لەۋھىل مەھپۇزغا يازدى، تۆرەلمە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا ئۇنى يېزىشقا پەرىشتىنى بۇيرىدى.

لېكىن بۇ غەيبى ئىلىم بولۇپ، ئىنسان بۇنى تۇيمايدۇ، ئىنسان بىرەر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىققا مەجبۇرلانمايدۇ، بەندىنىڭ خىزمىتى ئەمەل قىلىش، بۇ خۇددى ئوقۇغۇچىغا دەرىسلىك قىلىش ئۈچۈن كىتاپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالىدۇ، گەرچە ئۇستاز ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە بىلىمى بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسىنى بىلسىمۇ، ئوقۇغۇچى تېرىشچانلىق قىلسا ئۇتۇق قازىنىدۇ، سەل قارىسا سىناقتىن ئۆتەلمىگەنگە ئوخشاشتۇر.

بۇ، پەقەت ئىشنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر مىسالدۇر. ئاللاھ ئۈچۈن ئالى مىساللار باردۇر، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭ كۆر يۈگۈرتىشىدىن تارتىپ ھەتتا كۆڭلىگە پۈككەننىمۇ بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەھۋالى ئۆزى ياراتقان بەندىسىنىڭ ئەھۋالىدىن كاتتا ۋە يۇقىرىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ تەرجىمىسى: «(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر». [سۈرە مۇلۇك 14-ئايەت].

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَيُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ئىبراھىم 4-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر». [سۈرە نەھىل 93-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر» [سۈرە ئەئراپ 178-ئايەت].

ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئومۇمى ۋە خۇسۇسى بولىدۇ. ئەمما ئومۇمى بولغىنى: ھەقنى بىلدۈرۈش،  ئۇنىڭغا باشلاش ۋە ئۇنى بايان قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَى عَلَى الْهُدَى فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ تەرجىمىسى: «سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى» [سۈرە پۇسسىلەت 17-ئايەت].

يەنى: ئۇلارغا ھەق يولنى بايان قىلىپ بەردۇق.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە ئىنسان 3-ئايەت].

ئەمما خۇسۇسى بولغىنى: ئۇ ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈندۇر. بۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش، ياردەم بېرىش ۋە يرقىنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أُولَئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ قُلْ لا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْراً إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَى لِلْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.» [سۈرە ئەنئام 90-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحاً مِنْ أَمْرِنَا مَا كُنْتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلا الْأِيمَانُ وَلَكِنْ جَعَلْنَاهُ نُوراً نَهْدِي بِهِ مَنْ نَشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ تەرجىمىسى: «شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق، سەن (ۋەھىيدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن.» [سۈرە شۇرا 52-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ  تەرجىمىسى: «بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» [سۈرە ئەنكەبۇت 69-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَكِنَّ اللَّهَ حَبَّبَ إِلَيْكُمُ الْإِيمَانَ وَزَيَّنَهُ فِي قُلُوبِكُمْ وَكَرَّهَ إِلَيْكُمُ الْكُفْرَ وَالْفُسُوقَ وَالْعِصْيَانَ أُولَئِكَ هُمُ الرَّاشِدُونَ ، فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَنِعْمَةً وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 7-8-ئايەتلەر].

ئەمما ئازغۇنلۇق بولسا: بەندىنى ئۆز ئىشىغا تاشلاپ قويۇش، ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنىڭ سەۋەپلىرى بىلەن مەدەت بەرمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر.  ئىمام تاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ مەشھۇر ئەقىدە كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، قوغدايدۇ ۋە سالامەت قىلىدۇ، ئۆز ئەدلى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خار قىلىدۇ، سىنايدۇ، ھەممە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئەدلى ئارىسىدىكى خالىشىدا ھەرىكەت قىلىدۇ".

مۇۋەپپەق قىلىش دېگەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە قارىشىدا: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە مەدەت بېرىشى، ياردەم بېرىشى، يېقىنلاشتۇرىشى ۋە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىدىن ئىبارەتتۇر.

خار قىلىش دېگەن: بەندىگە مەدەتمۇ بەرمەستىن ۋە ياردەممۇ بەرمەستىن ئۆز ھالىغا قويۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالاغا: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدا ياردەم بەردى ۋە بۇنىڭغا بەرمىدى؟ دېيىلمەيدۇ.

مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ پەزلى، خار قىلىش ئاللاھنىڭ ئەدلى-ئادالىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ» [سۈرە ئەنبىيا 23-ئايەت].

بۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قۇدىرتى ۋە قەھرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئىلمى، قۇدرىتى، رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بولغانىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى، ناھايتى شەپقەتلىك، مېھرىبان، بەندىلىرىگە ئانىسى بالىسىغا كۆيۈنگەندىنمۇ بەكراق كۆيۈنىدىغان ئۇلۇغ زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى گۈزەل شەكىلدە ياراتتى. ["شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى" 8-توم 79-بەت].

ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلىگە كىمنىڭ لايىق بولىدىغان ۋە كىمنىڭ لايىق بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ تەرجىمىسى: «لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَذَلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)» [سۈرە ئەنئام 53-ئايەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ مۇھىم مەسىلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىش ئاللاھ تائالانىڭ خالىشىغا قايتسا، ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسانغا نېمە يول قالدى؟، ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ھىدايەت تىپىشى ۋە ئېزىپ كېتىشىنى بېكىتىۋەتكەن تۇرسا، ئىنساننىڭ  بۇنىڭغا نېمە چارىسى بولىدۇ؟.

بىز دەيمىزكى: بۇنىڭ جاۋابى: ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ھىدايەتكە لايىق بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئازغۇنلۇققا ھەقلىق بولغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ يەنى ھىدايەت قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ تەرجىمىسى: «ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى» [سۈرە سەپ 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَنَسُوا حَظّاً مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ تەرجىمىسى: «ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى» [سۈرە مائىدە 13-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئېزىپ كەتكەنلەرگە ئازغۇنلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بەردى، بۇ ھەقىقەتەن بەندىنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان، بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە نېمىنى تەقدىر قىلغانلىقى بىلمەيدۇ، ئۇ كىشى تەقدىر قىلىنغان ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان ئىشنى بىلىدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئازغۇنلۇقنى تەقدىر قىلدىمۇ ياكى ھىدايەتنى تەقدىر قىلدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيدۇ.

ئىنسان ئۆزى ئازغۇنلۇق يولىدا مېڭىپ ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇنى ماڭا تەقدىر قىپتىكەن دېيىشىدىن، ھىدايەت يولىغا مېڭىپ ئاندىن ئاللاھ تائالا مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىپتۇ دېيىشى ياخشى بولمامدۇ؟. ["قازا ۋە قەدەر" 14-بەت].

شەيخنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى 220690 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تامام بولىدۇ، شۇنىڭغا قارالسۇن.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:

1-ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىختىيارلىقى بار، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىتائەت قىلىدۇ ياكى ئاسىيلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆرە، جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى يېزىپ قالدۇردى.

3-ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىسىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، ئاللاھ تائالا كىمنىڭ قوللاشقا ۋە ياردەمگە لايىق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

4-ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەممۇ بەرمەيدۇ، ئاللاھنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى پەزلىدىندۇر، خار قىلىشى بولسا ئەدلى-ئادالىتىدىندۇر.

5-ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغان بەندە، ئاللاھ تائالادىن ياردەم بېرىشنى ۋە قوللاشنى سورايدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن كۆز-يۈمۈپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىدىن بىھاجەت بولۇش يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پاتىھە سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ   تەرجىمىسى: «رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» [سۈرە پاتىھە 5-ئايەت].

دىننىڭ ئوربىتىسى ئىبادەت ۋە ياردەمدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ئىشنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.

6-مۆمىن بەندە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئۆزىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى بىلىدۇ، بارلىق ياخشىلىق ۋە مەۋەپپەق قىلىشنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ‏تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)» [سۈرە ئەئراپ 43-ئايەت].

ئايەت كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەن ھىدايىتىنىڭ ئارىسىنى ۋە جەننەتنىڭ ئەمەلنىڭ نەتىجىسىگە كۆرە بولىدىغانلىقىنى قانداق جۇغلاپ بايان قىلغانلىقىنى ئويلىنىڭ!.

ئۆزىڭىزدىن ۋەسۋەسىنى تەرك قىلىڭ، پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، بۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئەمەل زىرائەتلىرىنى تېرىيدىغان جايدۇر، قىيامەت كۈنى بولسا ئورايدىغان، نەتىجىگە ئېرىشىدىغان جايدۇر، جەننەت ئەھلىدە دۇنيادا ئاللاھنى ياد قىلماي ئۆتكۈزىۋەتكەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتلىرى ھەسىرەت چېكىدۇ، پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن پەزىلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىڭ، ئالى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەسلىشىڭ، ئاللاھ تائالادىن قىلغان ئەمەللىرىڭىزنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىنى سوراڭ.

ئەمما شەيتان ھەر ۋاقىت ئازدۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىنى ئازدۇرالمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ (98) إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ (99) إِنَّمَا سُلْطَانُهُ عَلَى الَّذِينَ يَتَوَلَّوْنَهُ وَالَّذِينَ هُمْ بِهِ مُشْرِكُونَ تەرجىمىسى: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن، شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ، شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» [سۈرە نەھىل 98-100-ئايەتكىچە].

قىيامەت كۈنىدە شەيتان ئۆزىگە ئەگەشكەنلەردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى پەقەتلا چاقىرىپ قويغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىپ ئەگەشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ ‏ تەرجىمىسى: «ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر(دەۋىتىمنى)قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە)شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇدەيدۇ» [سۈرە ئىبراھىم 22-ئايەت].

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، يېقىنلاشتۇرۇشىنى ۋە باشلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
ئىنساندا ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بولىدۇ، ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ