ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

باشقا بىر دۆلەتكە كېرىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرىسىدا

سۇئال: 353999

مەن مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىغا چېقىپ ئىپادە بىلدۈرمەكچى، مەن ئۇ دۆلەتكە بېرىش ئۈچۈن باشقىلارغا زېيىنى بولمىغان، ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان يالغان سۆزلەرنى دېمىسەم، ئۇ دۆلەتكە بارالمايمەن، مەن ئۇلارغا: مېنى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ پالانى شەھىرىدىكى پالانى دوستۇم مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن زىيارەتكە دەۋەت قىلغانتى دەيمەن، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ يەردە مېنىڭ ھېچ دوستۇم يوق، مەن پەقەت شۇ يەرگە بېرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىمەن، مۇشۇنداق ھالەتتە يالغان سۆزلىسەم توغرا بولامدۇ؟ بۇ شەكىلدە سەپەر قىلىپ ئۇ دۆلەتكە بېرىپ، ئىش تېپىپ ئىشلىسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مەلۇم ھالەتلەردىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا يالغان سۆزلەش چەكلىنىدۇ، يالغان سۆزلىگۈچى ئەيىبلىنىدۇ، سىزنىڭ ھالىتىڭىز يالغان سۆزلىسە توغرا بولىدىغان ھالەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ باشقا بىر دۆلەتنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولىدىغان ئىش ئىكەن، چۈنكى ھەر بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىگە كېرىشكە رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن مەلۇم شەرتلەرنى قويىدۇ، بۇنىڭدا يالغان سۆزلەش ۋە ھېلە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

     مانا بۇ يالغان سۆزلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەسلى قائىدىدۇر. بەزى ھالەتلەردە يالغان سۆزلىسە بولىدىغانلىقى توغىرسىدا پەتىۋالار بار. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راسچىللىق-سەمىمىيلىك ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم راست سۆزلەيدىكەن راستچىل دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق ناچار-بۇزۇق ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ، ناچار-بۇزۇق ئىشلار جەھەننەمگە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم يالغان سۆزلەيدىكەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5629-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4719-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېلە-مىكىر قىلغۇچى ۋە باشقىلارنى ئالدىغۇچى جەھەننەمدە بولىدۇ.» [بەيھەقى"شۇئەبىل ئىماندا" كەلتۈرگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"  6725-ھەدىس.

    ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: باشقىلارنى ئالدىغۇچى جەھەننەمدە بولىدۇ دېگەن سۆزگە ئالاقىدار مۇنۇ سۆزنى كەلتۈرگەن: كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ياكى قىلمىغان ئىشلارنى دىنى ئىشلاردىن دەپ قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ».

    ئىككىنچى: بىر كىشى چەكلەنگەن يالغان سۆزلەرنى قىلىپ باشقا بىر دۆلەتكە كېرىپ ئاندىن ئۇ يەردە ھالال ئىش تېپىپ ئىشلىگەن بولسا،  قىلغان ئىشى ھارام بولمايدۇ، ئەمما ئىش ئىگىسى بۇ يەردە ئىشلىگۈچىلەر دۆلەتكە قانۇنى يول بىلەن كىرگەن بولىشى كېرەك دېگەننى شەرت قىلغان بولسا، ئۇ يەردىمۇ ھېلە ئىشلىتىپ يالغان سۆزلەش توغرا بولمايدۇ. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android