ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

كاپىرلاردىكى نەرسىدىن پايدىلىنىش

سۇئال: 43160

بىز قانداق قىلغىنىمىزدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن بىر ئىشقا يولۇقماستىن كاپىرلاردىكى نەرسىدىن پايدىلىنالايمىز ؟ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا[ شەيىخ] مۇھەممەد ئۇسەيمىين ئوغلى [ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ] مۇنداق دىگەن : ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز ، كاپىرلارنىڭ ئىشلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ :
1- ئىبادەت ئىشلىرى
2- قائىدە-يۇسۇنلىرى
3- ھۈنەر-سەنئەتلىرى
ئىبادەت ئىشلىرىغا كەلسەك ، ئۇ ھەممىگە ئايانكى ،ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى دوراشقا بولمايدۇ . كىمكى ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى دورايدىكەن ، ئۆزىنى چوڭ خەتەرگە سالغان بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كاپىرلىققا ۋە ئسلامدىن چىقىپ كېتىشكە باشلاپ بارىدۇ .
قائىدە-يۇسۇنلارغا كەلسەك ، مەسىلەن ، كىيىم-كىچەك قاتارلىقلار، بۇ جەھەتتە ئۇلارنى دوراش ھارام، چۈنكى پەيغەمبەر [ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ] مۇنداق دىگەن :بىر خەلقنى دورىغۇچى كىشى – شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ھۈنەر-سەنئەتلەرگە كەلسەك ، ئەگەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر بولسا ، ئۇلار قىلغان نەرسىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىزنىڭ ھىچقانداق خاتا يېرى يوق . بۇ ئۇلارنى دوراش دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، بەلكى ئۇ پايدىلىق ئىشلاردىن بەھرىمان بولۇشنىڭ بىرى ھەمدە ئۇنى قىلغۇچى ئۇلارنى دورىغۇچى دەپ قارالمايدىغان ئىش.
ئەمما سۇئال سورىغۇچىنىڭ [ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟]
دىگەن سۇئالىغا كەلسەك ، بىز دەيمىزكى، ئومۇمى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ ، بەلكى بىز دەيمىز ، ئەگەر بىز مەلۇم بىر ئىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ماۋزۇسى دائىرسىگە كىرىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرسەك ،ئاندىن ئۇنىڭغا بىر شەرئىي دەلىل بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ شەرىئەتنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ .
بىراق شەرىئەت بۇ ئىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئومۇمى مەنپەئەت دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، گەرچە ئۇنى قىلغۇچى ئۇنى كىرىدۇ دىگەن تەقدىردىمۇ .
ئەگەر ئۇ بۇمۇ ئەمەس ، ئاۋۇمۇ ئەمەس بولسا ،ئۇنداقتا بىز ئاساسى پىرىنسىپقا مۇراجىئەت قىلىمىز . ئەگەر ئۇ ئىبادەت ئىشى بولسا ئۇنداقتا ئاساسى پىرىنسىپ – ئىبادەت ئىشى چەكلىنىدۇ ؛ ئەگەر ئۇلار ئىبادەت ئىشى بولمىسا ، ئۇنداقتا ئاساسى پىرىنسىپ – ئۇلار رۇخسەت . شۇنىڭ بىلەن ، شۇ ئىنىق بولدىكى ، ئومۇمى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل قىلىنمايدۇ .
ئۇسەيمىين ئوغلى [ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن] جورىمىلىرى[فەتىۋالىرى] توپلىمىدىن ئىلىندى [340] .
 

مەنبە

www.islamqa.com

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android