بىر دوستۇم مەندىن غەيىپ ئىلمى توغرىسىدا سوئال سورىدى، ئۇ مۇنۇلاردىن ئىبارەت: بىز ئاللاھ تائالانىڭ بولغان، بولىدىغان، بولمىغان ۋە بولسا قانداق بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرىكى ساقلانغۇچى كىتابقا يېزىلغانلىقىنى كەسكىن ئىشەنچ بىلەن بىلىمىز، مەسىلەن: مەن تىلپۇننىڭ ئويغىتىش زىلىنى مەلۇم بىر ۋاقىتقا توغرىلاپ قويۇپ ئەتراپىمدىكىلەرگە: ئىلگىرى توغرىلاپ قويغان ۋاقىت بويۇنچە تىلىپۇنۇم سائەت مەنچىدە زىل چالىدۇ دېسەم، مەن غەيىپنى بىلگەن بولىمەنمۇ؟!، بۇنىڭ جاۋابى: كەسكىن ياق، مەن غەيىپنى بىلمەيمەن، مېنىڭ ھازىرقى سوئالىم: ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى پۈتۈۋەتكەن تۇرسا، قانداقمۇ ئاللاھ تائالا غەيىپنى بىلىدۇ دەيمىز؟، بۇ يۇقىرىدا مەن سائەتنى توغىرلىغان مىسالغا تولۇق ئوخشاش بولامدۇ؟.
Table Of Contents
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: غەيىپنىڭ تۈرلىرى، غەيىپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1-مۇتلەق غەيىپ بۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ. خۇددى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى، يامغۇرنىڭ قاچان، قەيەرگە، قانچىلىك چۈشىدىغانلىقى دېگەنگە ئوخشاش.
2-نىسبى غەيىپ، بۇ بەزى كىشىلەر بىلىدىغان يەنە بەزى كىشىلەر بىلمەيدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بىلمەيدىغان جاھىل ئىنسانغا نىسبەتەن نىسبى بولىدۇ، بىلىدىغان كىشىگە نىسبى بولمايدۇ.
ئىسلامدا غەيىپ دېگەن: ئىنساننىڭ سەزگۈ-ئىدراكىدىن غايىپ بولغان، ئىنسان ئۇنى تېپىشتىن ئاجىز كېلىدىغان دەرىجىدە مەخپى بولۇپ ھەممە ئىنچىكە ئىشلاردىن خەۋەردار ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدىغان بولسۇن ياكى ئىنسان ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىشەنچلىك خەۋىرى بىلەن بىلگەن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشتۇر.
ئىنسان پىكرى تەھلىل ۋە بەزى ۋاسىتىلەر بىلەن بەزى غەيبى ئىشلارنى بىلىۋېلىشى مۇمكىن، بۇ دۇربۇن ياكى تېلىسكوپ دېگەندەك ئىنساننىڭ تۇيغۇ-ئىدراك دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ياردىمى بولىدىغان بەزى ۋاسىتىلەر بىلەن يېتىش مۇمكىن بولىدىغان بەزى نەرسىلەردە بولىدۇ، بۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك نىسبى غەيىپنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ.
غەيىپكە ئىشىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى:
غەيىپكە ئىشىنىش بولسا ئىنسانغا كائىناتتىكى باشقا مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بېرىلگەن بىر خۇسۇسىيەتتۇر، ئۇنداق بولىشى: ھايۋانلار تۇيغۇ-ئىدراك بىلەن بىر نەرسىلەرنى بىلىشتە ئىنسانغا ئورتاق بولىدۇ، ئەمما غەيىپ ئىشلاردا بولسا، بۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئىنساننىڭ سالاھىيىتى بار، ھايۋانلارنىڭ سالاھىيىتى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن غەيىپكە ئىشىنىش ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئىماننىڭ ئاساسلىق يادروسى بولدى، شەرىئەت نۇرغۇن غەيبى ئىشلارنى ئېلىپ كەلدى، ئىنساننىڭ بۇنى بىلىشى پەقەت قۇرئان، ھەدىستە بايان قىلىنغان سەھىھ دەلىللەر بىلەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى، پېئىللىرى، يەتتە قات ئاسمان ۋە ئۇنىڭدىكى ئاجايىباتلار، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، جەننەت، دوزاخ، جىنلار ، شەيتانلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە ئىشىنىشىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئىشىنىش بىلەن بولىدۇ.
غەيىپنىڭ تۈرلىرى:
1-مۇتلەق غەيىپ: ئۇ ئىنساننىڭ ھەر قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىلىشى ھېس قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردۇر، بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
بىرىنچى تۈرى: ئاللاھ تائالا ۋەھىي ئارقىلىق ئىنسانلارغا دىننى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە ھەممىنى ياكى بەزىسىنى بىلدۈرگەن ئىشلار.
بۇنىڭ مىساللىرىدىن: شەيتان ۋە جىنلارنىڭ ئەھۋالى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ اسْتَمَعَ نَفَرٌ مِنَ الْجِنِّ فَقَالُوا إِنَّا سَمِعْنَا قُرْآنًا عَجَبًا يَهْدِي إِلَى الرُّشْدِ فَآمَنَّا بِهِ وَلَنْ نُشْرِكَ بِرَبِّنَا أَحَدًا تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى بىر قانچە نەپەر جىننىڭ مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى ماڭا ۋەھىي قىلىندى. ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز». سۈرە جىن 1-2 -ئايەتلەر].
ئىككىنچى تۈرى : ئاللاھ تائالا غەيبى ئىلىمنى بىلىشنى ئۆزىگە خاسلاشتۇرغان. ئۆز خەلقىدىن مۇرسەل پەيغەمبەر بولسۇن ياكى يېقىن پەرىشتە بولسۇن ھېچ بىرىگە بىلدۈرمىگەن ئىشتۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەنئام سۈرىسىدە مەقسەت قىلغان سۆزىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ تەرجىمىسى: «غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ». [سۈرە ئەنئام 59 -ئايەت].
ئۇنىڭ مىساللىرىدىن: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش، قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئورۇندا، نېمە سەۋەپتىن ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىش، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئاتىغان بەزى نەرسىلەرنى بىلىش دېگەندەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ تەرجىمىسى: «قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى(ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە لوقمان 34 -ئايەت.]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بەزى دۇئاسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن سىلىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان ياكى خەلىقلىرىدىن بىرىگە بىلدۈرگەن ياكى غەيىپ ئىلمىلىرىدە ساقلىغان ئىسىملىرىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سورايمەن».
2-نىسبى دائىرىدىكى غەيىپ: ئۇ تارىخى ھادىسىلەرگە ئوخشاش بەزى كىشىلەر بىلمەيدىغان ئىلىمدۇر، بۇ بىلمىگەن كىشىگە نىسبەتەن غەيىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئالى ئىمران ۋەقەلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ذَلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! بۇ ـ ساڭا ۋەھىي قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە (چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى(سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ». [سۈرە ئال ئىمران 44 -ئايەت.]
نىسبى بولمىغان چەكلىك دائىرىدىكى غەيىپ: بۇ زاماننىڭ ياكى ماكاننىڭ يىراق بولىشى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپلەردىن سەزگۈ ۋە تۇيغۇلاردىن غايىپ بولغان ھەتتا زامان ياكى ماكاننىڭ چەكلىمىسى تۈگۈگەندە بىلگىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ الْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَى مَوْتِهِ إِلَّا دَابَّةُ الْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنْسَأَتَهُ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ الْجِنُّ أَنْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ الْغَيْبَ مَا لَبِثُوا فِي الْعَذَابِ الْمُهِينِ تەرجىمىسى: «سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇت خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى». [سۈرە سەبە 14 -ئايەت].
ئاشۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدا بولغان غەيبى ئىشلارنىڭ مىساللىرىدىن:
روھ: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُمْ مِنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا تەرجىمىسى: «ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ، دېگىن. سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن.» [سۈرە ئىسرا 85-ئايەت.]
2-قىيامەتنىڭ چوڭ-كېچىك ئالامەتلىرى: جەبرائىل ئەلەيھىسسالام سوئال سورىغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئىشلار: «يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كەمبەغەللەرنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىپ پەخىر قىلىۋاتقىنىنى كۆرسەڭ بۇ قىيامەتنىڭ ئالامىتى».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بۇ غەيبى ئىشلار يۈز بەردى، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن: مەسىھ دەججالنىڭ ھەدىسى، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىر زاماندا چىقىدۇ، زېمىن ھايۋىنىنىڭ ھەدىسى، ئۇمۇ ئاخىر زاماندا چىقىدۇ”. “مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ۋە ۋەخپە مىنىستىرلىكى” تارقاتقان”ئەقىدە كىتابى”دىن ئىلىندى. 213625-101968– نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
دوستىڭىزنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نىسبى غەيىپ ئىكەنلىكى، مۇتلەق غەيىپ ئەمەسلىكى سىزگە ئېنىق بولدى، بۇنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرىدىغان ۋە تۇتىدىغان ماددى ئىشلاردىن بولغان مىساللارنى بىلىشتە ھېچ مەسىلە يوق.
ئەقلى ھۇشى جايىدا بولغان كىشىگە بۇنداق ئىشلاردىن ساناپ تۈگەتكۈسىز ئۇچرايدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىشلار خەۋەر بەرگەن ۋاقىتقا ئوخشىمايدىغان بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئايروپىلان ۋە پويىزنىڭ كېلىش ۋاقتىدىن خەۋەر بېرىدۇ لېكىن ئۇنىڭ كېلىشى خەۋەر بەرگەن ۋاقىتتىن پەرقلىق بولىدۇ، تۈرلۈك جىھازلار بىلەن تۆرەلمىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سائەت زىل ئۇرۇشتىن ئىلگىرى سىز ئۇنى توختىتىپ قويىسىز، ياكى ئۇنىڭ باتارىيسى تۈگەيدۇ، زىل چالمايدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ غەيىپ دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقى مەلۇم، بۇ پەقەت شەيتاننىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ بوش دىللىرىنى ھەقىقىتى يوق، ۋەزنى يوق، تەكلىپاتلارمۇ بولمىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشىدۇر.
ئىككىنچى: لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلغان كىتابىغا ئىشىنىشىنىڭ دەرىجىسىمۇ قازا ۋە قەدەرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ دەرىجىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.
لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلغان كىتابنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، بىز ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇنى مىسال قىلىپ سورىغان سوئالىدىن ھەيران قالىمىز.
ئۇ توغرىدا سورالغان سوئال شۇنىڭغا يۈزلىنىدۇكى: ئەگەر ئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزگە: سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى زىل چالمايدۇ دەپ خەۋەر بېرىپ، زىل چالغان بولسا ئېدى، ئۇ ۋاقىتتا خەۋەر ۋاقىئەگە ئوخشىمىغان بولاتتى.
ئەمما ئىنسان ئۆتكەن زاماندا بولغان ياكى ھازىر بولىۋاتقان ياكى كەلگۈسىدە بولىدىغان بىر ئىشنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بىلىشىمۇ تىرىشچانلىق يولىدىن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن لەۋھۇل مەھپۇزدا قىيامەتكىچە بولىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ يېزىلىشى ئارىسىدا نېمە مەسىلە بولىدۇ؟.
ھەرقانداق ھالەتتە: لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلغان كىتابىغا ئىشىنىشىنىڭ دەرىجىسىمۇ قازا ۋە قەدەرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ دەرىجىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل ئىلگىرى ھەممە نەرسىنى لەۋھۇل مەھپۇزغا يېزىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
تەقدىرگە بولغان ئىماننىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ لازىمەتلىرىدىن:
-بەندە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن خالاش ۋە ئىختىيارلىق بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِمَن شَاءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر» [سۈرە تەكۋېر 28-ئايەت].
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر» [سۈرە تەكۋېر 29-ئايەت].
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 49004 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
سىز تىلىپۇننىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ زىل چالىدىغانلىقىنى بىلدىڭىز، ئەگەر ئۇ زىل چالسا، بۇنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان، ياراتقان، سىز ئۇنى توختىتىپ قويدىڭىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا تىلىپۇننى شۇ مۇھىم ئىشنى قىلمايدىغان قىلىپ قويىدىغان بىر چەكلىمە ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا پۈتۈۋەتكەن ۋە تەقدىر قىلىۋەتكەن ئىشتۇر.
بىلىڭكى پۈتۈك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئالماشتۇرۇلمايدۇ ۋە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئۇ لەۋھۇل مەھپۇزدا يىزىلغانلىرىدۇر.
يەنە بىرى ئالماشتۇرىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ، ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ قولىدا بولغىنى، ئۇلارنىڭ قولىدا ئاخىرىدا بىكىتىلىنىدىغىنى لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلغىنىدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ بىر مەنىسىدۇر: يَمْحُوا اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر» [سۈرە رەئەد 39-ئايەت].
مۇشۇنىڭدىن بىزنىڭ سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان سىلە-رەھىمنىڭ ئەجەلنى زىيادە قىلىدىغان، رىزقىنى كەڭرىي قىلىدىغانلىقىنى، ياكى دۇئانىڭ ھۆكۈمنى قايتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بەندە سىلە-رەھىم قىلىدۇ، دۇئا قىلىدۇ دېيىلگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن لەۋھۇل مەھپۇزغا رىزقىنىڭ كەڭرىي بولىدىغانلىقى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۈزۈن بولىدىغانلىقى يېزىلغان بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.