ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سۇئال: 26989
روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزى پەرزمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟ بۇ نامازنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ گۇناھى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ھەر بىرى پەرز كۇپايە بولۇپ، كۆپچىلىك كىشىلەر ئادا قىلسا قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ، بەزى ئۆلىمالار: ھېيت نامىزى جۇمە نامىزىغا ئوخشاش پەرز ئەين (ھەر كىشى ئۆزى ئادا قىلىدىغان) بولۇپ، مۆمىننىڭ ھېيت نامىزىنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى 8-توم 284-بەت