ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

روزىدار چىشىنى چېڭىتىش ئۈچۈن سالغان تۇتاشتۇرغۇچنى ئېلىۋېتىشى كېرەكمۇ؟

سۇئال: 37665

   روزا تۇتىدىغان ۋاقىتتا ئېغىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان تۇتاشتۇرغۇچنى ئېلىۋېتىش كېرەك بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇ نەرسە ئېغىزىدا بولغاندا سۆزلىسەم ئېغىزىمغا كۆپ شال پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇر بولىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئېغىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان تۇتاشتۇرغۇچنى ئېلىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن ئاشقازانغا بىر نەرسە كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆپ شال چىقىرىشقا سەۋەپ بولىشى ئۇ كىشىنىڭ روزىسىنى بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولمايدۇ.

    بەزى ئالىملار روزىدار كىشى ئېغىزىغا تەڭگە سىلىۋالسا بولىدۇ دېگەن، چىشنى تۇتاشتۇرغۇچى تەڭگە قويىۋالغاندىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، چۈنكى بۇنى ئىنسان زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولمىسا قىلمايدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقان كىشى ئېغىزىغا دىرھەم ياكى دىنار دېگەندەك نەرسىلەرنى سېلىۋالسا، ئۇنىڭ كانايدا تەمى بىلىنمىسە، بۇنىڭدا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، تەمى تېپىلىدىغان نەرسە بولسا توغرا بولمايدۇ". ["ئەلمۇغنى" 4-توم 359-بەت].

    تۈپرۈك گەرچە كۆپ بولسىمۇ ئۇنى يۇتۇپ سالسا روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.  

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android