ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
42309/02/2023

ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 279321

ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئېرى ۋاپات بولۇپ ياكى كەسكىن تالاق قىلىنىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كۈندۈزدە چېقىپ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى يوقلاپ، كېچىدە قايتىپ ئۆز ئۆيىدە قونۇشى توغرا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى قائىدە: ئەگەر ھاجەت بولسا ئۇ ئايال كۈندۈزدە چىقسا توغرا بولىدۇ، كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش بولسا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەرئى ھاجەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئانىسى بىلەن سۆھبەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش بار، لېكىن رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال بولسا، ئۇ ئايالنىڭ سىرتقا چېقىشى يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال بولسا، تالاق قىلغۇچىنىڭ ئايالىدۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىدى. كۆپراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەپسىلى جاۋابقا قارالسۇن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئېرى ۋاپات بولۇپ ياكى كەسكىن تالاق قىلىنىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كۈندۈزدە چېقىپ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى يوقلاپ، كېچىدە قايتىپ ئۆز ئۆيىدە قونۇشى توغرا بولىدۇ.

 بۇنىڭدىكى قائىدە:  ئەگەر ھاجەت بولسا ئۇ ئايال كۈندۈزدە چىقسا توغرا بولىدۇ.  كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش بولسا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەرئى ھاجەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئانىسى بىلەن سۆھبەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش بار.  152188 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن:  ئاتام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئانام ئىددەت تۇتۇش جەريانىدا ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى يوقلاش ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلىنىدۇ، چوڭ ئاپام ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا قادىر بولالمايدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە چوڭ ئاپام بىلەن ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يىراق ئەمەس، ھەر ئىككىسى بىر مەھەللىدە ئولتۇرىدۇ، مېنىڭ سوئالىم:  ئانام چوڭ ئانامنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقسا بولامدۇ؟، ئانام ئىلگىرىمۇ ئىددەت ۋاقتىدا چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم كەتكەن، بۇ ئىشتا ئاپامغا گۇناھ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:  ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ھاجەتلىرى ئۈچۈن كۈندۈزى سىرتقا چېقىشى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما كېچىسى چېقىشى چەكلىنىدۇ، ئانىسىنى زىيارەت قىلىشى دېگەن چوڭ ھاجەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يىراققا سەپەر قىلماستىن يوقلىسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ  ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ئۆزئارا ئۈلپەت بولۇش ئۈچۈن كۈندۈزدە توپلىشىپ ئولتۇرىشىغا، كەچتە ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ:  «ئوھۇد كۈنىدە نۇرغۇن ئەرلەر شېھىت بولىدى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەرئەلەيسىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز كېچىلىرى يالغۇز سىراپ قورقۇپ قالىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىدە بىربىرىمىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتتىگەندە ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ كەتسەك بولامدۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىرلىرىڭلارنىڭ ئۆيىدە توپلىشپ ئولتۇرۇڭلار ئۇيقۇڭلار كەلگەندە ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار» دېدى. ئابدۇرەززاق "ئەلمۇسەننىپتە" بەيھەقىي" سۈنەن كۇبرادا" بايان قىلغان.  ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي. پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.  سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن:  شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ سالىھ پەۋزان، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 20 توم 476 بەت. ]

    لېكىن تالاق قىلىنغان ئايال رەجئى تالاق بولسا، ئۇ ئايالنىڭ سىرتقا چېقىشى ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى رەجئى تالاق قىلىنغۇچى دېگەن تالاق قىلغۇچىنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە تۇرمۇشى ئۈزۈلمىدى، ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىدە باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ھەق بار.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: « ئەر كىشى ئايالىنى بىر ياكى ئىككى تالاق قىلسا ئۇ ئايال ئۆيدىن پەقەت ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىدۇ».  ئىبنى ئەبى شەيبە "ئەل مۇسەننىپ"   4 توم 142 بەت.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android