0 / 0

ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان كىشى توغرىسىدا

سوئال: 36522

ئېھراملىق كىشى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇغان ياكى ھۆكۈمنى بىلمەستىن قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭرەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”ئېھراملىق كىشى چەكلەنگەن ئىشلارنىئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان بولسا ھېچ گۇناھبولمايدۇ. ئەمما ئېسىگە كەلگەندە ياكىبىلگەن ۋاقتىدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن دەرھالقول ئۈزۈشى كېرەك. ئۇنتۇپ قالغانكىشىنىڭ ئېسىگە سىلىش ۋە بىلمىگەنكىشىگە تەلىم بېرىش كېرەك. بۇنىڭمىسالى: بىر كىشى ئۇنتۇپ ياكى ئېھرامنى نىيەت قىلىپبولۇپ، ئېچ كىيىم ياكى باشقا كىيىملەرنى كىيگەن بولساگۇناھ بولمايدۇ لېكىن ئېسىگە ئالغاندا ياكىئەسلىتىلگەندە دەرھال سېلىۋېتىشكېرەك. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيقىلغان بولسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىركىشى ئىچ كىيىمنى يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەردىنئەمەس دەپ ئويلاپ ئېھرامنىڭ ئىچىگەكىيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھبولمايدۇ، لېكىن ئېھرامدا ھەرقانداق كىيىم كىيىشنىڭچەكلەنگەنلىكى بايان قىلىپ بېرىلگەندەدەرھال سىلىۋىتىشى كېرەك.

بۇ مەسىلىدىكى ئومۇمىقائىدە: ئىنسان ئېھراملىق ھالىتىدە چەكلىنىدىغان ئىشلارنىئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي ياكى مەجبۇرى قىلىپسالغان بولسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَاتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەربىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇشياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىنئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغاتارتمىغىن.[سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

ئىنسان بۇ دۇئانىئوقۇغاندا ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق قىلدىم دەيدۇ.بۇنىڭ دەلىلى:وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِوَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًاتەرجىمىسى: سىلەرسەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگەھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغانئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ ناھايىتىمەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەھزاب5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئېھراملىقھالەتتە ئوۋ ھايۋانلىرىنىئۆلتۈرۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپمۇنداق دەيدۇ: وَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًاتەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى ئۇنىقەستەن ئۆلتۈرىدىكەن (ئوۋھايۋانلىرىنى). [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].

بەزى ئالىملار، يۇقىرىدا بايانقىلىنغان چەكلەنگەن ئىشلاردىن كىيىم كىيىش، خۇشبۇينەرسە ئىشلىتىش بىلەن چېچىنى ئالدۇرۇش،ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرگەن،ئەمما توغرا قاراشتا ئېھرامدا چەكلەنگەنئىشلارنىڭ قايسىسىنى قىلسا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچپەرق يوق. چۈنكى ئىنسان بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسىنىئۇنتۇپ قىلىپ، بىلمەي ياكى مەجبۇرى قىلغان بولسائۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە

[ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋالىرى ناملىق ئەسەرنىڭ 536-537-بەتلىرىگە قارالسۇن]

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android