0 / 0
3406/09/2024

سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا

سوئال: 276

بىر جامائەت ئارىسىدىكى سۆھبەتتە بىز ئىسلامدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى تونۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتۇق، بىز ھەممەيلەن ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ نەقەدەر زۈرۈر ئىكەنلىكىنى تامامەن بىلىمىز، بىز ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ياخشى كۆرۈمىز، بىزنىڭ بۇ يەردىكى سوئالىمىز: ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈنىڭ روشەن بىر رامكىسى بارمۇ؟، بەزىلەر:  سۆيگۈ دېگەن ئائىلە ئىچىدە بولىدۇ، سېرتتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە بىر-بىرىنى ئېھتىرام قىلىش، دوستلۇق ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت دەيدۇ. بەزىلەر:  سۆيگۈ ئەر-ئايال ۋە پەرزەنتلەر ئارىسىدا بولىدۇ، دەيدۇ. بەزىلەر:  سۆيگۈ مەلۇم شەرتلەر بىلەن بولامدۇ ياكى شەرتسىزمۇ؟ دەيدۇ. بەزىلەر:  ئومۇمى ئىپادىلەشكە كۆرە: سۆيگۈ دېگەن:  خىيالى ۋەقەلىك ۋە خرىستىئانلارنىڭ پەلسەپىسىگە ئاساسەن بولىدىغان دىندا ئەسلى يوق ئىش دەيدۇ، بىز قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئىزدەندۇق، لېكىن ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق، سىلەرنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھۆرمەتلىك سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم!  سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، سىز دوستلىرىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىزنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىمان، ئىسلام توغرىسىدا ئىزدىنىپ ئىسلامى سۆيگۈ توغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بېرىپسىز، ھەقىقەتەن سىز ۋە دوستلىرىڭىز شەرئى مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە ئالىملارنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈپسىز، بىز سىز ۋە دوستلىرىڭىزغا ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن سۆيگۈمۇھەببەتنىڭ تۈرلىرى ۋە قىسىملىرى توغرىسىدا بەزى مۇھىم بىلىملەرنى بايان قىلىپ بېرىمىز، شۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كۆڭلۇڭلاردىكى تۈگۈن يېشىلىدۇ.

   سۆيگۈمۇھەببەتنىڭ تۈرلىرى ۋە قىسىملىرى:  خاس سۆيگۈ ۋە ئورتاق سۆيگۈ دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، خاس سۆيگۈمۇھەببەتمۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان سۆيگۈ ۋە شەرىئەتتە چەكلەنگەنھارام بولغان سۆيگۈ دەپ يەنە ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان سۆيگۈمۇ بىر قانچە قىسىمغا ئايرىلىدۇ:

 1 ئاللاھ سۆيگۈسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى بولسا ئەڭ مۇھىم ۋاجىباتلارنىڭ بىرىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسى بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ۋە ئاساسىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بەندىنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولىدۇ، بۇنىڭ كەمچىل بولىشى بىلەن تەۋھىد ۋە ئىمانى كەمچىل بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ تەرجىمىسى:  «مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر» [ سۈرە بەقەرە 165 ئايەت.]

    يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنْ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ وَاللَّهُ لا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ تەرجىمىسى: « ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك – چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ.» «سۈرە تەۋبە 24 ئايەت].

   بۇنىڭدىن باشقىمۇ قۇرئانھەدىستە نۇرغۇن دەلىللەر بار، سۆيگۈ دېگەن ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن بەندىسى ياخشى كۆرۈدىغان ۋە خالايدىغان نەرىسىلەرنى تاللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەندە ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆچ كۆرگەننى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ دوست تۇتقاننى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھ دۇشمەن تۇتقاننى دۇشمەن تۇتىدۇ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى لازىم تۇتىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى جەلىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپتۇر.

   2-رەسۇلۇللاھ سۆيگۈسى، بۇمۇ دىنى ۋاجىپلارنىڭ بىرىدۇر، بەلكى بەندە رەسۇلۇللاھنى ئۆز جېنىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرمىگۈچە  مۇكەممەل ئىمانغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ بالىسىدىن، ئاتائانىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن بەكرەك ياخشى كۆرۈنگۈچى بولمىغانغا قەدەر ئۇ كىشى ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى44-ھەدىس].

   ئابدۇللاھ ئىبنى ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:  بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى تۇتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلە ماڭا مېنىڭ جېنىمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن بەك سۆيۈملۈك دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  ياق!  مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!  ھەتتا مەن ساڭا جېنىڭدىنمۇ بەك سۆيۈملۈك بولمىغىچە ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئى رەسۇلۇللاھ!  ھازىر سىلە ماڭا مېنىڭ جىنىمدىنمۇ بەك سۆيۈملۈك دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۆمەر!  ھازىر ئىمان مۇكەممەل بولدى، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى. پەتھۇلبارى 6632 -ھەدىس].

    سۆيگۈ ئاللاھ تائالاغا بولغان سۆيگۈگە ئەگىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ بولسا، ھەممە ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى باشقا ھەرقانداق سۆزدىن ئەۋزەل كۆرۈشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   3-باشقا پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش، بۇمۇ ۋاجىپ بولغان سۆيگۈنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا بولغان سۆيگۈ؛ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان كىشىلەرنىمۇ ياخشى كۆرۈشنى ۋاجىپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچىلار بولسا، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق سالىھ، ياخشى كىشىلەردۇر. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى ئاللاھ بارىسىدا ياخشى كۆرسە دېگىنى: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىتائەت قىلغان كىشىلەرنى تائەتئىبادەتلىرى ئۈچۈن ياخشى كۆرسە دېمەكتۇر.

    بەندىنىڭ ئىمانى كۆپ ناماز ئادا قىلىش ۋە كۆپ روزا تۇتۇش بىلەن مۇكەممەل بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھنى تائەتئىبادەت بىلەن ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈش بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئۆزىمىزنى ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ ئالتۇنكۈمۈشلىرىگە ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىنمۇ بەكرەك ھەقلىق ئەمەس دەپ قارايتتۇق».

    چەكلەنگەن سۆيگۈ:

   چەكلەنگەن سۆيگۈنىڭ جۈملىسىدىن: شېرىك، شېرىك دېگەن: ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئاللاھ تائالاغا سۆيگۈمۇھەببەتتە باشقىلارنى شېرىك قىلىش بولۇپ، زېمىن ئەھلىنىڭ زور كۆپچىلىكى سۆيگۈمۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈشتە ئاللاھ تائالاغا باشقا شېرىكلەرنى قىلدى.

    چەكلەنگەن سۆيگۈنىڭ جۈملىسىدىن: شېرىكتىن تۆۋەن ئورۇندا بولغانلىرى:  ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ ئائىلەپەرزەنتلىرىنى، مالدۇنياسىنى، ئۇرۇغتۇغقان، خانىدانىدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈشى، قىلىۋاتقان تىجارىتىنى، ئولتۇراق ئۆيلىرىنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، بۇ نەرسىلەر ئىنساننى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە پەرز قىلغان ھىجرەت، جىھاد قاتارلىق بەزى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِن كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُم مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ

تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار» [سۈرە تەۋبە 24-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].  

   بۇنىڭ ئىزاھاتى خاس سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، قىسىملىرىدا زىكىر قىلىندى.

   ئەمما ئورتاق بولغان سۆيگۈ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچىسى:  تەبىئى سۆيگۈ، خۇددى ئاچ ئىنسان يېمەكنى ياخشى كۆرگەندەك، ئۇسسۇز ئىنسان سۇنى ياخشى كۆرگەندەك، بۇ بىر نەرسىنى ئۇلۇغلايدىغان سۆيگۈ ئەمەس، بۇ دۇرۇس بولغان سۆيگۈدۇر.

   ئىككىنچى:  مېھرىمۇھەببەت ۋە رەھىمشەپقەت سۆيگۈسى.  ئاتائانا ئۆزىنىڭ كېچىك پەرزەنتىنى ياخشى كۆرگەندەك، بۇ سۆيگۈ بىر نەرسىنى ئۇلۇغلايدىغان سۆيگۈ ئەمەس، بۇ دۇرۇس بولغان سۆيگۈدۇر.

   ئۈچىنچى: سۆھبەتداشلىق ۋە يېقىنلىق سۆيگۈسى، بۇ خۇددى بىر نەرسە ياساشنى ياكى ئىلىم ئۆگىنىشنى، ياكى ھەمراھ بولۇشنى ياكى تىجارەت قىلىشنى ياكى سەپەردە بىربىرىنى ئورتاق ياخشى كۆرۈش ياكى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ بىربىرىنى ياخشى كۆرۈشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۈر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىربىرىنى ياخشى كۆرۈشىگە يارايدۇ، چۈنكى بۇ تۈردىكى سۆيگۈ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە تېپىلىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆيگۈمۇھەببەتتە ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرگەن بولمايدۇ.

    مۇراجىئەت قىلىنىدىغان تېما:  كىتاب تەيسىيرىل ئەزىزىل ھەمىيد: باپ:  [ئىنسانلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنى قويۇپ ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالىدۇ].

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەقسىم قىلىش، ئايرىش ۋە ئىزاھلاش سىلەرگە بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاشتۇرۇپ بەردى. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىلەرنى بارلىق ياخشىلىقلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android