ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

روزىدار ئەر-ئاياللاردىن مەزى كەلسە، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 37715

    ئادەتتىكى سەۋەپلەردىنمۇ شەھۋېتىمنىڭ كۆپ قوزغىلىشىدىن ئىچىم پۇشىدۇ، يولدىن ئۆتسەم ياكى ئايالغا تۇيۇقسىز قاراپ قالسام، بۇنداق ۋاقىتتا تىزدىن كۆزۈمنى يۇمىۋالىمەن، لېكىن بىر نەرسە كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئولتۇرسام پىكىرخىياللار كېلىدۇ، دەرھال ئۆزۈمنى يېغىمەن، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە روزام بۇزۇلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەزى پىكىرخىيال قىلىش سەۋەبىدىن كەلسۇن ياكى ئەر كىشى ئايالىنى سۆيۈپ قويۇش بىلەن كەلسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەردىن كەلسۇن، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى. [ "ئەلمەجمۇ"  6 توم 323 بەت.]

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "ئەل ئىختىيارات"  193 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئايالىنى سۆيۈپ قويۇش ياكى سىلاپ قويۇش ياكى تەكرار قاراش سەۋەبىدىن مەزى كەلسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شافىئى ۋە بىزنىڭ بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىدۇر" .

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ "شەرھىل مۇمتى" 6 توم 390 بەتتە مۇنداق دېگەن: " يۇقىرىقى قاراشلاردىن بولغان دەلىل روزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر، چۈنكى روزا ئىنسان شەرئى يول بىلەن باشلىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت پەقەت شەرئى دەلىل بىلەن بۇزۇلىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android