0 / 0

قۇرئان كەرىمنىڭ نەپسى ۋە مەنىۋى كېسەللەرگە شىپا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى

سوئال: 318864

سىلەر بىر پەتىۋادا قۇرئان كەرىم جىسمانى ۋە روھى كېسەللەرگە شىپا دەپ ئېلان قىلدىڭلار، بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟، قۇرئان كەرىمنى چېچى چۈشۈپ كەتكەن كېسەلگە ئىشلىتىشنىڭ يولى قايسى؟، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: قۇرئان كەرىم شىپادۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 82 -ئايەت].

بۇ ئايەت جىسمانى ۋە روھى كېسەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىن كېسەل بولۇپ قالغانلارغا پەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسىنى ئوقۇيتتى، ئەگەر ئۇنىڭ پايدىسى بولمايدىغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قىلمايتتى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالسا ئۆزىگە پەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسىنى ئوقۇپ سۈپلەيتتى، كېسىلى بەك ئېغىرلىشىپ قالغاندا مەن ئوقۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ بەرىكىتىنى ئۈمىت قىلىپ سىلاپ قوياتتىم» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى2192-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىدە بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا پەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسىنى ئوقۇپ سۈپلەيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان كېسەللىكىدە مەن ئوقۇپ سۈيلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن بەدىنىنى سىلاپ قويدۇم، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيىھسسالامنىڭ قولىنىڭ بەرىكىتى مېنىڭ قولۇمدىن كاتتا ئېدى» [ مۇسلىم رىۋايىتى2192-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئايىتى-شىپا ياكى رۇقىيە ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ ئاياللار كىرسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن بۇنىڭغا دۇئا ئوقۇپ قويۇڭ دەيتتى». [ئىبنى ھىببان  رىۋايىتى 6098-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: نُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا  تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ) [سۈرە ئىسرا 82 -ئايەت.]

توغرىسى:  ئايەتتە بايان قىلىنغان  «مىن» دېگەن ھەرىپ بەزىنى ئەمەس بەلكى تۈرنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ياأَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى» [سۈرە يۈنۈس 57-ئايەت.]

قۇرئان كىرىم بولسا: دىلدىكى ۋە جىسىمدىكى بارلىق كېسەللەرگە شىپادۇر، دۇنيا-ئاخىرەتلىك داۋادۇر.

ھەممە كىشى قۇرئان كەرىم بىلەن شىپالىق تېپىشقا لايىق بولمايدۇ ۋە مۇۋەپپەق قىلىنمايدۇ.

كېسەل قۇرئان كەرىم بىلەن داۋالىنىشنى ياخشى قىلسا، ئۇنى سەمىمى ئىشىنىش-ئىمان، تولۇق قوبۇل قىلىش، كەسكىن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى تولۇق قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ كېسىلىگە قويسا، ھېچ قانداق كېسەل ئۇنىڭغا قارشى كېلەلمەيدۇ.

ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان، ئەگەر تاغلارغا نازىل قىلسا، يېرىلىپ كېتىدىغان، زېمىنغا نازىل قىلسا زېمىن پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدىغان ئاللاھنىڭ كالامىغا قانداق كېسەللىك قارشى كېلەلەيدۇ.

ھەرقانداق قەلبى ۋە بەدەنى كېسەل بولىدىكەن، قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ، داۋاسىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىشنىڭ يوللىرى بايان قىلىنغان، بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشنىش ئىلھام قىلىنغان كىشىلەرگە بولىدۇ. [“زادىل مىئاد” 4- توم 322-بەت.]

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ: “زادىل مىئاد” 4-توم 22-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېسەللەرگە ئىلاج قىلىشى ئۈچ تۈرلۈك بولغان:

بىرىنچىسى: تەبىئىي دورىلار بىلەن داۋالاش.

ئىككىنچىسى: ئىلاھى دورىلار بىلەن داۋالاش.

ئۈچىنچىسى: ئىككى ئىلاجنىڭ بىرىكمىسى بىلەن داۋالاش.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە: “زادىل مىئاد” 4-توم 162-بەتتە “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىلان چېقىۋالغان كىشىنى پاتىھە سۈرىسى بىلەن داۋالاشتىكى كۆرسەتمىسى” دېگەن پەسىلدە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان ھەدىستە: ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر سەپەرگە چىقىپ، يولدا ئەرەبلەرنىڭ مەھەللىلىرىدىن بىر مەھەللىگە چۈشتى، مەھەللە ئەھلىدىن ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئېدى، ئۇلار مېھمان قىلغىلى ئۇنىمىدى، ئۇ مەھەللىنىڭ باشلىقىنى يىلان چىقىۋاپتۇ، ئۇلار تېرىشىپ باقسىمۇ بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالماپتۇ، ئۇلاردىن بەزىلەر: بىزنىڭ مەھەللىگە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ باقساق بەلكىم بىر ئىلاجى تېپىلىپ قالارمىكىن دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ ساھابىلاردىن: ئى جامائەت! بىزنىڭ باشلىقىمىزنى يىلان چېقىۋالدى، بىز كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالمىدۇق، سىلەرنىڭ بىرىڭلار بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالامدۇ؟ دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن رۇقىيە ئوقۇپ ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىمەن، لېكىن سىلەر بىزنى مېھمان قىلغىلى ئۇنىمىدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە بەرسەڭلار ئاندىن رۇقىيە ئوقۇپ قويىمەن دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلەن بىر پادا قويغا كېلىشتى، ئۇ ساھابى بېرىپ سۈپلەپ، پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ قويغان ئېدى، مەھەللە باشلىقى باغلاقتىن يېشىلگەندەك يەڭگىل بولۇپ يۈرۈپ كەتتى ئۇ كىشىدە ھېچ كېسەللىك قالمىدى، مەھەللىدىكىلەر كېلىشكەن بويۇنچە ساھابىلارغا بىر پادا قوينى بەردى، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى: بۇنى ئۆزئارا تەقسىم قىلايلى دېدى، ئەمما رۇقىيە ئوقۇغان ساھابە: ياق تەقسىم قىلمايمىز، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىشنى بايان قىلىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىگە بۇيرىسا شۇنداق قىلىمىز دېدى، ئۇلار مەدىنىگە كەلگەندە بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پاتىھە سۈرىسىنىڭ رۇقىيە دۇئاسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ » دېدى، ئاندىن: «توغرا ئىش قىپسىلەر، ئۆزئارا تەقسىم قىلىڭلار، ماڭىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بىر نېسىۋە بۆلۈپ قويۇڭلار»دېدى.

ئىبنى ماجە “سۈنەن” ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىم ئەڭ ياخشى ئىلاجدۇر».

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەزى كىشىلەرنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن سۆزلىرىدىنمۇ مەنپەئەتلىنىمىز، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ سۆزى ھەممە سۆزلەرنىڭ ئەۋزىلى  تۇرسا ئۇ قانداقمۇ مەنپەئەت بەرمىسۇن، ئاللاھنىڭ كالامى تولۇق شىپادۇر، ھەممىدىن مەنپەئەتلىكتۇر، تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ، ھىدايەتنىڭ نۇرى ۋە ھەممىگە رەھمەتتۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ كالامى تاغقا نازىل قىلىنغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە تاغ ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن يېرىلىپ كېتەتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: نُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز» [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

توغرىسى: ئايەتتە بايان قىلىنغان «مىن» دېگەن ھەرىپ بەزىنى ئەمەس بەلكى تۈرنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە ئوخشاشتۇر: وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى» [سۈرە پەتھ 29-ئايەت].

ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتقان ۋە ياراملىق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردۇر. قۇرئاندا، تەۋراتتا، ئىنجىلدە ۋە زەبۇردىمۇ ئوخشىشى نازىل قىلىنمىغان، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئاساسىنى ۋە جۇغلانمىسىنى ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھ، رەھمان، رەھىم، قاتارلىق ئىسىملىرىنى زىكىر قىلغان، قىيامەتنى ئىسپاتلاش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق رەبلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەۋھىدىنى زىكىر قىلىشنى، ھىدايەت تەلەپ قىلىش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشتا ھەممە مەخلۇقلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى، ئىبادەت ۋە ياردەمنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پاتىھە سۈرىسى قانداقمۇ شىپا بولمىسۇن؟!!.

يەنە مۇنداق دېدى: “مەن مەككىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ قالدىم، كېسەل بولۇپ قالدىم، دوختۇرنىمۇ ۋە دورىنىمۇ تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن پاتىھە سۈرىسى بىلەن ئىلاج قىلدىم، زەمزەم سۇيىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا پاتىھە سۈرىسىنى تەكرار ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ ئاندىن ئېچتىم، شۇنىڭ بىلەن تولۇق ساقىيىپ كەتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە پاتىھە سۈرىسى بىلەن ئىلاج قىلدىم، ناھايىتى بەك مەنپەئەتلەندىم”.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى نازىل قىلسا ئۇنىڭ بىلەن ئىلاجىنىمۇ بىرگە نازىل قىلدى، ئۇنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان-ھەدىستە ئىنسانلار شىكايەت قىلىدىغان جىسمانى ۋە روھى كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلاجىنى قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى مەنپەئەتلەندۈردى، ئۇنىڭ بىلەن سانىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان ساناقسىز ياخشىلىقلار ھاسىل بولدى”. [“شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى” 3-توم 453-بەت].

ئىككىنچى: قۇرئان كەرىم بىلەن روھى كېسەللەرگە ئىلاج قىلىشتا تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشلاردىن: قۇرئان كەرىمنىڭ ئايىتىنى قەغەزگە يېزىپ، قەغەزنى سۇغا سېلىپ شۇ سۇ بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىش.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سەلەپلەردىن بەزى ئالىملار: قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى قاچىغا يېزىپ ئۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قىلغان شىپادىن قىلدى.

يەنە بىر ئىلاج: تۇغۇتى قېيىن بولغان ئايال ئۈچۈن: پاكىز بىر قاچىغا : إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ * وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ * وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ * وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ*وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ تەرجىمىسى: «ئاسمان يېرىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا، زېمىن سوزۇلغان، قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)». بۇ ئايەتنى يېزىپ ئۇنىڭ سۇيىدىن ھامىلدار ئايالغا ئېچۈرۈپ ۋە قورسىقىغا ئۇ سۇدىن چېچىپ قويىدۇ.

دائىم بۇرنى قانايدىغان ئادەمگە: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۇنداق كىشىنىڭ پېشانىسىگە بۇ ئايەتلەرنى يازاتتى: وَقِيلَ يَٰٓأَرۡضُ ٱبۡلَعِي مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقۡلِعِي وَغِيضَ ٱلۡمَآءُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَٱسۡتَوَتۡ عَلَى ٱلۡجُودِيِّ تەرجىمىسى: «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن»دېيىلدى». [سۈرە ھۇد 44-ئايەت. ]

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ: نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پېشانىسىغا يازغان ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىپا تاپتى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم. يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئايەتنى بەزى جاھىللارغا ئوخشاش بۇرنى قانىغان كىشىنىڭ بۇرنىنىڭ قېنى بىلەن يازىمىز دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس، چۈنكى قان دېگەن نىجىستۇر، ئاللاھنىڭ كالامىنى نىجىس نەرسە بىلەن يېزىش توغرا بولمايدۇ.

چىشى ئاغرىپ قالغان كىشى ئۈچۈن يېزىپ بېرىش: چىشى ئاغرىپ قالغان كىشىنىڭ ئاغرىپ بولغان مەڭزىگە: بسم الله الرحمن الرحيم: قُلْ هُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُون  تەرجىمىسى: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر» [سۈرە مۇلۇك 23-ئايەت].

بەزىدە بۇ ئايەتنى يازاتتى: وَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيم تەرجىمىسى: «كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان(ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان)شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە ئەنئام 7-ئايەت].

يىرىڭلىق ئىششىق ئۈچۈن: بۇ ئايەتنى يازاتتى: وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا * فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا * لَا تَرَى فِيهَا عِوَجًا وَلَا أَمْتًا  تەرجىمىسى: «ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم – تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)» [سۈرە تاھا 105-ئايەت]. “زادىل مىئاد” 4-توم 327-بەت.

ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىم بىلەن چېچى چۈشۈپ كەتكەنگە ئىلاج قىلىش توغرىسىدا توختالمايمىز، لېكىن ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قۇرئان كەرىم تولۇق ئىشەنچ، كەسكىن ئېتىقاد، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىش بولغاندا شىپادۇر، ئاندىن شىپالىق ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن، ئاللاھنىڭ خالىشى، قۇدىرتى بىلەن بولىدۇ، خۇددى ئومۇمى ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان ھېسسى دورا-ئىلاجلار شىپالىق ھاسىل بولغانغا ئوخشاشتۇر، ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىشەنچىلىك، مەشھۇر تىۋىپ-دوختۇرلارنىڭ يېزىپ بەرگەن ۋە بۇيرىغان دورا-ئىلاجلارنى قوللىنىدۇ ئاندىن يەنە كېسەللىكتىن شىپا تاپالمايدۇ، ئۇنداق بولىشى بۇ دورا-ئىلاجلارنىڭ ئۇ كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى چەكلەپ قويمايدۇ ياكى بۇنىڭ بىلەن ئۇ مەشھۇر تىۋىپ ياكى دوختۇرنىڭ ئىلمىگە تەنە قىلىنمايدۇ؟!.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android