ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھامىلدار بولغان دەسلەپكى ئايدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 42321

   تۆرەلمىنى جان كرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار كېڭىشى مۇنداق قارار چىقاردى:

    1-تۆرەلمىنى ھەر قايسى باسقۇچلاردا چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت تار دائىرىدىكى شەرئى سەۋەپ بىلەن بولسا بولىدۇ.

   2-ئەگەر تۆرەلمە دەسلەپكى باسقۇچتا يەنى قىرىق كۈنلۈك ۋاقىتتا بولسا، شەرئى سەۋەپ بىلەن ياكى زىياننى دەپئى قىلىش ئۈچۈن بولسا، ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇددەتتە، ئەۋلاد تەربىيىلەشنىڭ قىيىنچىلىقى ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرى، كەلگۈسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن ئەنسىرەپ ياكى ھازىر بار بولغان ئەۋلادلار بىلەن كۇپايىلىنىپ چۈشۈرۈۋەتسە توغرا بولمايدۇ.

   3-ئەگەر تۆرەلمە ئىككىنچى باسقۇچ قانغا ئايلانغان ۋاقتى ياكى ئۈچىنچى باسقۇچ بىر چىشلەم گۆشكە ئايلانغان ۋاقتى بولسا، يەنى ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قىرىق كۈنلۈك باسقۇچتا بولسا، بۇ ھامىلدارلىق داۋام قىلسا، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ياكى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كىلىشى ئىشەنچلىك دوختۇرلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تەخمىن قىلىنسا، كېلىپ چېقىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ.

   4-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ باسقۇچ ئۆتۈپ، تۆت ئاي مۇكەممەل بولغاندىن كېيىن، بارلىق مۇتەخەسسىس دوختۇرلار بىرلىكتە: تۆرەلمە ئانىنىڭ قورسىقىدا قالسا، ئانىسىنىڭ ۋاپات بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ دەپ قارار چىقارغان تەقدىردىمۇ، ئۇ تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش ھالال بولمايدۇ. ئاشۇ تۆرەلمىنى ھايات ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلارنى قوللانغاندىن كېيىن، ئىككى مەنپەئەتنىڭ كاتتىسىنى جەلىپ قىلىش ۋە ئىككى زىياننىڭ چوڭىدىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە قەدەم بېسىشقا بولىدۇ.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

پەتىۋا توپلاملىرى 3-توم 1056-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android