0 / 0
24/شەئبان/1446 , 23/فېۋرال/2025

پەرز ۋە ۋاجىپ روزا بىلەن نەپلە روزىنى نىيەتتە شېرىك قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 309385

روزىدا شېرىك قىلىش مەقسىتىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئۆز زاتى  مەقسەت قىلىنىدىغان روزا بىلەن ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنمايدىغان روزىنىڭ ئارىسىنى قانداق ئايرىيمىز؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  نىيەت بىلەن ئىبادەتلەرنىڭ ئارىسىنى شېرىك قىلىشتىكى قائىدە:  ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرى ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان ئىبادەت بولماسلىقى كېرەك، شۇنداق بولغاندا نىيەت بىلەن ئۇ ئىبادەتكە باشقا بىر ئىبادەتمۇ كىرىپ كېتىدۇ، بۇ روزىنى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

روزىدا:  ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان روزىلار بولسا، رامىزان روزىسىغا ئوخشاش، رامزاننىڭ قازا روزىسى، نەزىر قىلغان روزا، خاس كۈنلەردە تۇتىدىغان روزىلار، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىغا ئوخشاش، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى، دۇشەنبە-پەيشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى قاتارلىقلار، (بۇ كۈنلەرنىڭ بەزىسىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ) بۇلار ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان روزىلارمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ؟.

ئەمما ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنمايدىغان روزىلار:  بۇ ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقانغانغا ئوخشاش كۈننىڭ خۇسۇسىيىتىگە قارىماستىن مۇستەھەپ بولغان روزىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مەقسەت قىلىدۇ.

ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ياكى دۈشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى بىلەن ھەر ئايدا ئۈچ كۈن تۇتىدىغان روزىنىڭ نىيىتىنى شېرىك قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

"پىقھى  ئېنسىكلوپېدىيەسى" 12 -توم 24 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئىككى ئىبادەتنىڭ قۇرۇلمىسى بىر-بىرىگە كىرىشىدىغان بولسا، خۇددى جۈمە كۈنلۈك يۇيۇنۇش بىلەن جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى بىرگە قىلغاندەك ياكى جۈمە كۈنلۈك يۇيۇنۇش بىلەن ھېيتلىق يۇيۇنۇشنى بىرگە قىلغاندەك ياكى ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرى زاتى مەقسەت قىلىنمايدىغان بولسا خۇددى تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزىنى پەرز ناماز ياكى باشقا سۈننەت ناماز بىلەن بىرگە نىيەت قىلغاندەك، نىيەتتە ئۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ ئارىسىنى شېرىك قىلىش، ئۇ ئىبادەتتە خاتا بولمايدۇ، چۈنكى تاھارەتنىڭ قۇرۇلمىسى بىر-بىرىگە كىرىشىدۇ، تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەقسەت ئورۇننى ناماز بىلەن مەشغۇل قىلىشتۇر، بۇنىڭغا باشقا ئىبادەتلەرمۇ كېرىدۇ.

ئەمما ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان ئىككى ئىبادەتنىڭ ئارىسىنى شېرىك قىلىش مەسىلەن: پېشىننىڭ پەرىزى بىلەن سۈننىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىككىسىنى بىر نىيەت بىلەن ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسى مۇستەقىل ئىككى ئىبادەت بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىگە كىرمەيدۇ".

دوكتۇر ئۆمەر سۇلايمان ئەشقەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: " مۇشۇ سۈرەتلەرنىڭ ئوخشىشىدا بىر ھەرىكەت بىلەن ياكى بىر نىيەت بىلەن ئىككى ئىبادەت ھاسىل بولىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەر مۇنداق دەيدۇ: شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئەمەلنى ھاسىل قىلىشنى روياپقا چىقىرىشتۇر، تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى بۇنى نىيەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بۇ ناماز پەرز نامازنى ئادا قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، چۈنكى بۇ نامازدىن بولغان مەقسەت ئورۇننى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". "[مەقاسىدۇل مۇكەللىپىين" 255 -بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر ئىبادەتتە بىر قانچە ئىبادەتنى نىيەت قىلىش توغرا بولامدۇ؟ ، مەسىلەن: پېشىنگە ئەزان ئوقۇلغاندا مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئىككى رەكەت نامازنى تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى، تاھارەت ئالغاندا ئوقۇيدىغان ناماز ۋە پېشىننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى دەپ نىيەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇ بەك مۇھىم قائىدە، ئۇ: ئىبادەتلەر بىر-بىرىگە كىرىپ كېتەمدۇ" دېگەن قائىدە بولۇپ، بىز دەيمىزكى: بىر ئىبادەت يەنە بىر ئىبادەتكە ئەگىشىدىغان بولسا، ئۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە كىرىپ كېتىش بولمايدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: بامدات نامىزى ئىككى رەكەت، ئۇنىڭ سۈننىتىمۇ ئىككى رەكەت، بۇ سۈننەت مۇستەقىل ناماز بولسىمۇ لېكىن ئۇ سۇننەت پەرىزنى مۇكەممەل قىلىدۇ، بۇ سۈننەت پەرزنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ، پەرزمۇ بۇ سۈننەتنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نامازنىڭ سۈننىتى پەرىزگە ئەگىشىدۇ، ئىبادەت ئۆزىنىڭ غەيرىگە ئەگىشىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ، ئەگەشكۈچى ئەگەشتۈرۈلگىچىنىڭ ۋە ئەگەشتۈرۈلگىچىمۇ ئەگەشكۈچىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ.

يەنە بىر مىسال: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزدىن كېيىن ئوقۇيدىغان سۈننىتى بار، ئىنسان جۇمەنىڭ پەرزىنى ئوقۇسا، بۇ جۈمەدىن كېيىن ئوقۇيدىغان سۈننەتتىن بىھاجەت قىلامدۇ؟.  جاۋاپ: ياق، چۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ سۈننىتى دېگەن جۇمەگە ئەگىشىدۇ.

ئىككىنچى: ئەگەر ئىككى ئىبادەتنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن مۇستەقىل بولسا، بۇ ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىككى ئىبادەت بىر-بىرىگە كىرمەيدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: ئەگەر بىر ئادەم مەن پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيمەن، بۇ ئىككى رەكەت ناماز بىلەن تۆت رەكەتنى نىيەت قىلىمەن دېسە، چۈنكى پېشىندا پەرزدىن بۇرۇن بىر سالام بىلەن ياكى ئىككى سالام بىلەن تۆت رەكەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ، بۇ شەكىلدە ئىككى رەكەت ئوقۇيمەن ۋە تۆت رەكەتنى نىيەت قىلىمەن دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىم بولغان مۇستەقىل ئىبادەتتۇر، ھەر بىرىنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنىدۇ، بىرى يەنە بىرىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ.

يەنە بىر مىسال: خۇپتەننىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت سۈننىتى بار، سۈننەتتىن كېيىن ۋېتىر نامىزى بار، ئۈچ رەكەت ۋېتىر نامىزىنى ئىككى قېتىم سالام بېرىپ ئوقۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يەنە بىر رەكەتنى ئوقۇيدۇ، ئەگەر بىر كىشى:  مەن خۇپتەننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىگە ئىككى رەكەت ۋېتىرنى بىرگە جۈپلەپ نىيەت قىلىپ ئوقۇيمەن دېسە، بۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى نامازنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىم بولغان، ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان مۇستەقىل ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ.

ئۈچىنچى:  ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرى ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنمايدىغان، پەقەت ئىبادەتتىن مۇشۇ تۇرنى قىلىش مەقسەت قىلىنىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ بىرىنى قىلىش يەنە بىرىدىن كۇپايىلىنىدۇ، لېكىن ئەسلىنى ئادا قىلىش شاخچىسىدىن كۇپايە قىلىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى بامداتقا ئەزان چىققاندىن كېيىن پەرز نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن مەسچىتكە كىردى، بۇ يەردە ئۇ كىشىدىن ئىككى ئىش تەلەپ قىلىنىدۇ:  تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى،  چۈنكى تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى بولسا، ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان ناماز ئەمەس، بۇ نامازدىن بولغان مەقسەت مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشتۇر، سىز بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇسىڭىز، سىزنىڭ مەسچىتكە كېرىپ ئولتۇرماستىن ئىككى رەكەت ئوقۇغانلىقىڭىزغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر سىز شاخچىنى نىيەت قىلسىڭىز يەنى  سىز ئىككى رەكەت سۈننەتنى نىيەت قىلماستىن تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسىڭىز، بۇ ئىككى رەكەت سۈننەتتىن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئىككى رەكەت سۈننەت دېگەن ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان نامازدۇر، تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئورۇننى ناماز بىلەن مەشغۇل قىلىشتۇر.

ئەمما سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالى: ئۇ كىشى مەسچىتكە پېشىنغا ئەزان ئوقۇلغاندا كىرگەن بولۇپ، ئۇ كىشى ئىككى رەكەت ناماز بىلەن تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى، تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت ناماز ۋە پېشىننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى نىيەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ دېگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئىككى رەكەت بىلەن  تەھەييەتۇل مەسچىت ۋە پېشىننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى نىيەت قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمما تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت ناماز توغرىسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، ناماز جەريانىدا كۆڭلىدە باشقا ئۆزگىرىشلەر بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە قارايلى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىدىن تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئايرىم ئىككى رەكەت ناماز بارمۇ ياكى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن قانداق بولسا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەقسەت قىلىنامدۇ؟.

قاراپ باقايلى:  تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئايرىم ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەقسەت قىلىنىدىغان بولسا، بۇ ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان ناماز بولىدۇ، ئەمما تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت ئىككى رەكەت نامازلا ئوقۇش بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بۇنىڭ بىلەن :تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى، تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت ناماز ۋە پېشىننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى نىيەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا» دېگەن سۆزىدىن مۇستەقىل ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى قانداق بولسا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، ھەتتا ئىككى رەكەت پەرز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىز دەيمىزكى: سوئال سورىغۇچى زىكىر قىلغان مىسالدا، ئۇ ئىككى رەكەت ناماز:  ئىككى تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى، تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت ناماز ۋە پېشىننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىگە كۇپايە قىلىدۇ.

يەنە بىر مىسال: بىر كىشى جۈمە كۈنىدە جۇنۇپلۇقتىن غۇسلە قىلدى، بۇ، جۈمە ئۈچۈن يۇيۇنۇشتىن كۇپايە قىلامدۇ؟.

ئەگەر جۇنۇپلۇقتىن غۇسلە قىلغاندا، جۈمە ئۈچۈنمۇ يۇيۇنۇشنى نىيەت قىلسا، ئۇ كىشىگە بۇنىڭ ساۋابىمۇ ھاسىل بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە:  «ئىنسان نېمىنى مەقسەت قىلسا، ئاشۇ نىيەت-مەقسەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» دېگەن، لېكىن جۇنۇپلۇقتىنلا يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ،  جۇمە ئۈچۈن بولغان يۇيۇنۇشتىن كۇپايە قىلامدۇ؟.

قاراپ باقايلى:  جۇمە كۈنى ئۈچۈن بولغان يۇيۇنۇشتىن جۈمە كۈنىنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى ئىنساننىڭ مۇشۇ كۈن ئۈچۈن پاكىزە بولىشى مەقسەت قىلىنامدۇ؟.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەگەر سىلەر مۇشۇ كۈن ئۈچۈن پاكىز بولغان بولساڭلار» دېگەن سۆزىدىكى پاكىزلىقتىن بولغان مەقسەت:  جۈمە كۈنىدە پاكىز بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسان جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇش بىلەن بۇ مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر ئىنسان جۈمە كۈنىدە جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنسا، بۇ جۈمە كۈنلۈك يۇيۇنۇشتىنمۇ كۇپايە قىلىدۇ، گەرچە بۇنى مەقسەت قىلمىغان بولسىمۇ مەيلى، ئەگەر قېتىپ نىيەت قىلغان بولسا مەسىلە ئېنىق. ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "پەتىۋالار ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى"  14 -توم 299- 302  -بەتلەر.

بۇنىڭ بىلەن شۇ ئېنىق بولىدۇكى: بۇ قائىدىنى بېكىتىش بولسا ئالىمنىڭ نەزىرىدە:  بەندىلەرنىڭ ئەمىلى ئەسلىدىن بېكىتىلگەنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ غەيرىگە ئەگەشكەنلىكىدىن بېكىتىلگەنمۇ دېگەن سۆز، دەلىللەرنىڭ كېلىش مەنبىيىدىن ۋە شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىدىن ئىجتىھاد قىلىش بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەنەپى ئالىملىرى: ئىبادەتنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشى ئىبادەتنىڭ ۋاستىلىرىدا بولىدۇ ( يەنى ئىبادەتنىڭ شەرتلىرىدە بولىدۇ) دېگەننى بېكىتتى، تاھارەتنى ئالساق، ئۇلارنىڭ قارىشىدا"نىيەتتىن ئىبارەت" ۋاسىتە ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشى توغرا بولىدۇ، خۇددى بىر قېتىم يۇيۇنۇش بىلەن جنۇپلۇقتىن پاك بولۇش ۋە جۈمە كۈنىدە پاك بولۇشنى نىيەت قىلغاندەك.

ئەمما"مەقسەتتە" يەنە تەلەپ قىلىنغۇچى ئىبادەتنىڭ ئۆزىدە، بىر-بىرىگە كىرىشى توغرا بولمايدۇ، خۇددى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە بۇ نامازنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قازاسىنى بىرگە نىيەت قىلسا دۇرۇس بولمىغانغا ئوخشاشتۇر.

ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ۋاقىتتا بىر تۈردىن بولغان ئىككى ئىبادەت جۇغلىشىپ قالسا، ئىككىسىنىڭ بىرى قازاسىنى قىلىش يولىغا ئاساسەن بولمىسا ياكى شۇ ۋاقىتتا يەنە بىرىگە ئەگىشىدىغان يول بىلەن بولمىسا، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر-بىرىگە كىرىپ كېتىدۇ، بىرىنى قىلىش ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ.

بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:  ئىككىسىنىڭ بىرىنچى تۈرى: بىرىنى قىلىش بىلەن ئىككى ئىبادەت بىرلىكتە ھاسىل بولىدۇ، مەشھۇر قاراشتا ئۇ ئىككىسىنى بىرگە نىيەت قىلىش شەرت قىلىنىدۇ.

بۇنىڭ مىسالىدىن: بىر كىشى چوڭ تاھارەت ۋە كېچىك تاھارەت ئالماقچى بولسا، ھەنبەلى مەزھەپتىكى قاراشقا كۆرە:  ھەر ئىككىسىنى نىيەت قىلىپ چوڭ تاھارەت ئالسا كۇپايە قىلىدۇ.

بۇنىڭ شاخچىلىرىنى مەزھەپ قارىشىغا كۆرە چىقىرىشتا  مىساللار بەك كۆپ.  ئاندىن مۇنداق دېدى: "ئىككىنچى تۈرى:  ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىبادەتنى نىيەت قىلىشى بىلەن ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرى ھاسىل بولىدۇ، يەنە بىرى ئۇ كىشىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.   بۇنىڭ مىساللىرىدىن: بىر كىشى مەسچىتكە تەكبىر ئېيتىلغاندا كىرگەن بولسا، جامائەت بىلەن بىرگە نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشىدىن تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى چۈشۈپ كېتىدۇ.

يەنە بىر مىسال:  ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەن كىشى ھەرەمگە كېرىپ ئۆمرەنىڭ تاۋاپىنى باشلىسا، ئۇ كىشىدىن تۇنجى كەلگەندە قىلىنىدىغان تاۋاپ (تاۋاپۇل قۇدۇم) چۈشۈپ كېتىدۇ"... "قەۋائىدۇ ئىبنى رەجەپ"  1 -توم 142 -بەت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەتلەرگە قارالسۇن.

بىر-بىرىگە كىرىپ كېتىشى دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغان مەسىلىلەرنى بېكىتىشتە پىقھى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ تەپسىلى قاراشلىرى بار.

ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دوكتۇر مەھمۇد خالىد مەنسۇرنىڭ: "ئىبادەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە كىرىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكۈملەردىكى تەسىرى"ناملىق ئەسىرى 63 -بەتكە قارالسۇن(بۇ كىتابنى توردىن كۆرگىلى بولىدۇ).

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android