ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئۆي ھايۋانلىرىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا

سۇئال: 390585

    بىز قوي ۋە توخۇغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىنى تەربىيىلەيمىز.  ئۆينىڭ بىر تەرىپىدە ئۇلارغا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىمىز، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىنى  تېزەك، سۈيدۈك ۋە سېسىق پۇراقلاردىن تازىلاش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە يۇيۇپ تۇرىمىز، بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيىمىز، لېكىن شۇنداق تازىلاپ تۇرساقمۇ بەزى سېسىق پۇراقلار قېلىپ قالىدۇ، خوشنىلىرىمىز بۇنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوينى قويۇپ قويۇپ توخۇنى ئۆلتۈرىۋەتتۇق، چۈنكى قوينى ئوغرىدىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن  پەقەت كېچىسى ياتىدىغان يېرىگە كىرگۈزىمىز. مېنىڭ سوئالىم: بىزنى قوينى ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەقەت كېچىدىلا ئورنىغا كېرگۈزىۋەتسەك، تۇرىدىغان يېرىنى ھەر ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرساقمۇ بۇ خوشنىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    خوشنىلار قوي، توخۇ ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ پۇرىقىدىن ئەزىيەت چەكسە، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يېغىش كېرەك، بۇ ھايۋانلاردىن خالاس بولۇش ياكى بۇلارنى يىراق جايدا تەربىيىلەش كېرەك، خوشنىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بار.

    ئەبۇ شۇرەيھتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «ئاللاھ بىلەن قەسەم! مۇئ‍مىن بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم! مۆمىن بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم! مۆمىن بولمايدۇ، ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى، كىم ئۇلار!؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  خوشنىلىرى ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان كىشى دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى6016 -ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خوشنىلىرى ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 46-ھەدىس].

   ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي"چوڭ گۇناھلارغا يېقىنلىشىشتىن چەكلەش" ناملىق ئەسىرى 1 توم 422 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئىككى يۈز ئونىنچى گۇناھ" "گەرچە زىممى بولسىمۇ خوشنىلىرىغا ئەزىيەت بەرمەسلىك"  دېگەن بابتا كەلتۈرگەن.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىلار توغرىسىدا نەسىھەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا خوشنىلار ۋارىس بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلىغان» [بۇخارى رىۋايىتى 6105 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2624 -ھەدىس].

   پىقھى ئالىملىرىمۇ خوشنىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلەش توغرىسىدا دەلىللەرنى بايان قىلغان.

"دۇرەر ئەل ھۇككام شەرھى مەجىللەتىل ئەھكام"  3 توم 216 بەتتە: "قايسى يول بىلەن بولمىسۇن خوشنىغا كېلىدىغان ئېغىر زىياننى مۇداپىئە قىلىش" تېمىسى ئاستىدا مۇنداق كەلگەن: بەشىنچى مەسىلە:  بىر كىشى مەسچىتكە يېقىن جايغا قۇشخانا ياسىغان بولسا، بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ پۇرىقى ۋە تېزەكلىرىنىڭ سېسېقچىلىقىدىن ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئەزىيەت يەتكەن بولسا، قازى بۇ ئىشنى بىلسە بۇنىڭدىن چەكلەش كېرەك بولىدۇ". "ئەلى ھەيدەر ئەپەندى".

   ئالتىنچى مەسىلە:  "بىر كىشى ئۆز ھويلىسىدا تېرە ئاشلىسا، بۇنىڭدىن خوشنىلىرى ئەزىيەت چەكسە چەكلەيدۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتلار قىلسا داۋاملىق قىلمىسا بۇنىڭ زېيىنى يوق، بۇنىڭدىن چەكلىمەيدۇ. ["دۇرەرۇل مۇختار" ].

   لونىشرىسىينىڭ"ئەل مىئيار" ناملىق ئەسىرى 8 توم 412 بەتتە:  بەزى كىشىلەر: ئەبۇ ھەپسە ئەتادىن: بىر كىشى ئۆز ھويلىسىدا سېركە تەييارلىغان بولسا، خوشنىلىرى ئۇ كىشىگە: بۇنىڭ پۇرىقى بىلەن بىزگە ۋە ئەتراپتىكىلەرگە ۋە تاملارغا ئەزىيەت يەتكۈزدۇڭ دېسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " تىبابەت ئەھلى: سېركىنىڭ پۇرىقى ئەزىيەت بولىدۇ دېسە، قۇرۇلۇشچىلار:  بۇ پۇراقنىڭ تامغا تەسىرى بولىدۇ دېسە، ئۇ ۋاقىتتا ھويلىسىدا سېركە تەييار قىلىشتىن چەكلىنىدۇ، لېكىن خوشنىلارنىڭ تېمىدىن ئايرىم تام سېلىپ پۇراقنىڭ ئۇلارنىڭ تېمىغا يېتىشىنى چەكلىسە ۋە ئۇلارغا ئەزىيەت يەتمەيدىغان بولسا، چەكلەنمەيدۇ. شەيخ ئەبۇ بەكىر بىن ئابدۇراھمان خوشنىلار ۋە ئۇلارنىڭ تېمى ئۈچۈن بۇنداق قىلىشتىن چەكلەش توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن"] .

   ئۇ كىشىگە دەيدىغىنىمىز : توخۇلارنى تۈگىتىپ ياخشى قىلىپسىز.  ئەمما قوي بولسا، قوينىڭ مۇشۇ ئۆيدە تۇرىشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ پۇرىقىدىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن خوشنىلار ئەزىيەت چېكىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇڭلار ياكى يىراق جايغا يۆتكىۋېتىڭلار.

    ئۆي ھايۋانلىرىغا كەلسەك:  ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە بولىدۇ، سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا كىشىلەر مەلۇم ھايۋانلارنى ئۆيدە بېقىپ ئادەتلەنگەن بولسا، ئادەتلەنمىگەن ئىشلار چەكلەنسىمۇ ئادەت قىلغان ئىشلاردا كەڭچىللىك قېلىنىدۇ، ئۆزى ئۆيىدە تەربىيىلەش ۋە قانائەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان نەرسىلەردە مۇستەقىل بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android