ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ تاھارىتى ۋە نامىزى توغرىسىدا

سۇئال: 39494

بەزى ۋاقىتتا سۇيدۇك تامچىلىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، بۇنداق بولسا نامازنى قانداق ئادا قىلىمەن دەپ سورىسام ماڭا ھەر ۋاقىت ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىسىز ئۇنىڭ بىلەن خالىغان نامازلارنى ئادا قىلىسىز، يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يەنە يېڭىدىن تاھارەت ئالىسىز دېيىلدى. مېنىڭ سوئالىم: مەن مەسچىتتە جامائەتكە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن ناماز ۋاقتى كىرىشتىن سەل بۇرۇن تاھارەت ئالساممۇ بولامدۇ؟، ئۆينىڭ سىرتىدا بولۇپ قالغاندا، بىر قېتىم ئالغان تاھارەت بىلەن يېڭىدىن ۋاقتى كىرگەن نامازلارنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا، ئىچ كىيىمىمنى پاكىزلاپ، تاھارەت ئېلىپ، ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن؟. بىر قېتىم ئالغان تاھارەت بىلەن خۇپتەن ئاندىن تەراھۋىھقا ئوخشاش ئۇزۇن ناماز ئادا قىلسام بولامدۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئالىملار دائىم سۈيدۈك تېمىپ، يەل چىقىپ، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان كىشىنى ھۆكۈمدە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋەتكەن، نىجاسەت تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر نەرسە بىلەن پاكىزلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ھەر نامازنىڭ ۋاقتى ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، ئۇ تاھارىتى بىلەن پەرزدىن ۋە نەپلىلەرنى خالىغاننى ئادا قىلىدۇ، پەرزەن: دائىم سۈيدۈك تامىدىغان كىشىدىن تاھارەت ئالغاندىن كېيىن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە سۈيدۈك تاممىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە قايتىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە ئالغان تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئۇ كىشىگە ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   – دائىم سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشى ھۆكۈمدە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋېتىلگەن.

   1- سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان ۋە پىسىلداپ يەل چىقىپ تۇرىدىغان كىشىگە ئوخشاش تاھارەتسىزلىكى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، ئالغان بىر قېتىملىق تاھارىتى بىلەن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە پەرز ۋە نەپلە نامازلاردىن خالىغاننى ئادا قىلىدۇ.

    بۇنىڭ دەلىلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پاتىمە بىنتى ئەبى  ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن خۇن كېسىلى بولغان ئايال، ئايدا بىر كۈنمۇ پاك بولمايمەن، شۇنىڭ بىلەن ناماز ئادا قىلمىساممۇ بولامدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق بولمايدۇ، بۇ توموردىن كېلىدىغان بىر خىل قان بولۇپ ھەيز ئەمەس، سىزنىڭ ھەيز ۋاقتىڭىز كەلگەندە نامازنى تەرك قىلىڭ، ھەيز ۋاقتىڭىز ئاخىرلاشقاندا، بەدىنىڭىزنى يۇيۇپ، قان داغلىرىنى تازىلاپ ئاندىن ناماز ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ، يەنە بىر قېتىم ھەيزنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە ھەر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىسىز». [بۇخارى رىۋايىتى 226-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىغا ئائىتتۇر. مۇسلىم رىۋايىتى333-ھەدىس].

    ئالىملار دائىم سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشىنى ھۆكۈمدە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋەتكەن.

   لېكىن ئۇ كىشى سۈيدۈك تېمىشنىڭ تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك ۋاقىت ئۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، نامازنى شۇ ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشى كېرەك.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن ئىككى خىل ھالەت بولىدۇ:

    بىرىنچىسى: سۈيدۈك توختىماستىن تېمىپ تۇرىدىغان بولىدۇ، تاش بۆرەككە بىر نەرسە جۇغلاشسىلا چۈشىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە سۈيدۈكتىن ساقلىنىدىغان نەرسە قويۇپ  تاھارەت  ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان نەرسىنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى: سۈيدۈك تېمىش ئون مىنۇت ياكى ئون بەش مىنۇت ئەتراپىدا توختايدىغان ھالەت بولسا، مۇشۇ ۋاقىتقا ساقلاپ، شو ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ ناماز ئادا قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا جامائەت نامازنى ئادا قىلىپ بولسىمۇ مەيلى". ["ئ‍وچۇق سوئال كۆزنىكى " 17-سان، 67-ئۇچرىشىش].

   -خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ تاھارىتى.

   ئالىملار خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ تاھارىتى توغرىسىدا، ئۇ ئايالنىڭ ئالغان تاھارىتى شۇ نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كېتىش بىلەن بىكار بولامدۇ ياكى ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بىكار بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پەرقلىق قاراشلاردا بولدى. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە: بىر كىشى بامدات نامىزىغا تاھارەت ئىلىپ ئۇ تاھارەت بىلەن بامداتنى ئوقۇغان بولسا، بۇ تاھارەت بىلەن يەنە ھېيت نامىزى ياكى چاشكا نامىزى ئوقۇيالامدۇ؟.

   بەزى ئالىملار: ئۇ ئايالنىڭ تاھارىتى شۇ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىش بىلەن بىكار بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى كۈننىڭ چېقىشى ئۇ ئايالنىڭ تاھارىتىنىڭ بۇزۇلغان ۋاقتىدۇر دەيدۇ.

    بەزى ئالىملار: ئۇ ئايالنىڭ تاھارىتى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كېرىش بىلەن بىكار بولىدۇ دەپ، ئۇ كىشىنىڭ بامداتقا ئالغان تاھارىتى بىلەن چاشكا نامىزى، ئىككى ھېيت نامىزى قاتارلىق نامازلانى ئادا قىلسا بولىدۇ چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى يەنە بىر نامازنىڭ يەنى پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە داۋاملىشىدۇ.

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملارنىڭمۇ ئىككى خىل قارىشى بار. ["ئەلئىنساپ" 1-توم 378-بەت، "پىقھى توپلاملىرى" 3-توم 212-بەت].

    ئېھتىيات يۈزىسىدىن چاشكا نامىزى، ئىككى ھېيت نامىزىغىمۇ يېڭىدىن تاھارەت ئېلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. بۇ ھەقتە 22843- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

  2-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، سىز جامائەتنى تېپىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولسۇن نامازنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئالغان تاھارىتىڭىز يېڭى نامازنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى بۇزۇلىدۇ. 

    شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، بۇ ھۆكۈم تاھارەتسىزلىك دائىم بولىدىغان، سىرتقا بىر نەرسە چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، لېكىن پەرزەن: سۈيدۈك تېمىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىدىن تاھارەت ئالغاندىن كېيىن بىر نەرسە چىقماي يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا، ئۇ كىشىگە قايتىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ بەلكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تاھارىتى بىلەن قالىدۇ.

    پىقھى ئالىملىرىنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ دېگەن سۆزى، تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسە چېقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر.

    بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ : "رەۋزۇل مۇربى" 57-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "خۇن كېسىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، دائىم سۈيدۈك تامىدىغان ياكى مەزىي چىقىدىغان ياكى يەل چېقىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر نەرسە چىقسا، ئۇلار ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كېرىپ بولغۇچە شۇ تاھارىتى بىلەن پەرز ۋە نەپلىلەردىن قانچىلىق ئادا قىلسا بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالدىن تاھارەت ئالغاندىن كېيىن بىر نەرسە كەلسە، ئۇ ۋاقىتتا ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر بىر نەرسە كەلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ دەسلەپتە ئالغان تاھارىتى بىلەن قالىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 438-بەت].

   3-ئەگەر سىز ئۆينىڭ سىرتىدا بولسىڭىز، نامازنىڭ ۋاقتى كېرىش بىلەن تاھارىتىڭىز بۇزۇلىدۇ، ناماز ئادا قىلماقچى بولسىڭىز، بىر نەرسە چىققان ئورۇننى يۇيۇۋېتىپ، مۇمكىن بولسا يەنە بىر نەرسە چېقىشتىن چەكلەيدىغان ئاماللارنى قىلىپ قايتىدىن تاھارەت ئالىسىز.

    ئىچ كىيىملەرنى تازىلاش دېگەن ئۇ كىيىملەرنى يۇيۇش بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئۈچۈن ئايرىم كىيىم تەييار قىلغان بولسىڭىز ئۇنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە ئىلىپ يۈرسىڭىز ئاسان بولىدۇ، ئەگەر سىزگە ئىچ كىيىمىنى يۇيۇش ياكى ئالماشتۇرۇش قېيىن بولىدىغان بولسا، ئەسلى ھالىتىڭىز بىلەن نامازنى ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دائىم سۈيدۈك تامىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى داۋالاش بىلەنمۇ ساقايمىغان بولسا، ئۇ كىشى ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، بەدىنىگە يۇقۇپ قالغان نەرسىلەر بولسا يۇيىۋېتىدۇ، ئەگەر قىيىن بولمىسا ناماز ئۈچۈن ئايرىم پاكىزە كىيىم تەييار قىلىدۇ، قىيىن بولسا ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە دىندا قىيىنچىلىق قىلمىدى».

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿‏يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسانلىقنى مەقسەت قىلىدۇ، قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلمايدۇ».

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىڭلار». ئۇ كىشى كىيىمىگە، بەدىنىگە ياكى ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا سۈيدۈك تېمىپ قالماسلىق ئۈچۈن بەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك". ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 1-توم 192-بەت].

   دائىم سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئادا قىلىشى.

    سىزگە ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئىلىپ، كىيىمنى يۇيۇش قىيىن بولسام ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۆيدە بولۇڭ ياكى ئۆينىڭ سىرتىدا بولۇڭ، پېشىن بىلەن ئەسىردىن ئىبارەت ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇسىڭىز توغرا بولىدۇ ، بىر قېتىم تاھارەت ئىلىپ ئۇ ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىككىسىنى ئادا قىلسىڭىز، شۇنىڭدەك شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنىمۇ بىرگە ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 24-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "خۇن كېسىلى بولغان ئايال ۋە كېسەل كىشى ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھۇل مۇمتىئ" 4-توم 559-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "خۇن كېسىلى بولغان ئايالغا ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش قىيىن بولسا، پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئادا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ".

    خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال خۇپتەن نامىزىغا ئالغان تاھارەت بىلەن كېچىلىك ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟.

   4-سىز خۇپتەن نامىزىغا ئالغان تاھارەت بىلەن تەراۋىھنى بىرگە ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەرچە تەراۋىھ نامىزى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشسىمۇ بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال خۇپتەن نامىزىغا ئالغان تاھارەت بىلەن يېرىم كېچىگىچە كېچىلىك ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بار، بەزى ئالىملار يېرىم كېچە ئۆتكەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئىلىش ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر يېڭىدىن تاھارەت ئىلىش كېرەك بولمايدۇ، دەيدۇ". ["تاھارەت پەتىۋالىرى" 286-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android