ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەكلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھالال بولمىغان يېمەكلىكلىرىنى يېسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 392049

    مەن يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئانام تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن قازانغا ھالال بولمىغان گۆش سالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك كۆكتاتلارنى سالدى، يىمەكنى تەييار قىلدى، مەن ھالال بولمىغان گۆشنى يېيىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەرگە:  مەن گۆشنى ياقتۇرمايمەن دەپ تۇرىمەن، لېكىن ئائىلە پىشۇرۇلغان بۇ يىمەكنى يېسە بولىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى گۆش قازاننىڭ ئاستىدا، كۆكتاتلار ئۈستىدە، ئۇلار گۆشنىڭ ھەممىنى يېدى، تەبىئىي ھالال بولمىغان گۆش قازاندىكى كۆكتاتلار بىلەن ئارىلاشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغىنىم ۋە بىلگەنلىرىمگە كۆرە، ئۇ كۆكتاتلارنى يېيىش توغرا بولمايدۇ، ھازىر ئانام مەندىن بىر قانچە قېتىم نېمە ئۈچۈن يېمەيسىز؟ دەپ سورىدى. ئاشكارا بولۇپ قىلىشىمدىن ئەنسىرىدىم، ئانام كۆپ شەكلىنىدۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى بەك تىز مۇلاھىزە قىلىدۇ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇمكىن قەدەر بۇنىڭدىن يىراقلىشاتتىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنى شەكلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەتكەن يېمەكتىن ئازراق يەيمەن، ئاندىن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىمەن، ھازىر يېمەسلىككە چىڭ تۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتىمەن، مەن ئەنسىرگەندەك ئانام شەك قىلىشقا باشلىدى، مەن مۇشۇ ھالەتتە ياكى باشقا ھالەتلەردە ئانامنىڭ شەكلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھالال بولمىغان گۆشلەر بىرگە قورۇلغان كۆكتاتلارنى يېسەم توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي ئۆلتۈرگەن ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ، ئەمما بۇتپەرەس، دىننى ئىنكار قىلىدىغان مۇلھىدلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ، چوشقا گۆشى بولسا ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۆلتۈرگىنىنى يېگىلى بولمايدۇ.

    ئەگەر سىز ھالال بولمىغان گۆش دېگەندىن: چوشقىنىڭ گۆشى ياكى يەھۇدىي ۋە ناسارانىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈرگەن گۆشى ياكى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرگەن گۆشىنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز  بۇ توغرا ئۇلارنىڭ ھۆكمى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    ئىككىنچى: سىز بەك مەجبۇر بولۇپ قالمىسىڭىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇلاغلاردىن گۆشى ھارام بولغانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭىز كېرەك، ھارام گۆشكە ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلغان كۆكتاتلارمۇ نىجىس گۆشكە ئارىلىشىپ پىشقانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ ھارام بولىدۇ.

    ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزنى بىلسە بۇنىڭدىن سىزگە زور زىيان كىلىدىغان ياكى دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئىشىڭىزنىڭ ئاشكارا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھارام يىمەكلىكتىن يېسىڭىز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةَ وَالدَّمَ وَلَحْمَ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ بِهِ لِغَيْرِ اللَّهِ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھدىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.  ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە بەقەرە 173   ئايەت.]

    دوكتۇر ۋەھبەتۇل زۇھەيلىنىڭ"شەرىئەتنىڭ زۆرۈر نەزەرىيىسى"  ناملىق ئەسىرى 67 بەتتە مۇنداق كەلگەن: " زۆرۈرەت دېگەن:  خەتەردىن ئىنسانغا تۇيۇقسىز كىلىدىغان بىر ھالەت ياكى زەرەر يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان قاتتىق مۇشەققەت ياكى ئىنساننىڭ جېنىغا، ئەزاسىغا، يۈز ئابرۇيىغا، ئەقلىگە، مېلىغا ياكى ئەگەشكۈچىلىرىگە يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بىر زىياندىن ئىبارەت، شۇنداق ۋاقىتتا ئىنسان شەرئى چەكلىمىلەر ئاستىدا كۈچلۈك قارىشىدا ئۆزىگە يېتىدىغان زىيانلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سالسا ياكى پەرز بولغان ئىشلارنى تەرك قىلسا ياكى ئۇ ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە توغرا بولىدۇ". ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بېرىشنى، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى سورايمىز.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android