0 / 0

ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال: 41849

بىر كىشى پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىنى سېتىپ ھەرەمگە يولغا چىققان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ئەجەل يىتىپ ۋاپات بولسا، بۇ قانداق بولىدۇ؟ ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان ھەج قىلىشنى مەقسەتقىلىپ يولغا چىققاندىن كىيىن ۋاپات بولغان بولسا: ئۇ كىشىئېھرام كىيگەندىن كىيىن ياكى ئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرىۋاپات بولۇشتىن خالى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭنىيەت-مەقسىتىگە ئاساسەن ساۋاپ بېرىدۇ،لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدىن پەرز ھەج ساقىتبولمايدۇ.

ئەمما ئېھرامغا كىرگەندىنكىيىن ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەجقىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىقىيامەت كۈنى لەببەيكە دەپ تەلبىيەئېيتقان ھالەتتە قەبىردىن قوزغىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۈچۈن قايتاھەج قىلىپ قويۇش كېرەك بولمايدۇ.

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھەج قىلىشئۈچۈن مال توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشىتوغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداقدەيدۇ: “ھەجنىمەقسەت قىلىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممەنەرسىسىنى سېتىپ يولغا چىقىپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپاتبولغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىگە ھەجقىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىشنى ئۈمىت قىلىمىز. چۈنكىئۇ كىشى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭيېتىشچە ئۇنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان، مادامىكى ياخشىئەمەلنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭتەييارلىقىنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۇئەمەلنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. بۇ توغرىدائاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِمُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَن يَخْرُجْ مِن بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّـهِوَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّـهِ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇزېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ.كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋەپەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپچىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنىچوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەتقىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا100-ئايەت].

ئۇ كىشىھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى سېتىپتەييارلىق قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كىيىنئۇ كىشىنىڭ ھەجگە تەييارلىغان ئىقتىسادىبىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياكى باشقا بىر كىشىئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىدۇ، چۈنكىھەج ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرىدۇر.

ئىبنى ئابباسرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە، بىر ئايالپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغاكېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئانام ھەجقىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئەھدە (نەزىر) قىلغانئىدى، ئەمما ئۇ ھەج قىلىپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرىۋاپات بولدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەجقىلىمەنمۇ؟دەپ سورىغاندا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە،دېگەن. بۇ ۋىدالىشىش ھەججىدە بولغان.تۈگىدى”. [ئىبنىئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 21-توم 232-بەت].

يەنەبىر سوئالدا: بىر كىشىھەجنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ، ھەرەمگەكېلىشتىن ئىلگىرى ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپاتبولغان بولسا، ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداقدەيدۇ: “ھەجنىمەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى ئاداقىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇكىشى ھەج قىلغان ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالائۇ كىشىنىڭ ئەمىلى ۋە نىيىتىگەمۇۋاپىق ساۋاپ بېرىدۇ. ئەمما ھەجئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ، ھەج پائالىتىنى تولۇق ئاداقىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھەج قىلغانھېسابلىنىدۇ. چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەجگەئېھرام كىيىپ ئەرەپاتتا تۇرغاندا تۆگىدىنچۈشۈپ كېتىپ ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا مۇنداقدېگەن: ئۇ كىشىنىسۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئىككىپارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار،كېپەنگە خۇشبۇي نەرسەئىشلەتمەڭلەر، بىشىنى يۆگىمەڭلارچۈنكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھەجگەتەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىنقوزغىتىلىدۇ. تۈگىدى.[“ئىبنىئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى” (21-توم 252-بەت].

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android