ئاياللار توپلانغان سورۇندا ئەرلەر بولمىسا، ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلامدۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادا قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
قىز-خانىملارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلىشى توغرىسىدا
سوئال: 258
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
قىز-خانىملارنىڭ جامائەتبولۇپ ناماز قىلىشى جايىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىمامبولغۇچى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلار بىلەنباراۋەر تۇرىدۇ.
بەزىئەسەرلەردە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاياللارغائىمام بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىبايان قىلىنىدۇ.[ئابدۇراززاق “ئەلمۇسەننىف” ناملىقئەسەر 3- توم 141-بەتتە، دارىي قۇتنىي 1- توم 404-بەتتە، باشقىلارمۇمۇشۇمەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى بايان قىلغان]. بۇئەسەر باشقا يوللار بىلەن كۈچلىنىپسەھىھلىك دەرىجىسىگەيەتكەن.
ئۇممۇ ھەسەن، ئۇممۇ سەلىمەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارنىڭسېپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا ئىمامبولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭكۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. [ئىبنى ئەبۇشەيبە”ئەلمۇسەننىف” 2- توم 88- بەتتەبايان قىلغان].
ئىبنى قۇدامەرەھىمەھۇللاھ، “ئاياللارنىڭ جامائەتكەچىقىشى ياخشى كۆرۈلەمدۇ ياكىكۆرەلمەمدۇ” دېگەن تېمىدىكىتالاش-تارتىشلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، “ئاياللارنىڭ ئىمامبولىشى توغرىسىدا” دېگەن ماۋزۇدا توختىلىپمۇنداق دېگەن: “ئاياللار جامائەت بولۇپ نامازئوقۇغاندا، ئاياللاردىن بىرى ئىمام بولۇپ ئۇلار بىلەن بىرسەپتە، يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرۇپ نامازئوقۇيدۇ. ئاياللارنىڭ قىز-خانىملار ئارىسىدا ئىمام بولىشىتوغرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. ئاياللارنىڭ نامازدىمۇھىجابلىنىشى ۋاجىپ بولغاچقا، سەپنىڭ ئالدىغا چىقماستىنبەلكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ،ئەتراپىدىكىلەر ئىمامنى ئىككىلى تەرەپتىن ئوراپتۇرىدۇ. [ئەلمۇغنىي 2-توم 202- بەت].
“ئەلمۇھەززەپ”ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ:”سۈننەت بويىچە قىز-خانىملارغا ئىمام بولغان ئايالئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ،چۈنكى ئائىشە ئانىمىز ۋە ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنىڭسەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئاياللارغا ئىمامبولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان”.[4-توم 295- بەت].
بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇماتھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار، ئىمامئەدەۋىينىڭ “ئاياللار توغرىسىداھۆكۈملەر” ناملىق ئەسىرى 1- توم 351- بەتكەمۇراجىئەت قىلسۇن].
ھەممىدىنياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.
تەرجىمەقىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد