0 / 0

ناماز ئوقۇمايدىغان دادا ئۈچۈن ۋاپاتىدىن كىيىن ھەج قىلىپ قويۇش توغرىسىدا

سۇئال: 36577

دادام ۋاپات بولغىلى ئۇزۇن زامان بولدى، بىلىشىمچە ئۇ ناماز ئوقۇمايتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ئۈچ قېتىم ھەج قىلدىم، ئاخىرقى قېتىم قىلغان ھەجنى دادام ئۈچۈن قىلغان ئىدىم. ئەمما مەن ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ شەرئى ھۆكۈمدە كاپىر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە دادامنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم. سوئالى: دادام ئۈچۈن قىلغان ھەج توغرىمۇ؟، ئۇ ھەج دادامنىڭ نامازلىرىغا كاپارەت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇ سوئال شەيخمۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھدىن سورالغاندا، ئۇ مۇنداقدېگەن: “سوئال سورىغۇچى ئۆزىنىڭ ئۈچقېتىم ھەج قىلغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ، توغرىسى ھەجھاياتىدا بىر قېتىم پەرز بولىدۇ، بۇ توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ھەج بىر قېتىم بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئارتۇقى نەپلىدۇر. سىزنىڭئۈچ قېتىم ھەج قىلدىمدەپ ئىپادىلىگىنىڭىز توغرا بولمايدۇ، ھەج بىرقېتىم بولىدۇ. سىز ناماز ئوقۇمايدىغان دادىڭىزئۈچۈن ھەج قىلغانلىقىڭىزنى بايان قىلىپسىز، نامازئوقۇمىغان كىشى شەرئى ھۆكۈمدە كاپىر بولىدۇ،كاپىرلار ياخشى ئەمەللەردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ،ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراش،ئىستىغپار ئېيتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن: مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَن يَسْتَغْفِرُوالِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَىٰ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَلَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ تەرجىمىسى: پەيغەمبەرگە ۋەمۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن،مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ،ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇسئەمەس. [سۈرە تەۋبە113-ئايەت].

لېكىندادىڭىز بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغان بولسا ياكىكاپىرلىقىدا شەك قىلىنسا، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈنھەج قىلىشىڭىز توغرا بولىدۇ. دۇئا قىلغاندا: ئى ئاللاھ!ئەگەر دادام مۆمىن ھالەتتە ۋاپات بولغانبولسا، ئاشۇ قىلغان ھەجنىڭ ساۋابىنى دادامئۈچۈن قىلغايلا دەپ دادىڭىزنىڭمۆمىنلىكىگە شەرت قىلىپ قىلسىڭىزبولىدۇ، چۈنكى دۇئاۋە ئىبادەتتە شەرت قىلىپ قىلسا بولىدۇ.بۇنىڭ دەلىلى، ئىبادەتتە بولسا:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زەبائە بىنتىزۇبەير ئۆزىنىڭ ھەج قىلىشنى مەقسەتقىلغانلىقىنى ئەمما كېسەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندا،ئۇنىڭغا: سىز شەرت بىلەن ھەج قىلىڭ،سىزگە ئاللاھ تائالاغا شەرت قىلغان نەرسە بولىدۇ،دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى5089 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1207-ھەدىس].

ئەممادۇئادا: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:وَالْخَامِسَةُ أَنَّلَعْنَتَ اللَّـهِ عَلَيْهِ إِن كَانَ مِنَ الْكَاذِبِينَتەرجىمىسى: بەشىنچى قېتىمىدا: ئەگەريالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن،دېسۇن. [سۈرە نۇر 7- ئايەت].

مەنبە

["ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش"ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android