ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
43806/09/2022

تورسەھىپىسىدە ئېلان چېكىپ پايدا ئىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 392583

(sovrntur.com)بۇ ئىسىمدىكى تور بەت بولۇپ، بۇنىڭدىكى خىزمەت مۇنداق بولىدۇ: ئۇنىڭغا كىرىش ھەققى ئۆتىگەندىن كېيىن ئون ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ، ھەر بىر ئېلاندىن ئالىدىغان پايدا ئاز بولىدۇ، ئون ئېلاننىڭ پۇلى ئون لىرا بولىدۇ، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئون ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئون لىرا پايدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىگىرمە لىرا بولىدۇ، ئۇنى بانكا ھېسابىمىزغا قاتىمىز، ئومۇمى مەبلەغدىن 92% تارتىۋالىمىز، شۇ كۈننىڭ مەبلىغى قالغان كۈنلەرنىڭ مەبلىغىغە نىسبەتەن يېتەرلىك بولىدۇ، بىز يەنە بىر ئېلان بېرىش ئۈچۈن تور بەتكە چوقۇم پۇل ياتۇرىشىمىز كېرەك، مەسىلەن: 200 لىرا پۇل قويىمىز، بۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى ئون ئېلان چىقىرالايمىز، چىقىرىلغان ئېلاننىڭ باھاسى بويۇنچە ئون لىرادىن ئازراق ياكى كۆپرەك بولىدۇ، 600 لىرا پۇل قويساق، بۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى ئوتتۇز لىرانىڭ باراۋېرىدە ئون ئېلان چىقىرالايمىز، چىقىرىلغان ئېلاننىڭ باھاسى بويۇنچە ئوتتۇز لىرادىن ئازراق ياكى كۆپرەك بولىدۇ، ئىش مۇشۇنداق، چىقىرىلىدىغان ئېلان بىز قويغان پۇلنىڭ ئاز ياكى كۆپلۈكى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پۇل قويغان تارىختىن باشلاپ ئىككى ئاي بولغاندا پۇل قايتۇرۇلىدۇ، بىز ئېلاننى چەككەن كۈنىمىز پايدا ئېلىشىمىز مۇمكىن، ئېلان چەكمىگەن كۈنى پايدا يوق، پايدا تور بەتنىڭ ئېچىدىكى ئىشقا ئاساسەن بولىدۇ، ئىش بولمىسا پايدا بولمايدۇ. تور بەتنىڭ ئىشنىڭ تەبىئىتى شۇنداق، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، مەن پۇل قويدۇم، بۇنىڭدىن ئالىدىغان پايدام كۈندىلىك چېقىمىمغا يېقىن بولىدۇ، بۇ توربەتنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟، ئەگەر بۇ يەرگە پۇل قويۇش ھارام بولسا قانداق قىلىدۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئېلانچىلىق قىلىپ پايدا ئېلىش ئىككى شەرت بىلەن دۇرۇس بولىدۇ:

    بىرى: قويغان ئېلان دۇرۇس بولىشى كېرەك، چۈنكى ئېلان چېكىش، ئۇنىڭ كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆپ بولىشى، ئۇنى كۈچەيتكەنلىك ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۇناھ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھى كەملەپ كەتمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 4831-ھەدىس].

   يىرىم-يالىڭاچلىق، ھاراق-تاماكا، جازانە بانكىلىرى، قىمار سورۇنلىرى، خرىستىئانلاشتۇرۇش دەۋەتلىرى قاتارلىق ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھارامنى نەشىر قىلىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان  چەكلەنگەن ئېلانلارنى چىقارماسلىق كېرەك.

    يەنە بىرى: تۆلەيدىغان ھەق ياكى بېرىلىدىغان مۇكاپات ئېنىق بولىشى كېرەك، مۇنچىلىك پۇلغا بۇ يەرگە ئېلان چىقارغىن ياكى ئېلان چەككىن دېگەنگە ئوخشاش. ئەگەر ئالىدىغان ھەق ئېنىق بولمىسا قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ.

     ئىككىنچى: بۇ توربەتكە پۇل تۆلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شەكىلدە پۇل تۆلەش شەرئى تەرەپتىن توغرا بولمايدۇ، سىزدىن توربەت ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن پايدىلىنىش ئۈچۈن سىزدىن ئالدىدىن پۇل ئالدى، ئىلىم-سېتىم، ئىجارە ۋە مۇكاپات قىلىش قاتارلىق ئالماشتۇرۇش  كېلىشىملىرىدە ئالدىدىن پۇل ئېلىشنى شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئەمىر بىن شۇئەيىب ئاتىسىدىن، چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر سودىدا ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش ۋە سېتىش توغرا بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 1234-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3504-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى4611-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    بۇ سودا كېلىشىمگە باشقا سودا كىلىشىملىرىمۇ قېتىلىدۇ. ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ (مارجىن) توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "ۋاستىچىنىڭ خېرىدارغا تىجارەتنىڭ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن بولىشىنى شەرت قىلىشى ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش بىلەن ئارىچىلىقنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ، بۇ سودا بىلەن ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىغانلىقنىڭ مەنىسىدەدۇر، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر سودىدا ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش ۋە سېتىش توغرا بولمايدۇ».دېگەن بۇ سۆزى بىلەن چەكلەنگەندۇر. [ئەبۇ داۋۇد 3-توم 384-بەت. تىرمىزى 3-توم 526-بەت. بۇ ھەدىس ھەسەن سەھىھ].

    ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن قەرز بېرىشتىن چەكلەنگەن بولىدۇ، پىقھى ئالىملىرى: مەنپەئەتكە ئىلىپ بارىدىغان ھەرقانداق قەرزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مالنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ توربەتكە پۇل ياتقۇزۇش توغرا بولمايدۇ. سىز ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ تۆلىگەن پۇللىرىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android