ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قەسەم قىلىشقا يارىمايدىغان سۆزلەرنى ئېشلىتىپ قەسەم قىلغان بولسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 399937

   مەن قىزىمغا دېدىم: ئاللاھ بىلەن قەسەم! سەن يېقىندا تاياق يەيسەن  دېدىم، بۇنىڭ مەنىسى:  مەن سېنى يەڭگىل ئۇرىمەن دېگەن بولدى، ئېرىم ماڭا: " ئۇنى يەڭگىل ئۇرغىن"  دېدى.  مەن يولدۇشۇمغا:  بۇ مېنىڭ قەسىمىم، ئۇنىڭدىن سەن كاپارەت بەرمەيسەن، مەن قىزىمغا:  سەن يېقىندا تاياق يەيسەن دېدىم، يەنى مەن سېنى يەڭگىل ئۇرىمەن دېدىم، يولدىشىم ماڭا: سۆزنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن سەن قىزىڭغا:  يېقىندا تاياق يەيسەن دېدىڭ، يېقىندا سېنى ئۇرىمەن دېمىدىڭ دېدى، مەن يولدۇشۇمغا:  بۇ بىزنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغان سۆزىمىز دېدىم، يولدىشىم بۇ سۆزدىن ئۆرپمەجاز مەنىسىنى مەقسەت قىلماي ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ھەقىقى مەنىسىنى مەقسەت قىپتۇ، مەن مۇشۇنداق ئۆرپىدە ئىشلىتىلىدىغان مەجاز سۆز بىلەن قەسەم قىلسام، بىزنىڭ ئادىتىمىزدە مەقسەت ئېنىق بولغان يەنە بىر مەنانىمۇ بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن قەسەم قىلسام، يولدىشىم دېگەندەك، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشىم كېرەك بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كاپارەت لازىم بولىدىغان قەسەم بولسا:  ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان بىر ئىشقا قەسەم قىلىشتۇر. خۇددى سىز دېگەندەك:  ئاللاھ بىلەن قەسەم!  سېنى ئۇرىمەن ياكى تاياق يەيسەن دېگەندەك.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ  "ئەلمۇقنىئ"  461 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كاپارەتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ئىش شەرت قىلىنىدۇ:

    بىرىنچىسى:  قەسەم چېگىلگەن بولۇشى كېرەك، ئۇ ۋاپا قىلىش ۋە بۇزۇش مۇمكىن بولىدىغان، كەلگۈسىدە ۋۇجۇتقا چېقىشى مۇمكىن بولىدىغان بولىشى كېرەك، ئەمما ئۆتكەن زامانغا قىلىنغان قەسەم چېگىلمەيدۇ، ئۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:  يالغان قەسەم، ئۇ قەسەم قىلغۇچى ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلىدۇ.  ئۇنىڭدا كاپارەت كېلىدۇ، بۇنىڭ مىسالى:  ۋۇجۇتقا چېقىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا قەسەم قىلىش: خۇددى: ئۆلۈكنى ئۆلتۈرىمەن ياكى تېرگۈزىمەن دېگەندەك، سۇ يوق بولغان قۇرۇق كوزىنىڭ سۈيىنى ئىچىمەن دېگەنگە ئوخشاش.  يەنە بىرى:  بىكار قەسەم :  ئۇ بولسىمۇ : بىر ئىشنى ئويلاپ قەسەم قىلىدۇ، ئۇ ئىش ئويلىغاننىڭ ئەكسى بولىدۇ، ئۇنىڭدا كاپارەت كەلمەيدۇ.

    ئىككىنچىسى:  ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر مەجبۇرلىنىپ قەسەم قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن قەسەم چېگىلمەيدۇ، سۆزىنىڭ ئارىسىدا لا ۋاللاھى، بەلا ۋاللاھى دېگەندەك قەسەمنى مەقسەت قىلماستىن قەسەم سۆزى تىلىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن قەسەم چېگىلمەيدۇ، كاپارەت كەلمەيدۇ.

    ئۈچىنچىسى:  ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېسىدە تۇرۇپ، قەسىمىنى بۇزۇش، قىلماسلىققا قەسەم قىلغان ئىشنى قىلىش ياكى قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىشنى قىلماسلىق، ئەگەر مەجبۇر قىلىنىپ ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان بولسا بۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ".

ئەمما سىز: "ئاللاھ بىلەن قەسەم! سەن يېقىندا تاياق يەيسەن" دېگەن سۆز بىلەن قەسەمنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، سىز ئۇنى يېقىندا ئۇرىسىز، بۇ قەسەم بولىدۇ، ئەگەر قەسەمنى بۇزىۋەتسىڭىز سىزگە كاپارەت كېلىدۇ.

   مىرداۋىي"ئەلئىنساپ"  12 توم 11 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " شەيخ تەقىييىددىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ھۆكۈملەر سۆزلەنگەن نەرسىلەر بىلەن ئىنسانلار ئىرادە قىلغان نەرسىگە ئالاقىدار بولىدۇ، مەسىلەن:  بىر كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم روزا تۇتىمەن، ناماز ئوقۇيمەن دېگەنگە ئوخشاش.  كاپىرنىڭ : "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، زەيدكە يۈز دىرھەم ۋەسىيەت قىلدىم، سالىمنى ئازات قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش، بۇ توغرىدۇر.

   يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بىر كىشى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم بىر قەۋىمنىڭ ئادىتى بويۇنچە بىر سۆز بىلەن ئاتقان بولسا، ئۇ كىشى ئەقىلگىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان ۋە شەرىئەتكىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان بىر سۆز بىلەن ئاتقان بولدى".

    " كەشاپۇل قىنا"  6 توم 233 بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئاللاھ دېگەن ئىسىمنى پېچ ئوقۇغان بولسا، قىلغان سۆزى قەسەم بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۆز ئومۇمى ئۆرپىدە قەسەم بولىدۇ، قەسەم قىلغۇچىنى بۇنىڭدىن بۇرىۋېتىدىغان نەرسە يوق، بۇ سۆز لۇغەت ئەھلىگە نىسبەتەن  نىيەت قىلمىسا قەسەم بولمايدۇ، ئەگەر نىيەت قىلغان بولسا قەسەم بولىدۇ". 

    قەسەمنىڭ بابىدا ئۆرپە بىلەن نىيەت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.  مۇشۇ سۆز بىلەن ئۇرۇشنى ئىپادىلەش بولسا، كۆپ شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى بىلىشتە ۋە تىللىرىدا كەڭ تارقالغان ئۆرپىدۇر.

    شۇنىڭغا ئاساسەن:  سىلەرنىڭ ئادىتىڭلاردا:  تاياق يەيسەن دېگەندىن يەڭگىل ئۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بولسا، بۇ ئادەت قەسەمدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، سىزنىڭ دېگەن سۆزىڭىز كاپارەت بېرىدىغان قەسەم بولىدۇ.   

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android