0 / 0

تەقدرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟، تەقدىر پۈتۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئىختىيار قىلغۇچى بولىمىز؟.

سوئال: 264354

ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەرنى پۈتىۋەتكەنمۇ؟، ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا، بىز قانداقمۇ ئىختىيار قىلغۇچى بولىمىز؟، بىز تەقدىرنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدىغان تۇرساق بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ؟، تەقدىر بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلىمىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟، بۇ يەردە ماڭا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغان بىر شەخس بار، ئۇنىڭغا بىر ئىشنى دېسەم ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئەمما مەن ئويلايمەنكى: ئەگەر ئۇ كىشى خەۋەرنى ئاڭلىسا ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى يۈرەك سانجىقى بولۇپ قالىدۇ ياكى مېنى پاناھلىنىدىغان ئورۇنسىز، يېمەك-ئىچمەكسىز، پۇلسىز قىلىۋېتىدۇ، ھاياتىمنى ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تولۇق ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبى بىلەن بۇ شەخس مەن ياخشى كۆرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭ جۈملىسىدىن: دىنىم، نامىزىم، بۇ ئەڭ چوڭ زىيان، مېنىڭ ئۇ كىشىگە بۇ ساراڭلىقتىن توختىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىشىم زۆرۈر بولىدۇ، ئۇ كىشىگە خەۋەر بېرىشتىن مېنى چەكلەپ قويىدىغان بىردىن بىر سەۋەپ: مېنىڭ ئۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قىلىشىمدىن ئەنسىرىشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىشىم ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ ماڭا: ئۆزىنىڭ ئەجىلىنىڭ ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدەرىدە يېزىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىشىنى خالايمەن، لېكىن ھەممەيلەن ماڭا: بىزنىڭ تەقدىر بويىنچە ماڭىدىغانلىقىمىزنى، ھاياتىمىزدىكى قارارلىرىمىز ئارىسىدىن تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەردى. لېكىن بۇ سۆزدىن: ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كاتتا ئەمەس دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇغۇ؟، مەن بۇنىڭغا ئىشەنەلمەيمەن، ياكى ئاللاھ كاتتا بولىدۇ،  تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ياكى ئىنسانلارنىڭ سەھىھ بۇخارى ۋە مۇسلىمدا زىكىر قىلىنغان بەزى ئىشلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرى يالغان بولىدۇ، ياكى ئاللاھ تائالا پەقەت يالغان دېگەن بولىدۇ، مەن ئاخىرىقى ئىختىيارلىقنى ئېتىقاد قىلىشنى رەت قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن

بىرىنچى: مۇشۇ دۇنيادا بولغان ۋە بولىدىغان ھەممە نەرسىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە خالىشىغا كۆرە لەۋھۇل مەھپۇزغا پۈتىۋەتكەن، بۇ تەقدىر بولۇپ، بۇ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ: يىزىش، بىلىش، خالاش ۋە بۇنىڭغا يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش قېتىلىدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ  تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق» [سۈرە قەمەر 49-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لا يَعْلَمُهَا إِلا هُوَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ إِلا يَعْلَمُهَا وَلا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الأَرْضِ وَلا رَطْبٍ وَلا يَابِسٍ إِلا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ تەرجىمىسى: «غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق. مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر» [سۈرە ئەنئام 59-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ فِي الأَرْضِ وَلا فِي أَنْفُسِكُمْ إِلا فِي كِتَابٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَبْرَأَهَا إِنَّ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ تەرجىمىسى: «يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر» [سۈرە ھەدىد 22-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا تَشَاءُونَ إِلا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ  تەرجىمىسى: «پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر» [سۈرە تەكۋېر 29-ئايەت].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۈنىڭ ئۈستىدە ئېدى» [مۇسلىم رىۋايىتى 2653-ھەدىس].

ئىككىنچى: بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئەگەر ئاللاھ تائالا پالانى مۆمىن ھالەتتە ياكى كاپىر ھالەتتە ئۆلىدۇ ياكى بەختلىك ياشايدۇ ياكى بەختسىز ياشايدۇ ياكى ئون پەرزەنت رىزىق قىلىپ بېرىلىدۇ دەپ پۈتۈلگەن بولسا، بۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولسا ئېدى، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىگە، ئىرادىسىگە، كاتتىلىقىغا داغ تەككۈزگەنلىك بولىدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا نېمىنى خالىسا شۇ بولىدۇ، نېمىنى خالىمىسا ئۇ بولمايدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئى ئوغۇل!مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي، سەن ئۇ سۆزلەرنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېسىڭدە تۇتساڭ، ئاللاھمۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېسىدە تۇتىدۇ، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلساڭ، ئاللاھ تائالانى باراۋېرىڭدە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، شۇنى بىلگىنكى: پۈتۈن ئۈممەت ساڭا بىر مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر جايغا توپلانسىمۇ، ئۇلار ساڭا ئاللاھ تائالا تەقدىردە پۈتىۋەتكەندىن ئارتۇق بىر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانغان بولسا، ئۇلار ساڭا ئاللاھ تائالا سەن ئۈچۈن تەقدىر قېلىۋەتكەندىن ئارتۇق بىر نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر يېزىشتىن توختىدى، سەھىپىلەر قاتلاندى». [تىرمىزى رىۋايىتى 2516-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

لېكىن بۇ يەردە تەقدىرنىڭ يەنە بىر دەرىجىسى بار، ئۇ بولسىمۇ  پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى سەھىپىلەرگە خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى يېزىشتىن ئىبارەت.

بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئۆزى راست سۆزلىگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى بولسا؛ ئۇ، ئانىسىنىڭ رەھمىدە قىرىق كۈن ئىسپىرما ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن يەنە قىرىق كۈن ئۇيۇل قان ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن يەنە قىرىق كۈن بىر چاينام گۆش ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىپ روھ پۈدىلىدۇ، پەرىشتىگە تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىش بۇيرىلىدۇ: رىزقى، ياشاش مۇددىتى، قىلىدىغان ئىشى ۋە بەختسىزمۇ ياكى بەختلىكمۇ يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3208-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2643-ھەدىس].

بۇ يەردە بىر ئىشلار بولۇپ، بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ پەرىشتىلەرنىڭ قولىدىكى سەھىپىلەرگە يېزىلغانلىرىنىلا ئۆزگەرتىدۇ، گوياكى ئۇنىڭدا: پالانى يېقىندا كېسەل بولىدۇ، شىپالىق دۇئالىرىنى ئوقۇيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى مالامەت قىلىپ كېسەل بولمايدۇ دېگەندەك.

ياكى ئۇنىڭدا: پالانى كىشى ئاتمىش يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ، سىلە-رەھىم قىلىش بىلەن ئۆمرى يەتمىش يىلغا ئۇزىرايدۇ دەپ يېزىلىدۇ، پەرىشتىلەرنىڭ قولىدىكى بۇ سەھىپىلەر ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭدا بىر چەكلىمە يوق.

بۇ ئۆزگۈرۈش ئىلگىرى لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلغاندا بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەلدىن سالامەت قىلىدۇ ياكى ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ، بۇ ئىككى ئىش لەۋھۇل مەھپۇزدىمۇ يىزىلمىغان. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، لەۋھۇل مەھپۇز بىلەن ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.

پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى سەھىپىگە يېزىلغان ئىشلارنىڭ ئۆزگۈرىشى بۇ دەلىل بىلەن بېكىتىلگەن ئۇنىڭدا چەكلىمە يو. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قازا-قەدەرنى پەقەت دۇئا قايتۇرىدۇ، ياخشىلىق ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ». تىرمىزى رىۋايىتى2139-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى22386-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى90-ھەدىس].

سەۋباننىڭ ھەدىسى بۇ لەۋزىدە بايان قىلغان: «قازا-قەدەر پەقەت دۇئا بىلەن قايتۇرىلىدۇ». شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ئۈچىنچى: شەيئىلەرنىڭ تەقدىر قىلىنىشى ۋە پۈتىۋېتىلگەن بولىشى بىلەن ئۇنى قىلىدىغان ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىختىيارىمىزنىڭ بولىدىغانلىقى ئارىسىدا زىتلىق يوق، بىز تەقدىرىمىزگە نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىز ئىشنى قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىقنى ھېس قىلىمىز، مەجبۇرلانغان ھەرىكەت بىلەن قەلىپنىڭ ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش، بىز قوللىرىمىز، پۇتلىرىمىز ياكى كۆزلىرىمىز ياكى باشقا ئەزالىرىمىز ئارقىلىق قىلىدىغان ئىختىيارى ھەرىكەتلەرنىڭ ئارىسىنىمۇ ئايرىيالايمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قىلغان قىلمىشىغا كۆرە ھېساپ ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلدى، ئۇ ئىنساننىڭ يامان ئىشنى قىلغانغا ئوخشاش ياخشى ئىش قىلىشىنى قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بار ئېدى، ئۇنىڭ تەقدىرگە مۇشۇنداق يىزىپ قويۇپتىكەن دەپ تۇرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسان تەقدىرگە يېزىلغان ئىشنى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن بىلىدۇ، ئىشنىڭ ئاخىرىنى بىلمەيدۇ، گۇناھ-مەسىيەت يۈز بەرگەندىن كېيىن يېزىلغان بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن: دۇئا قىلىدۇ، ئىستىغپار ئېيتىدۇ، قىلمىشىغا كۆرە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىدۇ، قىلمىشىنى تۈزىتىپ ياراملىق بولىدۇ، مۇشىنىڭغا ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىز تەقدىرىمىزگە يۆلىنىپ ئەمەل قىلىشنى تەرك قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل قىلىڭلار!، ھەر بىر كىشى نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، شۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ، ئەگەر سائادەتمەن كىشىلەردىن بولسا، ئۇ كىشىگە سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلى مۇيەسسەر قىلىنىدۇ، ئەگەر شەقىلەردىن(بەختسىزلەردىن) بولسا، ئۇ كىشىگە شەقىلەرنىڭ ئەمىلى مۇيەسسەر قىلىنىدۇ دەپ ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز» [بۇخارى رىۋايىتى 4849-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2647-ھەدىس].

ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنيادا تەكشۈرۈپ ئىزدىنىپ: بۇ مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغانمۇ ياكى تەقدىر قىلىنمىغانمۇ؟ دەپ يۈرمەستىن تېرىشچانلىق قىلىپ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى يىزىلغانغا يېتەلمەيدۇ، لېكىن ئىنسان جەننەتكە كېرىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىشپ چارچىغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قېلىدۇ، جەننەتكە ئەمەل بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ، جەننەت ئەھلى ئالى ئورۇنلارغا قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ئەمەس بەلكى سالىھ ئەمەللىرى بىلەن ئېرىشىدۇ.

پۈتۈك ئىشى كۆڭلىنى مەشغۇل قىلسا، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئىتائەتمەن بولۇپ ئەمەل قىلىشنى، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلماسلىقنى يازىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ ئۇ كىشىگە پەرز قىلغان ۋە يولغا قويغان چەكلىمە بۇيرۇقلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەلگە تۈرتكە بولۇشقا كۇپايە قىلىدۇ.

ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىر قىلىنغانلىقى، بېكىتىلگەنلىكىنى بىلىش بىلەن مۇسىبەت يەتكەندە ئىنساننىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ، ئەگەر مەن مۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولىدىكەن دېمەيدۇ. بۇ مەنا توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي أَنْفُسِكُمْ إِلَّا فِي كِتَابٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَبْرَأَهَا إِنَّ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ * لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَى مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ تەرجىمىسى: «يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر، (ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» [سۈرە ھەدىد 22-23-ئايەتلەر].

تۆتىنچى: سىز ساھىبىڭىز توغرىسىدا سورىغان ئىشقا كەلسەك، ئۇنىڭ جاۋابى: ئۇنىڭ ئەجىلى پۈتۈلگەن، بۇ ئاللاھقا مەلۇم، ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن ئىشلار ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن يېزىلىدۇ. بەزىدە: ئۇ كىشى پالانىدىن بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆلىدۇ ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ ياكى ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ ياكى كۆيۈپ كېتىپ ئۆلىدۇ دېگەندەك يېزىلغان بولسا، ئىش يېزىلغان بويىنچە بولىدۇ.

بىز بۇ يەردە تەكرار شۈنى دەيمىزكى: تەقدىر قىلىنغان ئىش توغرىسىدا ئىزدىنىشنىڭ كېرىكى يوق، سىزنىڭ تەقدىر توغرىسىدا تەتقىق قىلىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، بەلكى شەرئى مەسىلىلەردە: مەن ئۇ كىشىگە تاسادىپى ئۇ كىشىنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ياكى ئۇ كىشىگە ياكى ماڭا زەرەر يېتىدىغان بىرەر خەۋەرنى يەتكۈزسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورايسىز.

خەۋەرنىڭ تەبىئىتىنى، ئۇنىڭ ئۇ كىشىگە بولغان ئالاقىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇ توغرىدا جاۋاپ بېرىش مۇمكىن بولمايدۇ، سوئال گۇناھ توغرىسىدا بولسا، ئۇ كىشىنى گۇناھدىن ھەزەر قىلدۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ياكى سۈكۈت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا بۇنى دېيىش، مەسىلەن: بىر كىشى نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۆزى بەك ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلدى، كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ئۇ كىشى بىلەن بىرگە ياشاش ھالال بولمايدىغان بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، چۈنكى ئۇ ئايال ئۇ كىشىنىڭ ئېمىلدەش سىڭلىسى ياكى ھاممىسى ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا بىزگە بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ دەرھال ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ھالال بولماي بىر ئۆيدە تۇرىشى زىناغا ئېلىپ بارىدۇ.

لېكىن ئۇ كىشىگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۇ كىشىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپ بولىدۇ دەيدىغان پەرەز كۈچلۈك بولسا، ئۇ كىشىگە خەۋەر قىلماي بۇ ھارام ئىشنى يوق قىلغىلى بولسا، يەنى ئايالنى بىر يەرگە يولغا سېلىۋېتىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاستىلار بىلەن شۇنداق قىلىش كېرەك بولىدۇ.

بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆز ئەينىنى ئالىملارنىڭ قاراپ چېقىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۇنۇش كېرەك، دەرھال خەۋەر بېرىش ۋاجىپمۇ ياكى كىچىكتۈرۈش دۇرۇسمۇ ياكى مۇتلەق خەۋەر بەرمەسلىك كېرەكمۇ؟ بۇنىڭغا كۆرە جاۋاپ بېرىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، ھەق يولغا يېتەكلەشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
تەقدرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟، تەقدىر پۈتۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئىختىيار قىلغۇچى بولىمىز؟. - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ