ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئەركىشى ئايالىغا: “سەن مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش دېسە” قانداق بولىدۇ؟

سۇئال: 50305

ئەر كىشى ئايالىغا: سەن مېنىڭ ئانامغا ياكى ھەمشىرەمگە (ئاچامغا ياكى سىڭلىمغا)ئوخشاش دېسە، بۇ سۆز بىلەن ئايالى تالاق بولامدۇ ياكى بۇ سۆزگە كاپارەت بېرەمدۇ؟، ئەگەر كاپارەت بېرىدىغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: بۇ سۆز تالاق قاتارىغاكىرمەيدۇ. بۇ سۆز زىھار (يەنى ئايالىنىئانىسىنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشىتىش) سۆزلىرىدىن بولۇپ،ئەمما بۇنىڭدا زىھار ئوچۇق بايان قىلىنمىغان، بۇسۆز زىھار مەنىسىنىۋە باشقا مەنانى ئىپادىلەش ئېھتىماللىقىبار.

ئىككىنچى: بۇ سۆزگەھۆكۈم بېرىشتە سۆزلىگۈچىنىڭ(يەنىئەركىشىنىڭ) مەقسىتىنى ۋە شۇنداقلا شۇۋاقىتتىكى ئەھۋال ۋە سۆزنىڭئۇسلۇبىغا قارىلىشى كېرەك.

ئەر كىشى ئايالىغا: سەن ئانامغائوخشاش دېگەن سۆزدىن، مېھرى-شەپقەت،ئىززەت-ئىكرام قاتارلىق سۈپەتلەردە ئانامغا ئوخشاشدېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھاربولمايدۇ ۋە ھېچ قانداق بىر ئىش يوق.

ئەمما بۇ سۆزدېيىلگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال ياكى سۆزنىڭئۇسلۇبىغا قاراشتا، ئەر كىشىنىڭ بۇ سۆزنىئىپادىلەش ھالىتى، ئەر-ئايالنىڭ بۇ سۆزنىدېيىشتىن بۇرۇنقى سۆھبىتى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ.مىسالغا ئالساق: ئەر-ئايال ئۆز ئارا تاكاللىشىپ، قىزىرىشىپ قىلىپ،بۇ ۋاقىتتا ئەر ئايالىغا: سەن ئانامغا ئوخشاشدېگەن بولسا، ئەرنىڭبۇ سۆزىدىن زىھارنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئايالى زىھاربولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: “بىر كىشى ئايالىنى:سەن ئانامغا ۋە ھەمشىرەمگە ئوخشاشدېگەن بولسا، قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، مۇنداقدەپ جاۋاپ بەرگەن: ئۇ كىشى ئايالىنى، سەنئانامغا ۋە ھەمشىرەمگە ئوخشاش دېيىش ئارقىلىقئايالىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىشنىمەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگەھېچنەرسە بولمايدۇ. ئەمما ئايالىنى نىكاھقائالاقىدار ئىشلاردا ئانىسى ۋە ھەمشىرىسىگە ئوخشىتىشنىمەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھار بولىدۇ، ئۇكىشىگە زىھارنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلىش زۆرۈربولىدۇ. ئۇ ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇشنىمەقسەت قىلىدىكەن، زىھارنىڭ كاپارىتىنى ئاداقىلمىغۇچە ئۇ ئايال بىلەن ئەر-ئاياللىقمۇناسىۋەتتە بولۇش ۋە شۇنىڭغائالاقىدار ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.” [پەتىۋالارتوپلىمى 5-34-بەت].

يەنە مۇنداقدېگەن: “ئايالىغا سەن ئانامغا ۋەھەمشىرەمگە ئوخشاش دېگەن سۆزدىن، بىرگەبولۇش، ھۇزۇرلىنىش ۋە شۇنىڭغامۇناسىۋەتلىك ئانىسى ۋە ھەمشىرىلىرىبىلەن قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنى مەقسەتقىلغان بولسا، ئۇ سۆز بىلەن ئايالى زىھار بولىدۇ،ئۇ كىشىگە زىھار قىلغۇچىغا ۋاجىپ بولغان كاپارەتۋاجىپ بولىدۇ، كاپارەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ ئايالىبىلەن بىرگە بولىشى ۋە شۇنىڭغامۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشى دۇرۇسبولمايدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتى: ئىقتىسادى بولسا بىر قۇل ئازادقىلىش، ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە،ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، بۇنىڭغا قادىربولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىش كېرەك”.[پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 34-بەت].

ئىبنى قۇدامەرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ئەگەر بىر كىشى ئايالىغا: سەن مېنىڭ ئانامغا ئوخشاشياكى سەن ئانامغا ئوخشاش دەپ، بۇ سۆز بىلەن زىھارنىمەقسەت قىلغان بولسا، زىھار بولىدۇ. ئىمام ئەبۇھەنىپە، ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەدئىبنى ھەسەن ئەششەيبانى، ئىمام شاپىئىي ۋەئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيىھ قاتارلىق ئالىملار بۇمەسىلىدە ئوخشاش قاراشتا قارايدۇ. ئەمما ئۇ كىشىبۇ سۆزدىن ئايالىنى ياش جەھەتتە ۋەچىراي-شەكىلدە ياكى ئىززەت-ھۆرمەت ۋەقەدىرلەشتە ئانامغا ئوخشاش دېگەننىمەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھار بولمايدۇ. سۆزنىدېگۈچى نىيىتىنى ئۆزى بىلىدۇ ۋەئۇنىڭغا قارىتا ئۇنىڭ سۆزى كۈچكەئىگە بولىدۇ. يەنى نېمىنى مەقسەتقىلغانلىقىنى ئەر كىشى ئۆزى دەيدۇ بۇنى باشقىلاربېكىتىپ بەرمەيدۇ. [ئەلمۇغنى 11-توم60-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستاندىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇمەسىلىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئەركىشى ئايالىغا: مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ(ئاكاڭياكى ئۇكاڭ) ياكى سەن مېنىڭھەمشىرەم(ئاچام ياكى سىڭلىم)، سەن ئانام ياكى ئانامغائوخشاش، سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكىھەمشىرەمگە ئوخشاش دېگەندەكسۆزلەرنى قىلغان بولسا، يۇقىرىدا ئېيتىلغانسۆزلەردىن، ئايالىنى ھۆرمەتلەش، ئىززەتقىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ياخشىلىق قىلىشنىمەقسەت قىلغان بولسا، مەزكۇر سۆزدىن باشقانەرسىنى مەقسەت قىلمىسا، شۇنداقلا زىھارنىئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار سادىر بولمىغان بولسا، ئۇسۆزلەر بىلەن زىھار بولمايدۇ ۋە ئۇكىشىگە ھېچقانداق كاپارەت كەتمەيدۇ.ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەنزىھارنى مەقسەت قىلسا ياكى ئايالغا ئاچچىقلاپ ياكى ئۇلار تاكاللىشىپ-ئۇرۇشۇپقىلىپ، ئايالغا تەھدىت قىلىپ بۇ سۆزلەرنىدېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا زىھار بولىدۇ.مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئىككىيلەننىڭبىرگە بولىشى چەكلىنىدۇ، دەرھال تەۋبەقىلىشى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرىكاپارەت بېرىشى لازىم. زىھارنىڭ كاپارتى بولسا: قۇل ئازادقىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئىككى ئايئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغاقادىر بولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:ئەر كىشى بۇ سۆزىدىن زىھارنى مەقسەت قىلغان بولساياكى شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال ۋە سۆزنىڭئۇسلۇبى ئۇنىڭغا دالالەت قىلسا، زىھاربولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقامەقسەتتە دېيىلسە زىھار بولمايدۇۋە ھېچقانداق كاپارەت كەتمەيدۇ.

ئۈچىنچى: زىھار قىلىش ئىسلام دىنىداچەكلەنگەن. ئاللاھ تائالا زىھارنى يامان ئىش ۋەسۆزىنى يالغان سۆز دەپ سۈپەتلەپ مۇنداقدەيدۇ: الَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنكُم مِّننِّسَائِهِم مَّا هُنَّ أُمَّهَاتِهِمْۖ إِنْ أُمَّهَاتُهُمْ إِلَّا اللَّائِيوَلَدْنَهُمْۚ وَإِنَّهُمْ لَيَقُولُونَ مُنكَرًا مِّنَ الْقَوْلِ وَزُورًاۚ وَإِنَّ اللَّـهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ تەرجىمىسى: سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ(يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاشدېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقانئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار(يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامانسۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، ئاللاھ،شەك-شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى)ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەتقىلغۇچىدۇر. [سۈرە مۇجادىلە 2-ئايەت].ئايالىنى زىھار قىلغان كىشىدەرھالئاللاھ تائالاغا تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىشىكېرەك.

تۆتىنچى: ئەگەر زىھارقىلغۇچى ئەر ئايالىنى تالاق قىلماستىن ئۇنىڭ بىلەنبىرگە ياشاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، كاپارەت زىھارقىلغۇچى ئەرگە لازىم بولىدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتىنىئادا قىلماي تۇرۇپ ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغانئىشلارنى قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتىيۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك: قۇل ئازاد قىلىش،ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئىككى ئايئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغاقادىر بولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىشتىنئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِن نِّسَائِهِمْثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِّن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّاۚ ذَٰلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِۚ وَاللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ . فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِمُتَتَابِعَيْنِ مِن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّاۖ فَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًاۚ ذَٰلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّـهِۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌتەرجىمىسى:ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھارقىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر ـ ئايال ئىككىسى)يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم.بۇنىڭ بىلەن سىلەرگەۋەز-نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭقىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇقخەۋەرداردۇر. (ئازاد قىلىشقا) قۇلى يوقئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككىئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىكسەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغانئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشى لازىم)،بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭپەيغەمبىرى (ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىققىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭقانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىقئازابقا دۇچار بولىدۇ. [سۈرە مۇجادىلە3-4-ئايەت].

ھەممىدىن توغرنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android