0 / 0

كەبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنامدۇ؟

سوئال: 34695

ئۆمرە ئۈچۈن تاۋاپ قىلىۋاتقىنىمدا تەرىتىم بۇزۇلدى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم، تاۋاپتىن چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى قايتىدىن قىلدىم، ئاندىن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلدىم، قىلغانلىرىم توغرا بولاپتىمۇ؟ مېنىڭ يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بىلەن قىلىش شەرتتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. شۇنداقلا ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ قارىشىدۇر.

يەنە بەزى ئالىملار:  جۇنۇپ بولمىسا، تاۋاپ ئۈچۈن كىچىك تاھارەت ئىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.  ئەمما سەئيىگە نىسبەتەن سەئيىنى تاھارەت بىلەن قىلىش شەرت ئەمەس، بۇ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بەلكى ھەيزدار ئۈچۈنمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەيزدارنى پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىنلا چەكلىگەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنامدۇ؟.

سىز قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ ۋە تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاپ ياخشى قىپسىز، ئەڭ گۈزەل ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىپسىز، كۆپچىلىك ئۆلىمالار نامازغا ئوخشاش تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولىشىنى شەرت دەپ قارىغان، تاھارىتى يوق كىشى تاھارەت ئىلىپ ناماز ئادا قىلمىسا نامىزى دۇرۇس بولمىغاندەك، تاھارىتى يوق كىشىمۇ تاۋاپ قىلسا تاۋاپمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بىلەن تاۋاپ قىلىش شەرت، بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراش. ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ قارىشىدۇر".

كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشقا بىر قانچە دەلىللەرنى كەلتۈردى:

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كەبىنى تاۋاپ قىلىش نامازغا ئوخشاشتۇر، لېكىن تاۋاپنى ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا بولىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 960-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 120-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

2-بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلغان ھەدىستە:  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلىدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالغان، ۋە مۇنداق دېگەن: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگىنىڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى1297-ھەدىس. "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 17 -توم 213-214 -بەتلەر].

3-بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيز كۆرۈپ قالغاندا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ھاجىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ لېكىن پاك بولغانغا قەدەر كەبىنى تاۋاپ قىلماڭ».

بىر كىشى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  مېنىڭ بىر يېقىنىم رامىزاندا ئۆمرە قىلغان بولۇپ، ھەرەمگە كىرگەندە ئوسۇرۇپ سېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاھارەت ئىلىپ كىرەي دېيىشتىن خىجىل بولۇپ تاھارەتسىز ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلغان، تاۋاپتىن كېيىن يالغۇز بېرىپ تاھارەت ئىلىپ كېلىپ ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېقىنىمغا جازا قان ۋاجىپ بولامدۇ؟ ياكى كاپارەت كېتەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: قىلغان تاۋاپى توغرا بولماپتۇ، خۇددى نامازغا تاھارەت شەرت بولغاندەك تاۋاپ ئۈچۈنمۇ تاھارەت شەرت بولىدۇ، ئۇ ئايال مەككىگە قايتىپ كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىنىمۇ قايتىدىن قىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى كۆپچىلىك ئالىملار تاۋاپتىن بۇرۇن ساپا-مەرۋە قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارىمايدۇ، ئاندىن چېچىنى ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقىدۇ، ئەگەر ئائىلىلىك بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئېرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا، ئۇنىڭغا قان ۋاجىپ بولىدۇ، بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنى مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ، تۈنجى قېتىم ئېھرامغا كىرگەن مىيقاتقا قايتىپ شۇ يەردىن قايتىدىن ئۆمرەگە ئېھرام كىيىپ كېلىدۇ، چۈنكى بىرىنچى قېتىملىق ئۆمرە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش بىلەن بۇزۇلدى، ئۇ ئايالمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈنجى قېتىم ئېھرامغا كىرگەن مىقاتقا قايتىپ شۇ يەردىن قايتىدىن ئۆمرەگە ئېھرام كىيىپ كېلىدۇ، بۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلسۇن ياكى بۇنىڭغا مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا قىلغان پەرقى يوق، ئۆزىنىڭ تاقىتى بويۇنچە قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 17 -توم 214-215 -بەتلەر].

شەيختىن يەنە: بىر كىشى تاۋاپنى باشلىغاندىن كېيىن يەل چېقىپ كەتكەن، ئۇ كىشى تاۋاپنى توختىتىپ تاھارەت ئىلىپ كىرەمدۇ ياكى تاۋاپنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئىنسانغا تاۋاپ جەريانىدا يەل چىقىپ كېتىش، سۈيدۈك تېمىپ كېتىش، مەنى چىقىش، ئەۋرىتىنى سىلاش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن تاھارىتى بۇزۇلسا، ناماز بۇزۇلغاندەك تاۋاپمۇ بۇزۇلىدۇ، چېقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى قايتىدىن باشلايدۇ، بۇ توغرا قاراشتۇر. بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن توغرا قاراشتا ناماز ۋە تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا يەل قويۇۋېتىپ قالسا نامازدىن چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ نامازنى قايتىدىن ئوقۇسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن].

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تاۋاپ ھۆكۈمدە نامازنىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 17 -توم 216-217 -بەتلەر].

بەزى ئالىملار: جۇنۇپ بولمىسا، تاۋاپ ئۈچۈن كىچىك تاھارەت ئىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، ئۇلار بىرىنچى قاراشتىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلىگە مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

1-«كەبىنى تاۋاپ قىلىش نامازدۇر» دېگەن ھەدىس بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولماستىن بەلكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدۇر، دەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي"ئەلمەجمۇ"دا مۇنداق دەيدۇ:  توغرىسى:  بۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا توختالغان سوزدۇر. ھەدىس ئالىملىرىدىن بەيھەقىي ۋە باشقىلارمۇ مۇشۇنى زىكىر قىلغان.

2-ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت بىلەن تاۋاپ قىلغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ: بۇ تاۋاپنى تاھارەت بىلەن قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ پەقەت مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى قىلغان بولسىمۇ باشقا ساھابىلارنى بۇنىڭغا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

3-ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيز كۆرۈپ قالغاندا ئۇنىڭغا: «ھاجىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ لېكىن پاك بولغانغا قەدەر كەبىنى تاۋاپ قىلماڭ» دېگەن ھەدىسگە قارىتا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ھەيزدارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلىنىدۇ، دېدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت بولۇشنى شەرت قىلغانلارنىڭ ئەسلا دەلىل-ھۆججىتى يوق، چۈنكى ھېچ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت ئىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ئىسناد بىلەن ھەدىس بايان قىلمىدى. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس زەئىپتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ھەج قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قانچە قېتىم ئۆمرە قىلدى، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆمرە قىلدى، ئەگەر تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت پەرز بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوچۇق بايان قىلىپ بېرەتتى. ئەگەر بايان قىلىپ بەرگەن بولسا، ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا سەل قارىماي كېيىنكىلەرگە يەتكۈزەتتى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئىلىپ تاۋاپ قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان، يالغۇز بۇنىڭ ئۆزى تاھارەتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «مەن تاھارەتسىز ھالەتتە ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى ياقتۇرمايمەن». ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  21 -توم 273 -بەت.]

تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت بولۇشنى شەرت ئەمەس دېگەنلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللەرنىڭ كۈچلۈك بولۇش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلماننىڭ تاھارەتسىز تاۋاپقا كىرىشى لايىق بولمايدۇ، بۇنداق بولىشى، تاھارەت بىلەن تاۋاپ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدە شەك يوق، ئېھتىياتەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئادا بولىشىمۇ تولۇق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا زىت ئىش قىلىشتىنمۇ ساقلىنىدۇ.

لېكىن ئىنسان ھەج مەۋسۇملىرى ۋە رامزاننىڭ ئاخىرقى كېچىلىرى دېگەندەك ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار كۆپ بولغان قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ياكى كېسەللىك، ياشانغانلىق، ھامىلدارلىق دېگەندەك قىيىنچىلىقتا قالغان ئەھۋالدا، بۇ قىستاڭچىلىقتا تاھارەتنى ساقلاش قېيىن بولۇپ قالسا بۇ قاراشقا ئەمەل قىلسا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىللىرى توغرىسىدا جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدىغان كۈچلۈك قاراش:  تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت بولۇشنى شەرت ئەمەس دېگەن قاراش بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇكەممەل، ئەۋزەل بولغىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، بۇ مەسىلە مۇسۇلماننىڭ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا زىت ئىش قىلماسلىقى ياخشى بولىدۇ، لېكىن تاۋاپتا بەك قىستاڭچىلىق بولغان بەزى ۋاقىتتا ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: تاۋاپنىڭ ئاز قىسمى قالغان بولسا بۇ قىستاڭچىلىقتىمۇ بېرىپ تاھارەت ئىلىپ كېلىپ تاۋاپنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇشتا قاتتىق قىيىنچىلىق بولىدۇ، بۇنداق قىيىنچىلىققا كىشىلەرنى بۇيرۇش توغرىسىدا ئوچۇق دەلىل كەلمىگەن. بەلكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە زىت كېلىدۇ: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185 -ئايەت.]

  -ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنامدۇ؟.

ئەمما سەئيى ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. ئەبۇ ھەنىپە. مالىك، شاپىئى ۋە ئەھمەد قاتارلىق تۆت ئىمامنىڭ قارىشى بەلكى ھەيزدار ئۈچۈنمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئىى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەيزدارنى پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىنلا چەكلىگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيز كۆرۈپ قالغاندا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:«ھاجىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ لېكىن پاك بولغانغا قەدەر كەبىنى تاۋاپ قىلماڭ»،"ئەل مۇغنى" 5-توم 246-بەت.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ ھالەتتە ياكى ئايال ھەيزدار ھالەتتە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلغان بولسا، كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى: تاھارەت بىلەن سەئيى قىلىش لازىم". ["شەرھىل مۇمتى" 7 -توم 310-311 -بەتلەر.]

ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 13369 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android