ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال: 49721

كېچىدە ئەر-ئايال بىرگە بولغاندىن كىيىن بەزى ۋاقىتلاردا كۈندۈزى جىنسى ئەزاسىدىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەكمۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلماختاشلار جانابى ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: كېچىدەجىما قىلغاندىن كىيىن كۈندۈزدە قالدۇق سپېرماسۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا بۇنىڭ بىلەن روزابۇزۇلمايدۇ. روزىدار ئۈچۈن يېيىش،ئېچىش ۋە جىما قىلىش كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپتاڭ يورۇغىچە رۇخسەت قىلىندى. ئاللاھ تائالاۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: روزاكېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىشسىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈنكىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەكيېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈنكىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگەيېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنىئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىققىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنىقوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدىئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىققىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى(يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكىتاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭيورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىنكەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەرمەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا(كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغايېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھبەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغانئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ(ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.بەقەرە سۈرىسى187-ئايەت.

بارلىق ئالىملاركېچىدە جىما قىلغاندىن كىيىن كۈندۈزدە قالدۇقسپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا بۇنىڭبىلەن روزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققاكەلگەن.

ھەنەفىيمەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان”جوۋھەرەتۇننىيرە” ناملىقئەسەرنىڭ 1-توم 138-بىتىدە مۇنداقدېيىلگەن: “جىنسى مۇناسىۋەتئۆتكۈزۈۋاتقۇچى تاڭ يورۇپ قىلىشتىنقورقسا، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، تاڭ يورۇپ بولغاندىنكىيىن  سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسەروزىسى بۇزۇلمايدۇ”.

مالىكى مەزھىبىدىكىئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان “ھاشىيەئەلدۇسۇقى” ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم523-بىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: “كېچىدەجىما قىلىپ، تاڭ يورۇغاندىن كىيىن سپېرماسۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسە بۇنىڭغاھېچ ئىش بولمايدۇ.  “شەرھىمۇختەسەر خەلىل” ناملىق ئەسەر 2-توم249-بەتتىمۇ  يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە ئوخشاشسۆزلەر بايان قىلىنغان.

شافىئى مەزھىبىدىكىئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان “ئەلمەجمۇئ” ناملىق ئەسەرنىڭ 6-توم348-بىتىدە ئىمام نەۋەۋىي مۇنداقدەيدۇ: “تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن جىما قىلىپ،تاڭ يورۇش بىلەن ئورنىدىن تۇرسا، ئاندىن كىيىنسپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسەبۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكىئۇ دۇرۇس بولغان جىمادىن پەيدا بولغان بولۇپ،بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇخۇددى بىر جىنايەتچىنىڭ قولىنى قىساس ئېلىشئۈچۈن كەسسە، شۇ سەۋەپتىنئۆلۈپ كەتسە بۇنىڭ ئۈچۈنھېچ جازا كەلمىگەنگە ئوخشاشتۇر”.

ئىككىنچى: جىما قىلىپيۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن سپېرماسۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن قايتىدىنيۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكىسەۋەپ بىر بولغاندىن كىيىن ئىككى قېتىميۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما سپېرما سۇيۇقلۇقى قايتىدىنشەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقسا بۇ ۋاقىتتايېڭىدىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ.

بۇمەسىلىنىڭ تەپسىلى جاۋاپلىرى (44945) ۋە(12352) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرىدا بايانقىلىنغان.

توغرىسىنى ئاللاھبىلگۈچىدۇر.  

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android