ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە سەدىقە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال: 37720

  رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە سەدىقە، خەيرئېھسان قىلىش ياخشىمۇ ياكى بۇ كېچىلەرنى پەقەت ناماز ۋە زىكىر بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشىمۇ؟ ناماز ۋە زىكىر مۇشۇ كىچىلەرگە خاسمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىنىڭ كېچىلىرىنى ناماز ۋە زىكىرلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش تەكىتلەنگەن.

    رامزاندا سەدىقە قىلىش باشقا ۋاقىتلاردا سەدىقە قىلغاندىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن بىز رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىس كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

    لېكىن ئۆلىمالار ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا باشقا ۋاقىتلارغا كۆرە ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى زىكىر قىلغان، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرى باشقا كۈنلىرىنىڭ كېچىلىرىدىن شەكسىز ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسى بار.

     ھەر قانداق ھالەتتە بولسۇن، مۇسۇلمان ئۈچۈن رامزاننىڭ ھەممىسىدە سەدىقىنى كۆپ قىلىش يولغا قويۇلغان: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىلىرىدىن بولۇپ، رامزاندا باشقا ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 6-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2308 –ھەدىس].

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android