ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسكىلىكى ئازراق بولغان كاپىرلارغا بىلەت تاشلىشى دۇرۇسمۇ ؟

سۇئال: 3062

بىر غەيرى ئىسلام دۆلىتىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئۇ يەردىكى سايلاملارغا قاتنىشىشقا ھەمدە غەيرى مۇسۇلمان سىياسى گۇرۇھ ۋە پارتىيەلەرگە بىلەت تاشلاشقا بولامدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ . ئۇلار ئەگەر مەلۇم بىر پارتىيە بۇ سايلاملاردا غەلبە قىلسا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە خىزمەت قىلغان بولاتتى دىيشىدۇ ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ – ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە جايلاردا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ھۆكمى ھەرخىل بولىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ ھەرقانداق رىئال ۋە گۇمانى ئەھۋاللارغا ماس كىلىدىغان ئومۇمى ھۆكۈم يوق .
بەزى ئەھۋاللاردا بىلەت تاشلاش خاتا، مەسىلەن ، بۇ ئىش مۇسۇلمانلارغا ھىچ قانداق تەسىرى بولمىسا ، ياكى مۇسۇلمانلار بىلەت تاشلاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمىسە .بۇ ئەھۋالدا بىلەت تاشلاش ياكى تاشلىماسلىق ئوخشاشتۇر. ئوخشاشلا بارلىق كاندىداتلار ئوخشاش ئەسكى ياكى ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان پوزىتسىيسى ئوخشاش بولغان ئەھۋاللاردىمۇ ھەم …
ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى مۇسۇلمانلاردىن بىلەت تاشلاش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ئەسكىلىكلەردىن ساقلىنىشنى ھەمدە زىيانلىق تەسىرلەرنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلسا ، مەسىلەن ، ئىككى غەيرى مۇسۇلمان كاندىدات بار ، بىراق بىرى يەنە بىرىگە قارىغاندا مۇسۇلمانلارغا ئازراق دۈشمەنلىك قىلىدۇ ، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ سايلام بىلەتلىرى سايلامنىڭ نەتىجىسىگە تەسىرى بار . بۇنداق ئەھۋاللاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز بىلىتىنى ئەسكىلىكى ئازراق بولغان كاندىداتقا تاشلىسا چاتاق يوق .
قانداقلا بولمىسۇن ،بۇ، پايدا- زىياننى ئۆلچەش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدىغان ئىجتىھاد مەسىلىسى .شۇ ڭا بۇنى بۇ پرىنسىپنى چۈشىنىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز لازىم. ھەمدە بىز سۇئالنى ئۇلارغا ، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ئەھۋاللار ۋە قانۇنلارنى ، كاندىداتلارنىڭ ئەھۋالىنى ، بىلەتنىڭ مۇھىملىقىنى ، بولغۇسى پايدىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن ھالدا قويىشىمىز لازىم .
ھىچكىم بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ دىگۈچى كىشىنى كاپىرلىقنى قوللىغۇچى ياكى ئۇنى يۆلىگۈچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ، ھەرگىزمۇ كاپىرلىقنى ياكى ئۇنىڭ ئەھلىنى سۆيگەنلىكتىن بولمىغان . ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار رىملىقلار پارىسلارنى مەغلۇپ قىلغاندا خۇشال بولغان ، شۇنىڭدەك ھەبەشىستاندىكى(ئىفىئوپىيە)مۇسۇلمانلار نەجاشى ئۆزىنىڭ پادىشالىقىنى تالاشقۇچىلارنى مەغلۇپ قىلغاندا خۇشال بولغان . بۇ تارىختا مەلۇم. كىمكى بىخەتەر تەرەپتە بولۇشنى ھەمدە بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشنى خالىسا بۇمۇ رۇخسەت . بۇ جاۋاپ پەقەت تەسىرى بار ئورۇنلاردىكى شەخىسلەرنى سايلاشقا ماس كىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى .
 

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android