ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قەبرىستان ئەھلىگە قانداق سالام قىلىش توغرىسىدا

سۇئال: 34561

   قەبرىستانلىققا كىرگەندە دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى قايسى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارغا دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزىنىڭ پەرقى بارمۇ؟.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!  دېسەك، قەبرىستانلىققا كىرگەندە:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىستان ئەھلى!  دېسەك توغرا بولامدۇ ياكى بۇ شېرىك بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەبرە زىيارەت قىلىش ئەرلەر ئۈچۈن مۇستەھەبتۇر، بۇ توغرىدا بۇرەيدە بىن ھەسىيب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەن ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى977 -ھەدىس].

    يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن قەبرە زىيارەت قىلىش سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى1240-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1569-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

    قەبرە زىيارەت قىلغاندا قەبرىستان ئەھلىگە سالام بېرىش، ئۇلار ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۈگەتكەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  ئۇ ئانىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! قەبرىستانلىققا كىرگەندە ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلارغا:  مۇئ‍مىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارى! سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن، بىزدىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە ۋە كېيىن كەتكەنلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ خالىسا بىز سىلەرگە قېتىلىمىز دەپ دۇئا قىلىڭ دېگەن».  [مۇسلىم رىۋايىتى974-ھەدىس].

    بۇرەيدە بىن ھەسىيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا قەبرىستانلىققا چىققاندا ئوقۇيدىغان دۇئالارنى تەلىم بېرەتتى، ئۇلاردىن بىرى قەبرىستانلىققا چىققاندا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: مۇئ‍مىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارى!  سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن، ئاللاھ خالىسا بىز سىلەرگە قېتىلىمىز. ئاللاھدىن بىزگە ۋە سىلەرگە ئاپىيەت تىلەيمىز». [مۇسلىم رىۋايىتى975-ھەدىس].

    ئەمما ساھابىلارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلار ئۈچۈن دېيىلىدىغان ئايرىم بىر دۇئا يوق، ئۇلارغىمۇ يۇقىرىدا ئوقۇغان دۇئانى ئوقۇيمىز.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساھىبنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ساھابىلاردىن كەلگەن رىۋايەتتە: "سالام"  سۆزى بايان قىلىنغان، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ قەبرە زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: « سالام سىزگە ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!، سالام سىزگە ئەي ئەبۇبەكرى!، سالام سىزگە ئەي ئاتا! دەپ ئۆتۈپ كېتەتتى». [ بۇ ئەسەرنى ھاپىز ئىبنى ھەجەر سەھىھ دېگەن.]

    بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭغا قېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاللاھنىڭ خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى!  سىزگە سالام، ئەي پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى!  سىزگە سالام! مەن شاھىتلىق بېرىمەنكى، سىز ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزدىڭىز».  [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەل ئەزكار" ناملىق ئەسىرى  174-بەت. "ئەلمۇغنى" 5 توم 466 بەت.]

    تەبەرىي مۇنداق دەيدۇ: "قەبرە زىيارەت قىلغۇچى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇزۇن دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى دېسە ياخشى ئەگەر بولمىغاندا ھەدىستە كەلگىنىنى دېسە ياخشى بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "ھەجئۆمرە پائالىيەتلىرى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "زىيارەتچى مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە نامازنى ئادا قىلغاندىن كېيىن رەۋزىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىككى ساھىبى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا سالام بېرىدۇ.

   1قىبلىگە كەينىنى قىلىپ، قەبرىگە ئالدىنى قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق: "ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن دەيدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى زىيادە قىلسا بولىدۇ مەسىلەن: ئەي ئاللاھنىڭ دوستى، ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى تولۇق يەتكۈزگۈچى!  ئاللاھنىڭ خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى!  ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!  سېنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق يەتكۈزگەنلىكىگە، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىڭغا، ئۇممەتكە نەسىھەت قىلغانلىقىڭغا ۋە ئاللاھ يولىدا ھەقىقى جىھاد قىلغانلىقىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەن" دېسە بولىدۇ، ئەمما ئاۋۋالقى سۆز بىلەن توختىسا ياخشى بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ قەبرە زىيارەت قىلغاندا: «سالام سىزگە ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!، سالام سىزگە ئەي ئەبۇبەكرى!، سالام سىزگە ئەي ئاتا! دەپ ئۆتۈپ كېتەتتى».

   2-ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا بولۇش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپكە ئىككى قەدەم ماڭىدۇ، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: "ئەي ئەبۇ بەكرى ساڭا سالام بولسۇن،!  ئەي پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىگە قويغان خەلىپىسى! ساڭا سالام بولسۇن!، ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممىتىدىن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا بولۇش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپكە ئىككى قەدەم ماڭىدۇ، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: "ئەي ئۆمەر ساڭا سالام بولسۇن!  ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ساڭا سالام بولسۇن!، ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممىتىدىن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

    زىيارەت قىلغۇچىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىككى ساھىبىغا بېرىدىغان سالامى ئەدەپ بىلەن ۋە پەس ئاۋاز بىلەن بولىدۇ، مەسچىتتە ئاۋازنى كۆتۈرۈش بولۇپمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ۋە قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئاۋاز كۆتۈرۈش چەكلىنىدۇ". ["ھەجئۆمرە پائالىيەتلىرى ۋە زىيارەتنىڭ يوللىرى"  107 108 بەتلەر].

     زىيارەت قىلغۇچىنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا:  سىلەرگە سالام بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! ساڭا سالام بولسۇن!  دېگەن سۆزلىرى شېرىك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا ئەمەس ۋە ئۇلاردىن ياردەم تېلەشمۇ ئەمەس، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھدىن ئۇلارغا بەندە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان قەبرە ئازابى، تېرىلىش، ھېساب ۋە ئاخىرەتنىڭ قورقۇنچلىرىدىن سالامەت قىلىشنى تېلەشتىن ئىبارەتتۇر.  ئاللاھ تائالادىن دۇنيائاخىرەت ھەممەيلەننى سالامەت قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

"زادەل مۇستەنقىئ" 5 توم473 بەت. دوكتۇر يۈسۈپ ۋابىلنىڭ" قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى"  337 بەت.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android