ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ مەسچىتتىن چىقىشى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 37951

   رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئىتىكاپنى قانداق قىلىشنى بىلىشنى خالايمەن؟. مەن كۈندۈزدە ئىشلەيمەن، چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە ئىشتىن چۈشىمەن، ئېتىكاپقا كىرگەندە مەسچىتتە مۇقىم تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

    ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشى ئىتىكاپنى بۇزۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئېتىكاپ دېگەن ئاللاھ تائالاغا تائەتئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتە تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەمما چىقىش زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۈچۈن چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ، خۇددى تەرەت سۇندۇرۇش، تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇش، مەسچىتكە يىمەكلىك ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا يىمەكلىك ھازىر قىلىش قاتارلىق مەسچىتتىن چىقىش زۆرۈر بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھاجىتى ئۈچۈنلا ئۆيگە كىرەتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 2092 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 297 –ھەدىس].

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4 توم 466-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانىي ھاجەتتىن بولغان مەقسەت: چوڭكىچىك تەرەت سۇندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يېمەكئىچمەكمۇ ئىنسانىي ھاجەتنىڭ قاتارىدىندۇر، ئېتىكاپ قىلغۇچىغا يېمەك ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ چىقىشى زۆرۈر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىقىش زۆرۈر بولىدىغان، مەسچىتنىڭ ئىچىدە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن سىرتقا چىقسا ئۇزۇن تۇرۇپ قالمىسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ.

   ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلىۋاتقان مەسچىتتىن چىقىشى ئىتىكاپنى بۇزىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ كېسەل يوقلىشى، چاقىرغان جايلارغا بېرىشى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشى، جىنازىگە ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىشى ياكى خىزمەتكە بېرىشى قاتارلىقلار ئىتىكاپنى بۇزامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " سۈننەت بويىچە ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلىش جەريانىدا كېسەل يوقلىمايدۇ، چاقىرغان جايلارغا بارمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا چىقمايدۇ، جىنازە نامىزىغا قاتناشمايدۇ، مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى خىزمەتئىش ئورۇنلىرىغا بارمايدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەت بويىچە ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىمايدۇ، جىنازىگە قاتناشمايدۇ، ئاياللىرىنى سىلىمايدۇ ۋە قۇچاقلاشمايدۇ، زۆرۈر بولغان ھاجىتىدىن سىرت مەسچىتتىن چىقمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى  2473 –ھەدىس].

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10 –توم 410-بەت.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android