ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھۇشىنى يوقىتىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى توغرىسىدا

سۇئال: 37684

 قىسقا مۇددەت ھۇشىنى يوقىتىپ قويۇش كېسىلىگە دۇچكەلگەن كىشىگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، رامزاندا ھۇشىنى يوقۇتۇش كېسىلىگە دۇچار بولغان كىشىگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن روزا ساقىت بولمايدۇ.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  بىر قانچە سائەت ھۇشىنى يوقىتىپ قويغان كىشىگە روزا تۇتۇش كېرەك بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئۇ كىشىنىڭ ھۇشىئىدراكى بىر قانچە سائەت يوقالغان بولسا، ئۇ كىشىگە روزا تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، بۇ بەزى كۈندۈزدە ياكى كېچىدە بىر قانچە سائەت ئۇخلاپ ئۇنىڭدىن ھۇشىئىدراكى يوقالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشىگە روزىنىڭ ۋاجىپ بولىشىنى چەكلىمەيدۇ. "[شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"  15 توم 210 بەت.]

    لېكىن ھوشسىزلىق ۋاقتى ئۇزۇراپ پۈتۈن بىر كۈن بولۇپ قالسا، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشىگە شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر كۈندۈزدە ھۇشىغا كېلىپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.   9245 12425 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android