0 / 0

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى يازغاندا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپى بىلەن يېزىپ ئىپادىلەشنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 47976

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى يېزىپ ئىپادىلىسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، “سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم” دېگەن جۈملىنىتولۇق يېزىش كېرەك. ئەمما ئۇ جۈملىنىتولۇق يازماستىن (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم)ھەرىپىنىلايېزىپ قويۇشتوغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى بازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغادۇرۇت-سالام يوللاش نامازنىڭ تەشەھۇتتا،خۇتبە ئوقۇغاندا، دۇئادا، ئىستىغپار ئېيتقاندا،ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن، مەسچىتكەكىرگەندە ۋە مەسچىتتىن چىققاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىرقىلىنغاندا ۋە باشقا ئورۇنلاردا تولۇق ئاتاش يولغاقويۇلغاندۇر. شۇنداقلا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى كىتاپ،لېكسىيە، ماقالە قاتارلىق ئىلمىئەسەرلەردە يىزىلغاندا تولۇق يېزىشئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

بىزئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقنىئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئىسمىدىن كىيىن يىزىلىدىغان دۇرۇت-سالامنى تولۇقيېزىشىمىز كېرەك. ئوقۇرمەنمۇئەسەرنى ئوقۇغاندا تولۇق ئوقۇشى لازىم. بىرەركىتاب ياكى ماقالە يازغاندا بەزى يازغۇچىلاردەك (ساد ياكىساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى ياكىشۇنىڭغا ئوخشىغان بەلگە شەكىللىكھەرىپلەرنىيېزىپقويۇش توغرا بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭقۇرئان كەرىمدىكى بۇ ھەقتە بايان قىلىنغانبۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ ۚ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُواتَسْلِيمًاتەرجىمىسى:ئاللاھ ھەقىقەتەنپەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغارەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ،دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)،پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەنپەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپقىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەرپەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلارۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكىرەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇسىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىنيورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر).[سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت].

يازمىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاميوللاش بىر قانچە ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش بىلەنكۇپايىلەنسە، تولۇق يازغاندا ھاسىل بولىدىغانشەرەپ-پەزىلەت يوق بولىدۇ.

بەزى ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەردىققەت قىلمايدۇ ياكى بۇ ھەرىپلەرنىچۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىئالىملار ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشنى ياقتۇرمىغانۋە بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئىبنىسەلاھ ئۆزىنىڭ ھەدىس ئالىملىرى ناملىق كىتابىنىڭ(بۇ كىتاب ئىبنى سەلاھنىڭ مۇقەددىمىسىدېگەن نام بىلەن تونۇلغان) 25-بۆلۈمىدەمۇنداق دەيدۇ: “ھەدىس يېزىش ۋەيازغاننى قانداق بېكىتىش ۋە باغلاشتۇرۇش توغرىسىداتوختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “يازمىلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم دېگەن سۆزنى تولۇقيېزىش كېرەك، تەكرار تىلغا ئېلىنغاندا تەكراريېزىشتىن زېرىكمەسلىك لازىم، چۈنكى بۇنىڭداكۆپ پايدىلار بولۇپ، بۇ سۆزنى يازغۇچىۋە ھەدىسنى ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا تىزدىنئېرىشىدۇ، بۇنىڭدىن غاپىل قالغان كىشى كۆپياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ، بىز بۇنداق كىشىلەرنىچۈشلىرىمىزدە ئوچۇق كۆردۇق.سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم دېگەن سۆزنى يېزىشرىۋايەت قىلىنغان سۆز بولماستىن بەلكىبېكىتىلگەن دۇئادۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنبۇنىڭ رىۋايەتبىلەنمۇ ئالاقىسى يوق ۋە بۇنى قىسقارتىپبىرقانچە ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشمۇ توغرابولمايدۇ.

شۇنىڭدەك ئاللاھتائالانىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندىمۇ ئاللاھ تائالاغامەدھىيە ئېيتىش كېرەك ۋە ئاللاھكاتتىدۇر، يۈكسەكتۇر ۋەبەرىكەتلىكتۇر دېگەندەك سۆزلەرنىيېزىش كېرەك.

ئاللاھتائالاغا مەدھىيە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغادۇرۇت-سالامنى ئىسپاتلاشتا ئىككى كەمچىللىكتىن ساقلىنىشكېرەك:

بىرىنچى: بۇنى تولۇق يازماستىنپەقەت بىر-ئىككى ھەرەپ بىلەن ئىپادىلەشتىن.

ئىككىنچى: سۆزنىڭ مەنىسىنىيېزىپ ئەسلى بويىچە تولۇق يازماسلىقتىن ئىبارەت.

بىررىۋايەتتە ھەمزە ئەلكەنانىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مەندائىم ھەدىس يازاتتىم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىرقىلىنغاندا، (سەللەللاھۇ ئەلەيھى) دەپيازاتتىم(ۋەسەللەم) دېگەن سۆزنىيازمايتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۆردۈم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ساڭانېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ماڭادۇرۇت-سالامنى تولۇق يازمايسەن؟ دېدى.شۇنىڭدىن كېيىن ھەدىس يازغانداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىرقىلىنسا (سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازىدىغان بولدۇم.

ئىبنى سەلاھ سۆزىنىڭئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىرقىلىنغاندا(سەللەللاھۇ ئەلەيھى) دەپيېزىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. (ئىبنى سەلاھرەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى بۇنىڭبىلەن ئاخىرلاشتى).

ئىمام سەخاۋىيرەھىمەھۇللاھ “پەتھۇل مۇغىيسشەرھى ئەلپىيىتۇل ھەدىس لىلئىراقىي”دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: “ھەدىسيازغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، (سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىنپەقەت بىر-ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپقويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەرەب تىلىدىن خەۋىرىيوق بولغان ئەجەم ئەۋلادلىرى ياكى بەزىتالىپ-ئىلىملار (سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىن بەلكى(ساد) ياكى (ساد مىم) ياكى (ساد لام ئەيىن مىم) ھەرپى بىلەنئىپادىلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تولۇق يازمىغاندابۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپمۇكېمىيىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە”.

ئىمام سۇيۇتىيرەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: “تەدرىيبئەرراۋىي فى شەرھى تەقرىيبئەننەۋەۋىي” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداقيازىدۇ: “ھەدىس يازغان ئورۇنلاردا بولسۇن ياكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاميوللاش يولغا قويۇلغان ئورۇنلارنىڭھەممىسىدە(سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىن بەلكى(سەللەللاھۇئەلەيھى)ياكى(ۋەسەللەم) دەپ قىسقارتىپيېزىش ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى ئىمام مۇسلىم ۋەباشقا ھەدىس ئالىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ: ئىمۆمىنلەر!سىلەر پەيغەمبەرگەدۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلاردېگەن ئايىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىرقىلىنسا ئۇنى بىر-ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش توغرا بولمايدۇبەلكى تولۇق ئىپادىلەش كېرەك دەپقارايدۇ”. (ئىمام سۇيۇتىينىڭ سۆزىبۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى).

مېنىڭ ھەر بىرمۇسۇلمان، يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەنقاتارلىقلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم: يازما ئۈچۈنقەلەم تەۋرەتكەندە ئەجىر-ساۋاپكۆپ بولىدىغان شەكىلدە يېزىشىمىز كېرەك. ئەمەللىرىمىزنىبىكار قىلىۋىتىدىغان ياكى ساۋابىنى كىمەيتىۋىتىدىغان ئىشلاردىنيىراق بولۇشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغامۇيەسسەر قىلسۇن. ئاللاھ تائالا سېخىۋە ئېسىل زاتتۇر. پەيغەمبەربىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭرەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. [شەيخ ئىبنى بازپەتىۋالار توپلىمى 2-توم397-399-بەتلەر].

ئاللاھھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android