0 / 0

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى زىيارەت جەريانىدا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

سۇئال: 36860

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بەزى كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىنى سىلاۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرە تەرەپكە قاراپ، قولىنى مەيدىسىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ نامازدا تۇرغاندەك تۇرۇۋاتقانلىقى كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغىرمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالاھنىڭرەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىلگىرى بىز 36863-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىنى بايانقىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق، تۆۋەندەزىيارەت جەريانىدا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلارتوغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز:

1- خاتالىق. كىشىلەرنىڭپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭئەلچىسى! مېنىڭ كېسىلىمگە شىپالىق ئاتا قىلسىلا، ئىئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ قەرزىمنى ئادا قىلىپقويسىلا، مېنىڭ ئاللاھقا يېتىشتىكى ۋەسىلەم،مېنىڭ ھاجىتىمنىڭ ئېشىكى دېگەندەكشېرىككە ئىلىپ بارىدىغان سۆزلەر بىلەنمەدەت تىلەش، ياردەم سوراش قاتارلىقلار، بۇنىڭھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەردىكى ھەققىبولغان تەۋھىد قارىشىغا زىت كېلىدۇ.

2-خاتالىق.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭقەبرىسىنىڭ ئالدىدا ئوڭ قولىنى چەپ قولىنىڭئۈستىگە ئىلىپ كۆكسىدە ياكى كىندىكىنىڭئۈستىدە قويۇپ نامازدا تۇرغاندەك تۇرۇشبولۇپ، بۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھتائالانىڭ ھۇزۇرىدىن باشقا جايدا، بۇنداق ئۆزىنىتۆۋەن تۇتۇپ، بىچارىلىق بىلەن ئىبادەتقىلغاندەك ھالەتتە تۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

3-خاتالىق. قەبرىنىڭيېنىدا ئېگىلىش، سەجدە قىلىش ۋە ئاللاھتائالادىن باشقا كىشىگە قىلسا توغرا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىش.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: بىرئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا سەجدە قىلىشى توغرابولمايدۇ. [ئىمام ئەھمەد 3-توم 158-بەتتەكەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تەرغىب (1936، 1937)ۋە ئىرۋائۇل غەلىيل(1998) دا كەلتۈرگەن.

4-خاتالىق. قەبرىنىڭيېنىدا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ياكى قەبرىنىڭيېنىدا دۇئا قىلىشنى ياخشى دەپ قاراش، بۇنىڭھەممىسى چەكلەنگەن، بۇ شېرىككەسەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن، ئەگەرقەبرىستانلىقتا ياكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭقەبرىسىنىڭ يېنىدا دۇئا قىلىش ياخشى، توغرا بولغان بولسا،ئەلۋەتتەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بۇنداق قىلىشقارىغبەتلەندۈرەتتى، چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتنىجەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەممەياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرگەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداققىلىشقا بۇيرىمىغانلىقىدىن بۇ ئىشنىڭشەرىئەتتە بۇيرۇلمىغان،چەكلەنگەن، ھارام ئىش ئىكەنلىكىئايدىڭلىشىدۇ. ئەبۇ يەئلا ۋە ھاپىززىيائى “ئەل مۇختار” ناملىق ئەسەردەنەقىل قىلىپ: ئەلى ئىبنى ھۈسەينرەھىمەھۇللاھ بىر كىشىنىڭپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭقەبرىسىنىڭ يېنىدىكى كېرىش ئېغىزىدا دۇئاقىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى بۇنىڭدىنچەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن سىزگە دادامچوڭ دادامدىن، چوڭ دادامپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىرھەدىسنى سۆزلەپ بىرەي، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«مېنىڭ قەبرەمنىزىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار،ئۆيۇڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاشقىلىۋالماڭلار، سىلەر قەيەردەتۇرۇپ ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار،سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭايېتىدۇ،» دېگەن. [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى2042-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىشەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇداۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (1796)كەلتۈرگەن].

5-خاتالىق. مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىگەكېلەلمىگەن كىشىلەرنىڭ بەزىزىيارەتچىلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سالام يوللىشى، بەزى كىشىلەرنىڭبۇ سالاملارنى ئىلىپ كېلىپ ئاغزاكى يەتكۈزۈشىبولۇپ، دىندا ئەسلى بولمىغان كىيىن پەيدا بولغان بىدئەت تۈرىدىكىئىشلاردىن، سالام يوللىغۇچىلار ۋە سالامنى ئىلىپكەلگۈچىلەر بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزۈڭلار.سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇنۇ سۆزلىرى كۇپايە قىلسا كېرەك: «سىلەر قەيەردە تۇرۇپماڭا دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغاندۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ». ھەقىقەتەنئاللاھ تائالانىڭ زېمىندا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغانپەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ يوللىغاندۇرۇت-سالاملىرىنى ماڭا يەتكۈزىدۇ. [ئىمامئەھمەد 1-توم 441-بەتتە كەلتۈرگەن.شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2170- نومۇرلۇقھەدىستە كەلتۈرگەن.

6-خاتالىق. قەبرىنى تەكرار،كۆپ زىيارەت قىلىش، ھەر پەرز نامازدىن كىيىن ياكىھەر كۈنى مەلۇم نامازدىن كىيىن زىيارەت قىلىش،بۇنداق قىلىشپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەتقىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، دېگەنسۆزىگە قارشى كېلىدۇ.

ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىرەھىمەھۇللاھ مىشكاتنىڭ شەرھىسىدەمۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرەمنىزىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار دېگىنى،تەكرار كىلىدىغان ئورۇن قىلىۋالماڭلاردېگەنلىكىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنيەنە بىر ھەدىستە: «سىلەرقەيەردە تۇرۇپ ماڭا دۇرۇت-سالاميوللىساڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغاندۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ،»دېگەن قاتارلىق بۇ ھەدىسلەر ھەممىگەكۇپايە قىلىدۇ”. تۈگىدى.

ئىمام ئىبنى رۇشدىرەھىمەھۇللاھنىڭ “ئەلجامىئلىلبايان”ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام مالىكرەھىمەھۇللاھدىن: سىرىتتىن كەلگەن كىشىنىڭھەر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭقەبرىسىنىڭ يېنىغا كېلىشى توغرىمۇ؟ دەپسورىغان ۋاقىتتا، ئىمام مالىك: بۇنداق قىلىش دىندىن ئەمەسدەپ بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەن،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى چوقۇنىدىغانھەيكەل قىلىپ قويمىغىن،» دېگەن.

شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ،(تەھزىر ساجىد مىن ئىتتىخازىل قۇبۇرى مەساجىد) ناملىقئەسەرنىڭ 24-26-بەتتە كەلتۈرگەن.

ئىبنى رۇشدىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قەبرىنىڭيېنىغا كۆپ بېرىپ سالام قىلىش ياخشى ئەمەس،ھەر كۈنى قەبرىنىڭ يېنىغا بېرىۋىلىشخۇددى ھەر كۈنى ناماز ئۈچۈن مەسچىتكەبارغاندەك ئىش بولۇپ، قەبرىستانلىقنى مەسچىتكەئوخشىتىۋالغانلىق بولىدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىنچەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى چوقۇنىدىغانھەيكەل قىلىپ قويمىغىن،» دېگەن. ئىبنى رۇشدىرەھىمەھۇللاھنىڭ “ئەلبايانۋەتتەھسىل” ناملىق ئەسىرى 18-توم444-445-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

قازى ئىيازرەھىمەھۇللاھدىن: مەدىنىگە كەلگەنبەزى كىشىلەر ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىمپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭقەبرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇزۇن تۇرۇپسالام بېرىپ دۇئا قىلىپ تۇرىدىكەن توغرىمۇ؟دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىنبۇ توغرىدا ماڭا بىرەر خەۋەر يەتمىدى، ئۈممەتنىڭئاخىرى ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلى ئىسلاھ بولغان ئىشبىلەن ئىسلاھ بولىدۇ. ماڭا ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلىدىكىياخشى كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى توغرىسىداخەۋەر يەتمىدى دېگەن.” [ئەششىپابىتەرىپىل مۇستەپا ناملىق ئەسەر 2-توم676-بەت].

7-خاتالىق. مەسچىتنىڭھەممە تەرەپلىرىدىن قەبرىگە يۈزلىنىش،ھەر قېتىم مەسچىتكە كىرگەندەقەبرىگە يۈزلىنىش، ھەر قېتىم نامازدىن بىكار بولغانداقەبرىگە يۈزلىنىش، سالام بەرگەندە ئىككىقولىنى قوشتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سىلپتۇرۇش قاتارلىق كەڭ تارقالغان بىدئەتلەرۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت بولغانئىشلاردىندۇر.

ئاللاھنىڭبەندىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، شەرىئەتكەزىت بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار.قارىغۇلارچە خائىنلارغا ئەگىشىشتىن ساقلىنىڭلار، قىلغانئىشلىرىڭلاردا دەلىل-پاكىتقا تايىنىڭلار. ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِ كَمَن زُيِّنَلَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُم تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىتەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغانئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامانئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسىخاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا)ئوخشامدۇ؟. [سۈرە مۇھەممەد 14-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىتوغرا يول تۇتقۇچى ۋە توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىلەردىن،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىگەئەگەشكۈچىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android