ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئېھراملىق كىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن زاكا ئىشتىنى كېيىۋېلىشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 434494

ئېھراملىق كىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن زاكا ئىشتىنى كىيىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا ياكى كېچىك بالا بولسا بۇنى كىيسە، بۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زاكا ئىشتىنى دېگەن ئالدى ۋە كەينى ئەۋرەتنى يۆگەيدىغان كىيىم بولۇپ، بۇ جىسىمغا ئۆلچەپ ياسالغانلىقى ئۈچۈن بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار ئېھرامدا كېيىش چەكلەنگەن كىيىملەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىغان.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئېھرامدا كېيىش چەكلەنگەن كىيىملەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " زاكا ئىشتىنى دېگەن ئىچ كىيىمىدىن بەكرەك چەكلىنىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21 توم 206 بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن:  ئېھراملىق ھالىتىدە ئېچ كىيىمى كىيىشكە ياكى زاكا ئىشتىنى كىيىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، كىيسە بولىدۇ، ئۇ كىشىگە پىدىيە كېلىدۇ، پىدىيە ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ: قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ھەر مىسكىنگە يېرىم سا مىقدارىدا ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشدۇر.

    بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئېھراملىق ھالەتتە چېچىنى ئالدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «چېچىڭنى ئالدۇرغىن، ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن ياكى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بەرگىن ياكى بىر قوي زەبىھ قىلغىن».  [بۇخارى رىۋايىتى 1917 -ھەدىس].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  ئېھراملىق كىشى كۇسار كىيسە بولامدۇ؟ ئەگەر كىيمىسە ئۇنىڭغا زەرەر يېتىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " زەرەر يېتىشتىن ئەنسىرىسە كۇسار كىيسە بولىدۇ، لېكىن كۇسار كىيگەنلىكى ئۈچۈن ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ، ھەر بىر مىسكىنگە يېرىم سا مىقدارىدا بەرسە ياخشى بولىدۇ." ["ئوچۇق سۆھبەت"  16 سوئال 177 -بەت].

   شۇنىڭغا ئاساسەن: ئېھراملىق كىشى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن زاكا ئىشتىنى كىيىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، كىيسە بولىدۇ، ئۇ كىشىگە پىديە بېرىش كېرەك بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android