كاپىرلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلىنى يېيىش ۋە ئۇلارنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى
سۇئال: 34496
مەن جۇڭگوغا كىلىشتىن بۇرۇن ، كاپىرلار بوغۇزلىغان ، ياكى توغىرسى ئۇلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى مۇسۇلماننىڭ يېيىشىگە بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم . بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتتا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر كىچىك ئاشخانا بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا گۆشلەر تېپىلىدۇ . لىكىن مەن ئۇنىڭ ئىسلامى ئۇسۇلدا بوغۇزلانغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ۋەئۇنىڭدىن شەكلىنىمەن ، مەلۇمكى ، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئوخشاش شەكلەنمەيدۇ ۋە ئۇنى يەيدۇ . ئۇلار توغرىنى قىلىۋاتامدۇ ياكى ھارامنى يەۋاتامدۇ ؟
ۋە شۇنىڭدەك تاماق قاچىلىرىغا نىسبتەن ، مۇسۇلمانلارنىڭ قاچىلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ قاچىلىرى ئارىسىدا پەرق يوق . بۇ ئىشلارغا قارىتا مەن نىمە قىلىشىم لازىم ؟
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلاردىن ئىبارەت ساماۋى كىتاپ كىشىلىرىدىن باشقا كاپىرلارنىڭ
بوغۇزلىغان مىلىنى يىيىشكە بولمايدۇ ، مەيلى ئۇ مەجۇسىي ، ياكى بۇتپەرەس ، ياكى
كوممۇنىسىت ياكى باشقا تۈردىكى كاپىرلار بولسۇن . ھەمدە شورپا ۋە باشقا ئۇلارنىڭ
بوغۇزلىغان مىلى ئارلاشقان نىمىمۇ ھەم . چۈنكى ئاللاھ بىزگە كىتاپ كىشىلىرىنىڭ
تائامىدىن باشقا كاپىرلارنىڭ تائامىنى بىزگە رۇخسەت قىلمىدى : ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻙ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ
ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﻻﻟﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﺎﻻﻟﺪﯗﺭ . ئايەت .
ئۇلارنىڭ تائامى بولسا : ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلى ، خۇددى ئىبنۇ ئابباس ۋە
باشقىلار ئېيىتقاندەك .
مىۋە-چىۋە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلىرىغا كەلسەك ، ئۇنىڭدا ھىچنىمە بولمايدۇ . چۈنكى ئۇ
ھارام قىلىنغان تائام دائىرسىدە ئەمەس . مۇسۇلمانلارنىڭ تائامى بولسا ئۇ
مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارغا ھالال ، ئەگەر ئۇلار پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان
، ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقىلارغا دۇئا قىلمايدىغان بولسا . مەسىلەن ، پەيغەمبەرلەر ۋە
ئەۋلىيالار( ئۇلۇغ كىشىلەر) ،قەبرىدىكىلەر ۋە باشقا كاپىرلار ئىبادەت قىلىدىغان
نىمىلەر .
قاچا-قۇچىلارغا كەلسەك ، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ تائاملىرىغا ، ھاراقلىرىغا ۋە
شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان قاچىلىرىدىن باشقا ئايرىم قاچىلىرى بولۇشى
لازىم . ئەگەر ئۇلار تاپالمىسا ، مۇسۇلمان ئاشپەزلەر كاپىرلار ئىشلىتىدىغان
قاچىلارنى يۇيىۋىتىپ ئاندىن مۇسۇلمانارنىڭ تائامىنى ئۇنىڭغا قويۇشى كىرەك ؛ ئىككى
سەھىيھتە ئىسپاتلاندىكى ، ئەبۇ سەئېلەبە خەشەنىيدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ
پەيغەمبەردىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇشرىكلارنىڭ
قاچىلىرىدا تائام يىيىش ھەققىدە سورىغان ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا : ئۇنىڭدا يىمەڭلار ، پەقەت ئۇنىڭدىن باشقىسىنى
تاپالمىساڭلار ، ئۇنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدا يەڭلار . دىگەن .
ئاللاھ مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ھەمراھلىرىنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن
.
كتاب مجموع فتاوى ومقالات متنوعة لسماحة الشيخ العلامة عبد العزيز بن عبد الله بن
باز يرحمه الله ، م/4 ، ص/435
مەنبە:
www.islamqa.com