شەرىئەتتە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.
قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت
سوئال: 4013
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
قىمارنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلدى . ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويۇنچە خالىغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقتۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشلىرىدىن يىراق بولۇڭلار . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟ ! . ئەقىللىق كىشى قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .
1-قىمار ئىنساننى جاپا چېكىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغان، تەر تۆكۈشنى ياقتۇرمايدىغان، رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ھالال يوللىرىنى ئېھتىرام قىلمايدىغان، ئۆز كەسپىدە تاسادىپىيلىق ۋە تەلەي سىناشقا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
2-قىمار روناق تاپقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدىغان، مال دۇنيانى ھارام يول بىلەن يوق قىلىدىغان، بايلارنى كەمبەغەل، ئىززەتلىكلەرنى خار قىلىدىغان يامان قىلمىشتۇر.
3- قىمار ئۆز كەسىپداشلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ماللىرىنى ھارام يوللار بىلەن ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۆچ ئاداۋەت پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
4- قىمار كىشىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسىدۇ . بۇ قىلمىش بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئادەتكە يولداش قىلىپ قويىدۇ .
5- قىمار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ۋاقتىنى بىكار قىلىپ، مىللەتنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ ھۇرۇنلۇق ۋە خامۇشلۇققا ئادەتلەندۇرىدۇ.
6-قىمار كىشىلەرنى جىنايەتكە ئىتتىرىدۇ، چۈنكى ئۇتتۇرۇۋەتكەن كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، پارىخورلۇق ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلىدۇ.
7- قىمار ئىنساننىڭ نېرۋىسىنى بۇزۇپ ئىزتىراپلىققا گىرىپتار قىلىدۇ . قەلبىدە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، كۆپىنچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ساراڭ بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
8- قىمار كىشىلەرنى ھاراق ئېچىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك ناچار ئەخلاققا ئىتتىرىدۇ . قىمار بولىۋاتقان سورۇنلاردا تولۇق يورۇقلۇق بولمايدۇ، ئەتراپنى ئىس-تۈتەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئېغىر تىنىشلار قاپلايدۇ، گەرچە سورۇندىكىلەر بىر-بىرىگە ھەمراھدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ . ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەغلۇبىيتىنى كۆزلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دو تىكىدۇ . بۇ سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بۇلارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك مۇزىكا، مەس قىلغۇچى ئىچىملىك، زەھەرلىك چېكىملىك، بۇزۇق ئاياللار ئارقىلىق مەستخۇش قىلىدۇ. بۇزۇق ئاياللار سورۇندىكىلەرگە ھەر تۈرلۈك ئەركىلەپ كۆز قىسىپ، ناز-كەرەشمىلىرى بىلەن بىرىنىڭ مەخپىيىتىنى يەنە بىرىگە يەتكۈزۈدۇ ۋ ە ئاخىردا ھەممىسى زىيان تارتىدۇ . بار يوقىنى دوغا تىكىدۇ، ياكى بۇزۇقلارغا يەمچۈك قىلىدۇ، ياكى ئىچىملىك-چېكىملىك بىلەن تۈگۈتىدۇ . ئۇتقىنىمۇ ۋە ئۇتتۇرىۋاتقىنىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ، ھەممىسى بېشى چۈشكەن، قاپىقى ساڭگىلىغان، ماغدۇرسىز ھالەتتە، ئۇتتۇرۋەتكىنى ئۇتتىۋالغىنىغا ئەتە ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن ھالدا قايتىدۇ . قىمارنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالدى، ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ كەتتى، قىمار ئويناش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلغانلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى . بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى قىمار سورۇنىدا دوغا تىكىدۇ، ھەقىقەتەن قىمار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىكى نىشان مال بولسىمۇ، لېكىن بۇ سورۇن ھاراق-شاراپ، زەھەرلىك چېكىملىك، ئالدامچىلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق، ساختىپەزلىك، بىر-بىرىگە يامانلىق كۈتۈش، چۈشكۈنلۈك ۋە رەھىمسىزلىكتىن ئىبارەت يامانلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھتىن تىنچ ئامانلىق تىلەيمىز.
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد