ئەيتۇرۇ بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا سۆز كۆپ بولۇپ كەتتى، يەنى ئۇنىڭ بىلەن پاي چېكى ئىلىپ-سېتىش توغرىسىدا، بەزىلەر ھالال دەيدۇ، بەزىلەر ھارام دەيدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ يەھۇدىينىڭ شېركىتى بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ دەيدۇ… بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.
ئەيتۇرۇ چەك بازىرىغا مەبلەغ سىلىش توغرىسىدا
سوئال: 269079
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: پاي چېكى بازىرى ۋە باشقا سودا بازارلىرىغا مەبلەغ سىلىش بەزى توغرا بولىدۇ، بەزىدە ھارام بولىدۇ، يەنى مۇئامىلە قىلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ ھېسابى بويىچە ۋە شەرئى پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقى بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ئەمما پوركىس سىستېمىسىدا پايدا پەرقى ياكى پايدىنى كۈتۈش دېگەندەك شەرىئەتتە چەكلەنگەن بىر تۈرلۈك ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى106094- ۋە 125758- نومۇرلۇق سوپئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
پوركىس تىجارەت سىستېمىسىدىكى شەرئى چەكلىمىلەرنىڭ ئومۇمىسى "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" قارارىدا مۇنداق ئىخچاملاشتۇرۇلغان:
خەلقئارالىق بازاردا ئىلىپ بېرىلىدىغان مۇشۇ تۈردىكى تىجارەت كۆپ ۋاقىتتا شەرىئەت چەكلىگەن سودىلارنى ئۆز ئېچىگە ئىلىش بىلەن تامام بولىدۇ، ئۇ سودىلاردىن:
1-زايومدا تىجارەت قىلىش، بۇ چەكلەنگەن جازانىدۇر، بۇنىڭغا "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىنىڭ (60) ئاتمىشىنچى ماددىسىدا قارار ئالغان.
2-شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى ئايرىماستىن مۇتلەق تىجارەت قىلىش. ھىجىرىيە 1415-يىلى ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى بىلەن ئىسلام دۇنيا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئون تۆتىنچى قېتىملىق يېغىنىدا ئېلىنغان تۆتىنچى قاراردا: ئاساسى مەقسىتى ياكى بەزى مۇئامىلىلىرى ھارام بولغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بىلەن تىجارەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.
3- كۆپ ھالەتلەردە، شەرىئەتتە مۇئامىلە دۇرۇس بولىدىغان شەكىلدە تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان پۇل ئىلىپ-سېتىش سودىسى.
4-تاللاش توختاملىرى ۋە كەلگۈسى توختاملاردا تىجارەت قىلىش. بۇنىڭغا "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىنىڭ (63) ئاتمىشىنچى ماددىسىدا مۇنداق قارار قىلغان: تاللاش توختاملىرى شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى توختام قىلىنغان نەرسە مالمۇ ئەمەس، مەنپەئەتمۇ ئەمەس ياكى ئالماشتۇرۇش دۇرۇس بولىدىغان مالىيە ھەققىمۇ ئەمەس".
ئىككىنچى: "ئەتۇرۇ" تور بازىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى سودا مالىيەنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، جازانە ھەققىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان، چەكلەنگەن پەرقلىق توختاملار ئارقىلىق بولىدىكەن.
پەرقلىق توختام ياكى پەرقنى قوبۇل قىلىدىغان توختام بۇ (cfds)ھەرىپلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ توختام ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توختامدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە ئۇلارغا"سېتىۋالغۇچى" ۋە "ساتقۇچى" دەپ ئىشارەت قىلىنىدۇ، بۇ توختامنىڭ قىممىتى ئاساسلىق كېلىپ چىقىشىغا تۇرىدۇ.(ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى ياكى پاي چېكى كۆرسەتمىسى ياكى كەلگۈسىدىكى تاۋار كېلىشىمى دېگەندەك).
توختام ئاخىرلاشقاندا ياكى توختام قىلغۇچىلارنىڭ ئەتراپى بىكىتىلگەندە، سودا يېپىلىدۇ، ئاساسلىق مەبلەغ كۆتۈرۈلگەن بولسا، ساتقۇچى ئەسلە باھا بىلەن سېتىۋالغۇچى ئاچقان ۋاقىتتىكى باھانىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى سېتىۋالغۇچىغا بېرىدۇ، ئەمما ئەكسىچە ئاساسلىق مەبلەغ چۈشۈپ كەتكەن بولسا، سېتىۋالغۇچى ئەسلى باھا بىلەن ھازىرقى باھانىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ساتقۇچىغا بېرىدۇ".
چەكلەنگەن پەرقلىق توختاملار دېگەن: "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" قارارىدا كەلگەن تاللاش توختاملىرى ۋە كەلگۈسى توختاملىرىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەگەر مۇئامىلىگە دائىملىق پايدا پەرقى قېتىلسا، بۇ ھارامنىڭ يەنە بىر تورىدۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى