ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ ئۈزۈكىنى ئېلىپ يۈتتۈرۋەتكەنلىك توغرىسىدا.

سۇئال: 26962

   بىر كۈنى ئانامنىڭ خەۋىرى يوق ئۇنىڭ ئۈزۈكىنى ئالدىم، ئاندىن يوقۇتۇپ قويدۇم، ئانام ئۈزۈكنى ئىزدىدى ئەمما مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئېلىپ يوقۇتۇپ قويغانلىقىمنى دېمىدىم، مەن شۇ ۋاقىتتا ئون ئىككى ياشلاردا ئىدىم، ھازىر شۇ قىلمىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، خاتالىقىمغا كاپارەت بېرىشنى خالايمەن، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سىز ئانىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز ئۈزۈكىنى ئېلىپ، يوقاپ كەتكەندىن كېيىن خەۋەر بەرمەي خاتا ئىش قىپسىز، سىز ھازىر بولسىمۇ بۇ ئىشتىن ئاپىڭىزنى خەۋەردار قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۈزۈك ئېلىپ بېرىڭ، چۈنكى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى رۇخسەتسىز ئىلىش توغرا بولمايدۇ، ئالغان نەرسىنى تۆلەپ بېرىش كېرەك، بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن قىلىنغان خاتالىقلارغا گۇناھ بولمىسىمۇ، لېكىن تۆلەپ بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئالىملارنىڭ قارىشىدا كېچىك بالا بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئېلىپ بۇزىۋەتكەن بولسا، ئۇنى تۆلەيدۇ، ئەگەر ئالغان نەرسە تولۇق بولمىسا ئۇنىڭ كەملەپ كەتكەن قىسمىنى تۆلەيدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنى ئاپىڭىزغا ئوچۇق بايان قىلسىڭىز، ئارىڭىزدا سوغۇقچىلىق ۋە ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدىغان بولسا، كۆرۈنۈشتە ھەدىيە-سوغات بەرگەن شەكىلدە باشقا بىر ئۈزۈك ئېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android