ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامازنىڭ يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال: 43147

    بۇخارىيدا پەتھۇل بارىينىڭ تەرتىپى بويىچە 645 646 -نومۇرلۇق ئىككى ھەدىس بولۇپ، (645) نومۇرلۇق ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت نامىزى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ»، (646) نومۇرلۇق ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جامائەت نامىزى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە بەش دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ» بۇ ئىككى ھەدىسنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى ھەدىس ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇخارى 619 –نومۇرلۇق ھەدىستە، مۇسلىم650 -نومۇردا :«جامائەت نامىزى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ» دېگەن لەۋزىدە كەلتۈرگەن.

    ئىككىنچى ھەدىس ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇخارى  619 –نومۇردا «جامائەت نامىزى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە بەش دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ» دېگەن لەۋزىدە بايان قىلغان.

   ئالىملار بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى جۇغلىغان، بۇ توغرىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: " ئۇ ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش ئۈچ يولدىن بولىدۇ:

   بىرىنچى: ھەقىقەتەن ساندىن ئازنى زىكىر قىلىش بىلەن كۆپنى زىكىر قىلىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق، ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، ساندىن بولغان چۈشەنچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ

   ئىككىنچى: خەۋەر دەسلەپتە ئاز سان بىلەن بولدى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن ئارتۇقچە پەزىلەتتىن خەۋەر بەردى.

    ئۈچىنچى: ساننىڭ ئارتۇق ياكى كەم بولىشى نامازنىڭ ۋە نامازنى ئادا قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن تۈرلۈك بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن يىگىرمە يەتتە دەرىجە بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن يىگىرمە بەش دەرىجە بولىدۇ، بۇ نامازنى كامىل ئادا قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا خۇزۇ، خۇشۇ، نامازنىڭ ھەيئەتلىرى، جامائەتنىڭ ئازكۆپلۈكى، ناماز ئوقۇغان ئورۇننىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكى جەھەتلەردىن پەرقلىق بولىدۇ. "[ئەل مەجمۇئ"  4 توم 84 بەت.]

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    بۇ يەردە بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ يوللىرى بار، بەزىسى يۇقىرىقى يوللاردىن چىققان، ھاپىز ئىبنى ھەجەر "پەتھۇلبارى"  2 توم 132  بەتتە ئىمام نەۋەۋىي زىكىر قىلغان يولدىن باشقا بىر يولنى كۈچلەندۈرۈپ: "يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان نامازلار ئۈچۈن، يىگىرمە بەش دەرىجە بولسا مەخپى ئوقۇلىدىغان نامازلار ئۈچۈن دەپ بايان قىلغان".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android