ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بېشىغا چاچ ئۈندۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 47664

بېشىمغا چاچ ئۈندۈرۈش ياكى چاچ تېرىش ئوپىراتسىيسى قىلدۇرسام توغرا بولامدۇ؟ مېنىڭ بېشىمنىڭ تۈكى يوق، ياكى ئۇنداق قىلىش چاچ ئۇلىغانغا ئوخشاش ھارام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بېشىغا چاچ تېرىش دېگەنلىك: شۇ كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىن تۈكنى ئېلىپ ئۇنى بېشىنىڭ چاچ يوق يەرلىرىگە كۆچۈرۈش بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى ئەيىبنى يوق قىلىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلسا توغرا بولىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللادىن: چېچى يوق كىشىنىڭ بېشىغا چاچ تېرىشى، يەنى ئۇ كىشىنىڭ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن چاچ ئىلىپ ئۇنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى چاچ يوق ئورۇنغا تىكسە، بۇ توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: شۇنداق، توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسى ئورنىغا قويۇش ۋە ئەيىپنى يوق قىلىش، ھەرگىزمۇ  چېرايلىق بولۇش ياكى ئاللاھ ياراتقاننىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىنى زىيادە قىلىش ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولمايدۇ، بەلكى بۇ، كەمچىللىكنى تولۇقلاپ، ئەيىبنى يوق قىلغانلىقتۇر، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھ ئىمتىھان قىلغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرىنىڭ چېچى يوق بولۇپ، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا چېچىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ قويغان، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى قايتۇرۇپ گۈزەل بىر چاچ ئاتا قىلغان". ["ھەرەم دىيارى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى"1185-بەت].

شەيخ بايان قىلغان ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3277-ھەدستە، ئىمام مۇسلىم2964-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android