ئاللاھ تائالا كۆتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان يوغان تاشنى يارىتىشقا قادىر بولالامدۇ؟ دېگەن بۇ سۇئال خرىستىئان دەۋەتچىلىرىدىن بىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قانداق جاۋاپ بېرىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىنسىزلارنىڭ: كۆتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان يوغان تاشنى ئاللاھ تائالا يارىتىشقا قادىر بولالامدۇ؟ دېگەن سوئالىنىڭ جاۋابى توغرىسىدا
سوئال: 39679
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بۇ سوئال ۋە بۇنىڭ ئوخشاشلىرىدا زور خاتالىقلار بار، دىنسىزلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇسۇلمانلار بىلەن دىئالوگ، سۆھبەت ئىلىپ بارغاندا بۇنداق سوئاللارنى ئىشلىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئەگەر جاۋاپ بەرگۈچى: ئاللاھ ئۇنداق نەرسىنى يارىتىشقا قادىر بولالمايدۇ دېسە، ئۇلار: بىر تاشنى يارىتىشتىن ئاجىز كەلسە ئۇ قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟دەيدۇ، ئەگەر جاۋاپ بەرگۈچى: ئاللاھ ئۇنى يارىتىشقا قادىر دېسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار: مۇشۇنداق يوغان تاشنى كۆتۈرۈش ۋە ئۈستۈن قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ئۇ قانداق ئىلاھ بولىدۇ؟دەيدۇ.
بۇنىڭ جاۋابى: ئەسلىدە بۇنداق سوئالنى سوراش توغرا بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىش يوقتۇر. قۇدرەت، ھەممىگە قادىر بولغۇچى دېگەن ئاللاھنىڭ سۈپىتى تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ ئۇلارنىڭ تاشلىرىنى كۆتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگۈچى ئىلاھ بولىدۇ؟ مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىدە ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن كاتتا بولغان سۈپەت تىپىلامدۇ؟.
ھەقىقەتەن بۇ سوئالغا ئۇستاز سەئىد رۇستەم ئىلمى ئۇسۇلدا جاۋاپ بەردى، ئۇنىڭ جاۋابىنى ئەينەن نەقىل قىلىمىز، ئۇستاز جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: “ئاللاھنىڭ قۇدىرتى شەكسىز مۇتلەقتۇر، چەكلىمىسى يوقتۇر، ئۇ ئەقىلدە مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ئالاقىدار بولىدۇ، ئەقىلدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئالاقىدار بولمايدۇ، قۇدرەت چەكلىمىسى يوق مۇتلەق بولغان تەقدىردىمۇ مەۋجۇدلىقى مۇمكىن بولغان دائىرىدە قالىدۇ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئالاقىدار بولمايدۇ، بۇ قۇدرەتنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ئەمەس، بۇ نۇقتىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندە بىر قانچە مىساللارنى بايان قىلىمىز:
ئاشۇ پوپ ۋە راھىبلارنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى سورايمىزكى: ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر ئىلاھنى يارىتىشقا قادىر بولالامدۇ؟، ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە، بىز ئۇلارغا: يارىتىلغۇچى بۇ مەخلۇق قانداق ئىلاھ بولىدۇ؟، ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن بار بولغان تۇرسا، بۇ يېڭىدىن يارىتىلغان ئىلاھ قانداقمۇ ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش بولىدۇ؟ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر ئىلاھنى ياراتتى دېگەن سۆز ئەقلى تەرەپتىن بىر-بىرىگە زىت بولغان سەپسەتىدۇر چۈنكى يارىتىلغۇچى نەرسە ئىلاھ بولمايدۇ، بىزنىڭ بۇ سوئالىمىز، ئاللاھ تائالا ئىلاھ بولمىغان بىر ئىلاھنى يارىتىشقا قادىر بولالامدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ ئورنىدىدۇر، ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇكى، بۇنىڭ جاۋابى چوقۇم: ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بۇنىڭغا ئالاقىدار بولمايدۇ، چۈنكى ئىلاھ بولمىغان نەرسىنىڭ ئىلاھ بولىشى ئەقىلدە زىت بولغان مەۋجۇد بولىشى مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىدۇر، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىگە ئالاقىدار بولمايدۇ.
يەنە بىر مىسال: ئۇلاردىن يەنە سوراپ باقايلى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر ئادەمنى چىقىرىشقا قادىر بولالامدۇ؟.
ئەگەر ئۇلار: ھەئە قادىر بولالايدۇ دەپ جاۋاپ بەرسە، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە باشقۇرۇشىنى بەلگىلىگەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار: ياق دەپ جاۋاپ بەرسە، -بۇ توغرا جاۋاپ بولۇپ- بىزگە مۇۋاپىق كەلگەن بولدى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇتلەق بولۇپ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئالاقىدار بولمايدۇ، چۈنكى يارىتىلغۇچى بىر مەخلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەيدا قىلغۇچىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشى ئەقىلدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر.
ئۈچىنچى مىسال: دىنسىزلاردىن بىرى بىر قېتىم مەندىن مۇنداق سوئال سورىدى: سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار، ناھايىتى بەك يوغان، ئۆزى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغان بىر تاشنى يارىتىشقا قادىر بولالامدۇ؟، مېنى مازاق قىلىپ: ئەگەر ماڭا ھەئە، يارىتىشقا قادىر بولالايدۇ دېسەڭ، پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن تاشنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئاجىز كېلىشنى ئىسپاتلىغان بولىسەن، بۇ ئۇنىڭ ئىلاھ ئەمەس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئەگەر ماڭا: ياق، قادىر بولالمايدۇ دېسەڭ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاھ بولمايدۇ دېدى!.
مەن بۇ دىنسىزغا چۈشىنىشلىك قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بەردىم: شۇنداق، ئۆزى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغان تاشنى يارىتىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ پەرزەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشنى يارىتىشقا ئالاقىدار بولماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس، بەلكى ئىش تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر، بۇ ئاللاھ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، چۈنكى سېنىڭ سوئالىڭ: ئاللاھ تائالا ئەقىلدە مۇمكىن بولغان نەرسىدىن ئاجىز كىلەمدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ ئورنىدىدۇر، ياق دەپ ئاددى جاۋاپ بەرسەك بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى چەكلەشنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەل، تولۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى قۇدىرەتنىڭ ئۆزىدىن ئاجىز كەلمەسلىك دېگەن تامامەن ئاجىزلىق ئەمەس، شۇنىڭدەك، ئەگەر بىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقەتەن بىر نەرسىنى بىلمەي قىلىشى ياكى ئۇنتۇپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دېسەك، بىز بۇ سۆزىمىزدە ئاللاھنىڭ ئاجىزلىقى ياكى ناقىسلىقىنى ئىسپاتلىغان بولمايمىز، بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ ئومۇمى قۇدرىتى ۋە ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بولىدۇ.
ئۇستاز سەئىد رۇستەمنىڭ “تۆت ئىنجىل، بولىس ۋە يوھەننانىڭ يازمىلىرى مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىم رەت قىلغاندەك رەت قىلىدۇ” ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى