ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: بالىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق كۈزىتىش سېستىملىرىنى بېكىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن جاسۇسلۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيراً مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ وَلا تَجَسَّسُوا وَلا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضاً أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتاً فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە ھۇجرات 12-ئايەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان سۆزنى يالغانغا چىقىرىدۇ، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ئايغاقچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار، بىر كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى توي تەكلىپى قويغان قىزغا ئۇ قېرىندىشى توي قىلغان ياكى ۋاز كەچكەنگە قەدەر توي تەكلىپى قويمىسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 5144-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2563-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەي تىلى بىلەن مۇسۇلمان بولغان، ئىمان دىلىغا ئورناشمىغان كىشىلەر! مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، كىمكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ، ئاللاھ ئەيىبىنى ئىزدىگەن ئادەم رەسۋا بولىدۇ ياكى گەرچە ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى2032-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
بۇ يەردىكى توغرا يول، ئاتا ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ كومپيۇتېردىكى ئىشلىرىنى كۈزىتىدىغانغا سىستېىمى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ سىستېمىنى ئۇلارغا كۆرسەتمەستىن مەخپى قىلىش ياكى بالىلار بىكار قىلىۋېتەلمەيدىغان سىستېمىنى تاللىشى كېرەك.
ناچار، ئەخلاقسىز بەتلەرنى چەكلەيدىغان سېستىما بېكىتسە بولىدۇ، بۇنداق قىلىش جاسۇسلۇققا كىرمەيدۇ بەلكى ئۇ بۇزۇقچىلىق ۋە زېياننى چەكلەشنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيتىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلائِكَةٌ غِلاظٌ شِدَادٌ لا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، كىشىلەرگە باشلىق بولغان مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، ئەر ئائىلىگە مەسئۇل، ئۇ كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرەڭلاردىن سورىلىسىلەر». [بۇخارى رىۋايىتى 7138-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1829 –ھەدىس].
مەقىل ئىبنى يەسار ئەل مۇزەنىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا بىر ئىشقا مەسئۇل قىلسا، ئۇ كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكىلەرنى ئالدىغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى7151-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 142-ھەدىس].
ئىككىنچى: بۇ تۈردىكى ۋە باشقا تۈردىكى توغرا ئىشقىمۇ ياكى ھارام ئىشقىمۇ ئىشلەتسە ئىشلەتكىلى بولىدىغان سېستىمىلارنى سېتىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىش ئەسلىدىن توغرا، لېكىن سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇنى ھارامغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسە ياكى كەسكەن گۇمان قىلسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئۇنداق كىشىلەرگە سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما سېتىۋالغۇچىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، ياكى بۇنى ھارامغا ئىشلىتەمدۇ ياكى توغرا ئىشقىمۇ بۇنى بىلمەيدىكەن ياكى جەزىم قىلالمايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ساتسا توغرا بولىدۇ، ئەگەر سېتىۋالغۇچى ھارامغا ئىشلەتسە ئۇنىڭ خاتالىقى سېتىۋالغۇچىغا بولىدۇ.
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 13-توم 109-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھارام ئىشلار ئىشلىتىدىغان ياكى كۈچلۈك گۇماندا ھارامغا ئىشلىتىدۇ دەپ قارايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ياساش، سىرتتىن كەلتۈرۈش، سېتىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا راۋاجلاندۇرۇش ھارام بولىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.