ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بالاغەتكە يەتكەن رامزاندا روزا تۇتتىمۇ ياكى تۇتمىدىمۇ بۇنىڭدا شەك قىلغان ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟

سۇئال: 337886

   ھازىر مەن 9 ياكى 10 ياشقا كىردىم، بالاغەتكە يەتكەن دەسلەپكى يىلدا روزا تۇتتۇممۇ ياكى تۇتمىدىممۇ بۇنى بىلمەيمەن، نېمە قىلىش توغرىسىدا شەكتە بولۇپ قالدىم، شۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كېچىك ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، ئەسلىدە سىز روزا تۇتقان بولىسىز، شەككە قارىماڭ.

   ئەمما سىز روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەردىن سوراپ بىقىڭ، ئەگەر ئۇلار:  سىزنى روزا تۇتقان دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، سىزگە ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى كۈچلۈك گۇماننى ئىپادىلەيدۇ، ئەھكاملار ئىشەنچكە قۇرۇلغاندەك، كۈچلۈك گۇمانغىمۇ قۇرۇلىدۇ.

    پىقھى قائىدىلەردىن: كۆز قاراشنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

    دوكتۇر مۇھەممەد سەدقىل بەرنۇ:"قائىدىلەر توپلىمى"  7 توم 456 بەتتە مۇنداق دېگەن: "كۆز قاراشنىڭ كۆپلۈكىدىن بولغان مەقسەت، كۈچلۈك تەرەپنى تېپىش بىلەن كۈچلۈك گۇماندىن ئىبارەتتۇر.

   قائىدىدىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: ئىشەنچ بولمىغاندا، ھۆكۈمنى بېكىتىشتە كۈچلۈك گۇمان كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى كۆپ ھۆكۈملەردە كەسكىن دەلىلنىڭ تېپىلىشى قىيىندۇر".

   ئىككىنچى:  سىزنىڭ روزا تۇتقانلىقىڭىزغا كۈچلۈك گۇمان تېپىلمىسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى قىلمىغان دەپ قىياس قىلىنىدۇ.

   قۇراپى  "ئەلپۇرۇق" 1توم 227 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ".

    مۇشۇنىڭ ھەممىسى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان سۇيۇقلۇق بولمىغان ئەھۋالدا بولىدۇ، ئەگەر ۋەسۋەسىگە سالىدىغان سۇيۇقلۇق بولسا ۋەسۋەسىگە قارالمايدۇ،    ئۇ قىزچاققا ھېچ نەرسە بولمايدۇ.   

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android