0 / 0
01/شوال/1446 , 01/مارت/2025

مىسۋاكنى قانداق قىلغاندا سۈننەتكە ئۇيغۇن قىلغىلى بولىدۇ ؟

سوئال: 2577

مىسۋاك دېگەن نېمە؟، ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، مىسۋاك قايسى ۋاقىتلاردا ئىشلىتىلىنىدۇ؟، مىسۋاك قانداق سۈپەتتە بولىدۇ؟، ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سىۋاك ۋە ئىستىياك دېگەن ئېغىز ۋە چېشىنى مىسۋاك بىلەن تازىلاش دېگەن بولۇپ، بۇ ئېغىزنى تازىلايدىغان ئىراك ياغىچىنىڭ كېچىك پارچىسىدىن ئىبارەتتۇر.

مىسۋاك قىلىش: ئېغىزنى پاكىزلاش ۋە رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشكە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىسۋاك دېگەن: ئېغىزنى پاكىزلاش ۋە رەببىنى رازى قىلىش ئۈچۈندۇر». ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىدا 2-توم 274-بەتتە كەلتۈردى. ئىمام ئەھمەد مۇسنەد 6-توم 47-بەتتە كەلتۈردى. نىسائى كىتابىنىڭ 1-توم 50-بەتتە كەلتۈردى. بۇ ھەدىسنى "ئىرۋائۇل غەلىيل" 1-توم 105-بەتتە سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈردى.

مىسۋاك قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىندى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمگە قىيىن بولمايدىغان بولسا ئېدى، ئۇلارنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا مىسۋاك قىلىشقا بۇيرىتتىم». [بۇخارى 2-توم 288-بەت. مۇسلىم 1-توم 151-بەت].

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: «ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا» دەپ كەلگەن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: مىسۋاك قىلىشنى مۇستەھەپ ۋە سۈننەت دەپ قارايدىغان ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلىپ، ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيگە ئوخشاش بەزى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ مىسۋاك قىلىشنى ۋاجىپ دەيدىغانلىقى مىسۋاك ئىشىنىڭ مۇھىم ۋە كاتتا ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ، دەيدۇ.

مىسۋاك ئىشلىتىش مۇستەھەپ بولىدىغان ۋاقىتلار:

ئىلگىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مىسۋاك دېگەن: ئېغىزنى پاكىزلاش ۋە رەببىنى رازى قىلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن سۆزى ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھەممە ۋاقىتتا مىسۋاك قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

ئالىملار مىسۋاك ئىشلىتىش تەكىتلەنگەن ئورۇنلارنى بايان قىلدى، ئۇنىڭدىن:

1-تاھارەت ئالغان ۋاقىتتا: بۇ توغرىدا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمگە قىيىن بولمايدىغان بولسا ئېدى، ئۇلارنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا ياكى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قىلىشقا بۇيرىتتىم».

2-ئۆيگە كېرىپ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئۈچرىشىپ بىرگە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىدا: بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىرسى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلاتتى؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن ئېغىزىنى تازىلاپ مىسۋاك قىلاتتى دېگەن». [مۇسلىم 1-توم 220-بەت].

3-ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا: بۇ توغرىدا ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغاندا ئالدى بىلەن ئېغىزىنى يۇيۇپ مىسۋاكلايتتى». [بۇخارى 1-توم 98-بەت. مۇسلىم 1-توم 220-بەت].

4- يېمەك يېگەندىن كېيىن ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئۆزگۈرۈپ غەيرى پۇراقلار پەيدا بولسا، ئېغىزىنى تازىلاپ مىسۋاك قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى مىسۋاك دېگەن ئېغىزنى پاكىزلايدۇ، بۇنىڭغا كۆرە، قاچان ئېغىزنى تازىلاشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، شۇ ۋاقىتتا مىسۋاك قىلىش تەكىتلىنىدۇ.

5-مەسچىتكە كېرگەندە، چۈنكى مەسچىتكە كېرگەندە ئېغىزىنى مىسۋاكلاش بولسا ئاللاھ تائالا ناماز ئادا قىلىدىغان جايدا زىننەتلىنىشكە بۇيرىغان زىننەتنىڭ تامامىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار» [سۈرە ئەئراپ 31-ئايەت].

مەسچىت دېگەن: مۇسۇلمان جامائەتلىرى توپلىنىدىغان ۋە پەرىشتىلەر ھازىر بولىدىغان ئورۇندۇر.

6-قۇرئان ئوقۇش ۋە زىكىر قىلىش سورۇنلىرىدا ئۇ يەرگە پەرىشتىلەر ھازىر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مىسۋاك قىلىش كېرەك بولىدۇ.

روزىدارنىڭ مىسۋاك قىلىشى توغرىسىدا: ئالىملار روزىدارنىڭ كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە مىسۋاك قىلىشىدا ئىتتىپاق، ئەمما پېشىندىن ئىپتارغىچە بولغان ئارىلىقتا مىسۋاك قىلىشى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولغان. بەزىلەر بۇ ۋاقىتتا مىسۋاك قىلىشنى ياقتۇرمىغان. بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش: مىسۋاك قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەر ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن،  روزىدار ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن بىرەر ۋاقىتنى ئايرىۋەتمىدى، ئۇنداق بولغان ئىكەن دەلىلنىڭ ئومۇملىق ھالىتىدە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن ئومۇمنى خاسلاشتۇرىدىغان بىر دەلىل بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر روزىدار ھالىتىڭلاردا ئەتتىگەن تەرەپتە مىسۋاك قىلىڭلار، كەچ تەرەپتە مىسۋاك قىلماڭلار». [بۇ ھەدىسنى دارى قۇتنى رىۋايەت قىلغان زەئىپ ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر "تەلخىيسىل ھەبىر" 1-توم 62-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولمىغان، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراق» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 2-توم 92-بەت. مۇسلىم رىۋايىتى 2-توم 806-بەت].

ئېغىز پۇراقلىرى مىسۋاك قىلىش بىلەن يوقالماي، ئۇ ئاشقازاننىڭ قۇرۇق بولغانلىقىدىن بولىدۇ، ئەگەر روزىدار كېچىدە سوھۇرلۇق يېمىگەن بولسا ئېغىزى ئەتتىگەندىمۇ تاتلايدۇ. بارلىق ئالىملار ئەتتىگەن تەرەپتە مىسۋاك قىلىشقا ئىختىلاپ قىلمىغان. بۇنىڭدىن: روزىدار ئۈچۈن ئەتتىگەندە بولسۇن ياكى كەچتە بولسۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا مىسۋاك قىلىشنىڭ بولىدىغانلىقى روشەن بولىدۇ.

مىسۋاكنى نېمە بىلەن قىلىش توغرىسىدا: ئالىملار ئېغىزىنى ئۇد دەرىخىنىڭ شىخىدىن قىلىنغان مىسۋاك بىلەن تازىلىسا بەك ياخشى بولىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئۆزى قىلدەك بولۇپ، چېشنىڭ ئارىسىدىكى يىمەك قالدۇقلىرى ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى چېقىرىپ تازىلايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېغىزىنى مىسۋاك قىلىشى ئۈچۈن ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن ئەكىلىپ بېرەتتىم». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3991-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن بولۇپ: 'ئىرۋائۇل غەلىيل"1-توم 104-بەتتە كەلتۈرۈلگەن].

ئۇنىڭدىن كېيىن، پىقھى ئالىملىرى ئىراك دەرىخىنىڭ شېخى بولمىسا، خورمىنىڭ شېخى بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇ بولمىسا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخى بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

ئىشنىڭ توغرىسى: ئېغىزىنى ۋە چېشلىرىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى تازىلايدىغانغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەر تىپىلمىغاندا، ئېغىزنى تازىلايدىغان ۋە زىيان قىلمايدىغان ھەر قانداق نەرسە بولسا بولىدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك بولغان چېش چوتكىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

مىسۋاك قىلىشقا بولمايدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا: ئالىملار مىسۋاك قىلىش توغرا بولمايدىغان نەرسىلەرنى زىكىر قىلىپ: زەھەرلىك بولغان ياكى پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر بىلەن مىسۋاك قىلىش ھارام بولىدۇ، چېشىنى قانىتىپ قويىدىغان ياكى كېسەللىك ۋە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن مىسۋاك قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ دېگەن.

مىسۋاكنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا: پىقھى ئالىملىرى مىسۋاكنىڭ بەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس ۋە بەك قىسقىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بەك توممۇ ئەمەس ۋە بەك ئىنچىكىمۇ ئەمەس ئوتتۇرھال بولۇشنى بەك ھۆل بولماسلىقىنى ۋە بەك قۇرۇقمۇ بولماسلىقىنى مۇستەھەپ دەپ قارايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئېغىزنى جاراھەتلەندۈرىدۇ ياكى لېۋىنى تېتىۋېتىدۇ. مىسۋاكنىڭ بۇ شەكىلدە بولىشىنى تەلەپ قىلىش مۇكەممەللىك ئۈچۈندۇر، لېكىن مىسۋاك قىلىش توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەر بۇنداق بولىشىنى بەلگىلىمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ مىسۋاك قىلىڭلار دېگەن بۇيرىقى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى ئىجرا بولىدىغان نەرسە بولسا دۇرۇس بولىدۇ.

مىسۋاكنى قانداق قىلىش توغرىسىدا:

پىقھى ئالىملىرى مىسۋاكنى ئوڭ قولى بىلەن قىلامدۇ ياكى سول قولى بىلەن قىلامدۇ؟ بۇ توغرىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى. كۆپچىلىك ئالىملار: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياغ كېيدىغان، چاچ تارايدىغان، تاھارەت ئالىدىغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوڭ تەرەپتىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى»دېگەن ھەدىسكە كۆرە: مىسۋاكنى ئوڭ قولى بىلەن قىلىش ئەۋزەل چۈنكى مىسۋاكمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن سول قول بىلەن قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار مىسۋاكنى سول قولى بىلەن قىلىش ياخشى، چۈنكى بۇ ئەزىيەتنى يوق قىلىش تۈرىدىن دەيدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراشتۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللامۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

بەزى ئالىملار: ئەگەر مىسۋاك قىلىش سۈننەتنى ھاسىل قىلىش مەقسىتى بىلەن بولسا، ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قىلىش ياخشى، ئەزىيەتنى يوق قىلىش مەقسىتى بىلەن بولسا، ئۇنى سول قولى بىلەن قىلىش ياخشى دەپ ئايرىدۇ. بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك  قاراش: بۇ توغرىدا ئېنىق بىر دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەڭىرچىلىك بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز قارىشى بويىنچە ئەمەل قىلىشى ياخشى بولىدۇ.

پىقھى ئالىملىرى مىسۋاكنى ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاشنى ياخشى دەپ قارايدۇ، چۈنكى مىسۋاك ئۇزۇن بولۇپ قالسا، چېش مىلىكلىرىنى جاراھەتلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار مىسۋاك قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئەدەپلىرىنى بايان قىلدى:

-جامائەت سورۇنلىرى ۋە ئومۇمى قاتناش ۋاستىلىرىدا مىسۋاك قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق جايلاردا مىسۋاك قىلىش (مۇرۇئەت) ئېسىللىككە زىت كېلىدۇ.

-مىسۋاكنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېپىشىپ قالغان نەرسىلەرنى چېقىرىۋېتىش ئۈچۈن يۇيىۋېتىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكنى ئىشلىتىپ بولۇپ ئۇنى يۇيىۋېتىش ئۈچۈن ماڭا بېرەتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزىمنى مىسۋاكلاپ بولۇپ ئاندىن يۇيۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرەتتىم». [ئەبۇ داۋۇد  رىۋايىتى 1-توم 45-بەت].

-مىسۋاكنى پاسكىنا بولۇپ كېتىدىغان جايلاردىن يېراق قىلىش.

-بارمىقى بىلەن مىسۋاك قىلىش: ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، مىسۋاك قىلىدىغان باشقا نەرسە بولمىغاندا بارمىقى بىلەن مىسۋاك قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن كۈچلۈك قاراشقا كۆرە: بارماق بىلەن مىسۋاك قىلغاندا سۈننەت ئادا بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئۇنىڭغا بۇيرىمىدى ۋە بارماق بىلەن ئىراك ياغىچى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئېغىز پاكلانغاندەك پاكىزلانمايدۇ.

ئىراك ياغىچىدىن كېيىنرەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەردىن چېش چوتكىسى: بۇنىڭ بىلەن ئېغىز پاكىزلىنىپ ئەزىيەتلەر يوقايدۇ، خۇشپۇراق بولىدۇ.

ئەگەر زىيانلىق بولمىغاندا پىننە ۋە لىمۇن پۇرىقى چىقىدىغان مىسۋاكلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن روزىدار كىشى كۈندۈزدە بۇنداق پۇراقلىق مىسۋاكلارنى ئىشلەتمەي، تەبىئى مىسۋاكلارنى ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن "ئەرەپ لۈغىتىنىڭ "سىۋاك" دېگەن ماددىسىغا قارالسۇن. ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەلمەجمۇ" 2-توم 268-بەت. رەملىنىڭ"نىھايەتۇل مۇھتاج" 1-توم 162-بەت. "ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين" 1-توم 78-بەت. شەۋكانىينىڭ"نەيلۇل ئەۋتار" 1-توم 24-بەت. ئىبنى قۇدامەنىڭ"ئەلمۇغنى" 1-توم 78-بەت. ئىبنى ئەلاننىڭ" پۇتۇھات رەببانى ئەلا ئەزكارىن نەۋەۋىي" 3-توم 256-بەت. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ" شەرھىل مۇمتى" 1-توم 137-بەت.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android