ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھەج ياكى ئۆمرىنى نىيەت قىلىپ مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىپ ئاندىن مېيقاتقا قايتىپ كەلگەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال: 34296

   بىر كىشى ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدى، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى  دەسلەپتە مەككىگە كېلىپ ئاندىن مەدىنىگە چىقىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئېھرامنى نىيەت قىلماستىن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتتى، مەككىگە كېرىپ ئاندىن مەدىنىگە كەلدى، زۇلھۈلەيپىدىن ھەجنى نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى، بۇ كىشىنىڭ ئىشى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەجنى مەقسەت قىلغان كىشى مەدىنە ئەھلىنىڭ مىيقاتىغا چىقىپ، ئۇ يەردىن ئېھرامنى نىيەت قىلىپ كەلگەن بولسا، دەسلەپتە مەككىگە ئېھرامسىز كىرگەنلىكىگە بىر نەرسە كەلمەيدۇ، ئەسلىدە دەسلەپتە مەككىگە كىرگەندە مىيقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلىپ كىرگەن بولسا ياخشى بولاتتى. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. 

مەنبە

"سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى"11-توم 155-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android