يولدىن مال تىپىۋالغان كىشى قانداق قېلىدۇ؟، ئۇ كىشىنىڭ شۇ مالنى ئېلىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بۇ ئىسلام پىقھى باپلىرىدىن بىرى بولغان تىپىۋېلىنغان نەرسىگە ئالاقىدار سوئال بولۇپ، تىپىۋېلىنغان نەرسە دېگەن: ئىگىسىدىن چۈشۈپ قالغان مالدىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام دىنى مالنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ئېھتىرام قىلىش ۋە ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش تىپىۋېلىنغان مالمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېساپلىنىدۇ.
ئىگىسىدىن چۈشۈپ قالغان مال مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ئوتتۇرىھال نەرسىلەر: ئىنسانلار چۈشۈپ قالسا ئېتىبارغا ئالمايدىغان؛ قامچا، نان، مېۋە، ھاسا دېگەندەك نەرسىلەر بولۇپ، بۇنى تىپىۋالغان كىشى ئۇنى ئىگىسىگە بىلدۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ئۆزى ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تىپىۋىلىغان ھاسا، قامچا ۋە ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
ئىككىنچى ھالەت: قۇرۇلمىسى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى كېچىك يېرتقۇچلاردىن مۇداپىئە قىلالايدىغان تۆگە، ئات، كالا، خىچىر قاتارلىق ھايۋانلار ياكى ئۇچالايدىغان قۇشلار ياكى قاچالايدىغان كېيىك، بۇغا قاتارلىقلار ياكى مەگەن چېشلىرى بىلەن ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان يىلپىزغا ئوخشاش ھايۋانلارنى يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھايۋانلارنى تىپىۋالدىم دەپ يولدىن ئىلىپ كېتىش ھارام بولىدۇ، ئۇنى ئېلىپ كەتكەن كىشى ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايدۇ، بەلكى ئۇنى تونۇتۇپ ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىگىسىنى تاپالمىغان تۆگە توغرىسىدا سورىغاندا؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ تۆگە بىلەن نېمە ئىشىڭ بار؟ ئۇنىڭ ئېچىملىكى ئۆزى بىلەن بىرگە، ئايىغى بىلەن سۇ بار جايغا بارالايدۇ، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەپ يۈرىيدۇ، ھەتتا ئۇنى ئىگىسى تىپىۋالىدۇ»دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىم ئىگىسىنى تاپالمىغان نەرسىنى ئالسا ئۇ كىشى ئىزىپ كەتكۈچىدۇر يەنى خاتا ئىش قىلغۇچىدۇر».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئۇنىڭ تىپىۋېلىنمايدىغانلىقىدىن بەلكى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، ئىگىسىگە ئۇچراشقۇچە سۇ ئېچىپ يوپۇرماقلارنى يەپ ياشايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئۆزى چوڭ، كۆتۈرۈش ئېغىر بولغان بەزى نەرسىلەرمۇ بۇنىڭغا قېتىلىدۇ: چوڭ قازان، كۆتەك-ئوتۇن، تۆمۈر قاتارلىق ئۆزى ساقلىنىدىغان، زايە بولۇپ كەتمەيدىغان ۋە يالغۇز ئورنىدىن يۆتكىگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى تىپىۋالدىم دەپ ئېلىپ كېتىش ھارام بولىدۇ، بەلكى ئۇنى ئۆز ئورنىدا قويۇپ قويۇش ياخشىدۇر.
ئۈچىنچى ھالەت: چۈشۈپ قالغان نەرسە باشقا ماللارغا ئوخشاش مال بولسا، پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۇششاق بۇيۇملار، كېچىكلىكىدىن يېرتقۇچلاردىن ساقلىنالمايدىغان قوي، تايچاق، موزاي ۋە بوتۇلاق قاتارلىق نەرسىلەرنى تىپىۋالغۇچى كۆز قېرىمنى سالمايمەن دەپ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالىسا ئۇنى ئالسا بولىدۇ، بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى تۈر: گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان موزاي، قوي ۋە توخۇ قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، بۇنى تىپىۋالغۇچى ئۆز يېنىدا تۇتىدۇ، ئىگىسى كەلسە قايتۇرۇپ بېرىمەن دېسە، ئۇ كىشىگە ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولىدۇ:
بىرى: ئۇ ھايۋانلارنى يېۋېتىپ شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتىنى ھېساپلاپ قويىدۇ.
ئىككىنچى: ئۇ ھايۋانلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى ئىگىسىنى تاپقاندا بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى: ئۇ ھايۋانلارنى ساقلاپ قويىدۇ، ئۆز يېنىدىن مال سەرپ قىلىپ باقىدۇ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالالمايدۇ، ئىگىسى كەلگەندە تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ سەرپ قىلغان خىراجىتىنى تەلەپ قىلىپ ئاندىن تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى تىپىۋېلىنغان قوي توغرىسىدا سورىغان كىشىگە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇنى تۇتقىن، ئۇ ياكى سەن ئۈچۈن ياكى قېرىندىشىڭ ئۈچۈن ياكى بۆرە ئۈچۈن بولىدۇ» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇنى ياكى سەن ئالىسەن ياكى باشقا قېرىندىشىڭ ئالىدۇ ياكى ئۇنى بۆرە يەيدۇ دېگەن بولىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ مۇبارەك ھەدىس توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىگىسى يوق قوينى ئىلىپ كېتىش دۇرۇس بولىدۇ، قوينىڭ ئىگىسى كەلمەي قالسا، قوي تىپىۋالغۇچىنىڭ بولىدۇ، شۇ ھالەتتە ئۆلتۈرۈپ يەۋەتسىمۇ بولىدۇ، كېيىن ئىگىسى كەلگەندە ئۇنىڭغا قىممىتىنى تۆلەپ بېرىدۇ، ياكى شۇ ۋاقىتتا سېتىپ پۇلىنى ساقلاپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ قوينى تىپىۋالغان كىشى ئۆلتۈرۈپ يېۋېتىشتىن بۇرۇن ئىگىسى كىلىپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن".
ئىككىنچى تۈر: بۇزۇلۇپ كېتىشتىن قورقىدىغان نەرسىلەر: قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار: ئۇنى تىپىۋېلىپ ئىگىسى ئۈچۈن ئىلىپ قويغان كىشى يېۋىتىپ ئىگىسىگە ئۇنىڭ قىممىتىنى بېرىدۇ ياكى سېتىپ ئىگىسى كەلگۈچە پۇلىنى ساقلاپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى تۈر: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى تۈردىن باشقا ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچا دېگەندەك باشقا ماللار بولسا، تىپىۋالغۇچىنىڭ قولىدا ئامانەت شەكىلدە ساقلىنىدۇ، ئىنسانلار توپلاشقان ئورۇنلاردا تونىتىلىدۇ.
-چۈشۈپ قالغان نەرسىلەرنى تونۇتۇپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ئىشەنچ قىلالىسا ئۇنى ئېلىپ ساقلاپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تىپىۋېلىنغان ئالتۇن-كۈمۈش توغرىسىدا سورالغان ئېدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ھەميانلىرىنى، ئېغىزىنى بوغىدىغان يىپلىرىنى بىر يىل تونۇتقىن، ئەگەر ئىگىسى كەلمىسە، ئۇنى خىراجەت قىلغىن، لېكىن ئۇ نەرسە سېنىڭ قولۇڭدا ئامانەت بولۇپ تۇرىدۇ، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىگىسى كىلىپ قالسا، ئۇنى ئىگىسىگە بېرىسەن» دېدى. ئىگىسى يوق قوي توغرىسىدا سورىغان ئېدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنى تۇتقىن، ئۇ سەن ئۈچۈن ياكى قىرىندىشىڭ ئۈچۈن ياكى بۆرە ئۈچۈن بولىدۇ»دېدى. ئىگىسى يوق تۆگە توغرىسىدا سورىغان ئېدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تۆگە بىلەن سېنىڭ نېمە ئىشىڭ بار؟تۆگە ئۇسسۇزلۇققا چېدايدۇ، سۇ بار ئورۇنغا بارالايدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېيەلەيدۇ، ئاخىرىدا ئىگىسىنى تاپىدۇ ياكى ئىگىسى ئۇنى تاپىدۇ» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇنىڭ ھەميانلىرىنى، ئېغىزىنى بوغىدىغان يىپلىرىنى تونۇتقىن دېگەن سۆزىدىن: پۇل سالغان قاپچۇق بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى بوغىدىغان يىپىنى تونىتقىن دېمەكچى، بىر يىل تونىتقىن دېگەندىن: بازارلاردا، چوڭ جامىئە-مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا، قاتناش بېكەتلىرى دېگەندەك كىشىلەر كۆپ توپلىشىدىغان ئورۇنلاردا تولۇق بىر يىل ئىلان قىلىڭ دېمەكچى، پۇلنى تىپىۋالغان كىشى بىرىنچى ھەپتىدە ھەر كۈنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى پۇل ئىگىسىنىڭ بۇ ھەپتىدە كىلىشى بەك مۇۋاپىق، ئاندىن كېيىنكى ھەپتىلەردە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆر-ئادىتى بويىنچە ئىش قىلىدۇ. ئۆتكەن زامانلاردا تىپىۋالغان نەرسىلەرنى بۇ شەكىلدە تونۇرۇپ قىلغان بولسا، ھازىرقى دەۋرىدە بىر نەرسە تىپىۋالسا ئۇ نەرسىنى مۇشۇ دەۋېرگە مۇناسىپ ئۇسۇلدا تونىتىشى لازىم. مۇھىم بولغىنى مەقسەتنىڭ ھاسىل بولىشىدۇر. مالنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ھەدىستە بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇنىڭ ھەميانلىرىنى، ئېغىزىنى بوغىدىغان يىپلىرىنى تونۇتقىن» دېگەن سۆزىگە كۆرە تىپىۋىلىنغان نەرسىنى، بارلىق سۈپەتلىرى بىلەن تونىتىپ ئىگىسى شۇ سۈپەتلەرنى تولۇق بايان قىلىپ بەرسە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تولۇق بايان قىلىپ بېرەلمىسە بەرمەسلىك ئۈچۈن تونۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەگەر ئىگىسى كەلمىسە، ئۇنى خىراجەت قىلغىن» دېگەن سۆزى، مالنى تىپىۋالغۇچى ئۇنى ئېلان قىلىپ تونۇتۇپ تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاپچۇقى، يىپلىرى، مىقدارى، سۈپىتى ۋە تۈرى قاتارلىق بارلىق سۈپەتلىرىنى تولۇق تونۇتۇشتىن ئىلگىرى ئۇنى خىراجەت قىلمايدۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئىگىسى كېلىپ ئۇنىڭ ھەممە سۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلىپ بەرسە ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىگىسى كىلىپ قالسا، ئۇنى ئىگىسىگە بېرىسەن» دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ،
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، تىپىۋېلىنغان نەرسىدە تۆۋەندىكى ئىشلار لازىم بولىدۇ:
بىرىنچى: بىر نەرسىنى تىپىۋالسا، ئۇنى ئالسا ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتقىچە ئېلان قىلىپ، ساقلاشقا كۈزى يەتسە، ئۇنىڭدىن باشقا مەقسىتى بولمىسا ئالسا بولىدۇ، ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئالماسلىق كېرەك، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئالسا باشقىلارنىڭ مېلىنى ئىزنىسىز ئېلىۋالغان بۇلاڭچىغا ئوخشاپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ مېلىنى توغرا بولمايدىغان يوللار بىلەن ئالىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئېشى باشقىلارنىڭ مېلىنى زايا قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئىككىنچى: تىپىۋېلىنغان مالنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قاپچۇقى، يىپى، پۇلنىڭ مىقدارى، سۈپىتى ۋە تۈرىگە ياخشى قاراپ ئېلىش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى، بۇيرۇق ۋاجىپلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى: تولۇق بىر يىل ئېلان قىلىپ تونۇتۇش كېرەك، بولۇپمۇ دەسلەپكى ھەوتىدە ھەر كۈنى جامائەت سورۇنلىرىغا بېرىپ ئېلىن قىلىپ تونۇتۇش لازىم، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتى بويىنچە ئىش قىلىش كېرەك، تونۇتقاندا: بازارلاردا، جامائەت سورۇنلىرىدا، مەسچىتلەرنىڭ ئېشىكى ئالدىدا مۇنداق نەرسە يوقۇتۇپ قويغان كىشى بارمۇ؟ دېگەن سۆزلەرنى قىلىش كېرەك، مەسچىتنىڭ ئېچىدە ئېلان قىلماسلىق لازىم، چۈنكى مەسچىت دېگەن بۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان كىشىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا يوقالغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار».
تۆتىنچى: مالنىڭ ئىگىسى كېلىپ ئۇنىڭ ھەممە سۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلىپ بەرسە، ئۇ كىشىگە مالنى ھۆججەت سورىماستىن ۋە قەسەم قىلدۇرماستىن بېرىش كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بايان قىلىپ بەرگەن سۈپىتى، دەلىل-ھۆججەت ۋە قەسەمنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، بەلكى سۈپەتلىگەن سۈپىتى دەلىل-ھۆججەت ۋە قەسەمدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇ كىشىگە بېرىدىغان مال زىيادە بولغان بولسا زىيادىسى بىلەن قېتىپ بېرىدۇ. ئەگەر تولۇق سۈپەتلەپ بېرەلمىسە، مالنى بەرمەيدۇ، چۈنكى مال ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئامانەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان كىشىگە مالنى بېرىش توغرا بولمايدۇ.
بەشىنچى: مالنى تولۇق بىر يىل تونۇتقاندىن كېيىنمۇ ئىگىسى كەلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا مال تىپىۋالغۇچىنىڭ بولىدۇ، لېكىن ئۇنى خىراجەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ سۈپەت، مىقدارلىرىنى ئېنىق قىلىپ قويۇش كېرەك، چۈنكى ئۇ مالنىڭ ئىگىسى قاچان كېلىپ، ئۇنى تولۇق سۈپەتلەپ بەرسە، مال قولىدا بولسا ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئەگەر قولىدا بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنىڭ قىممىتىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كۆڭۈل بۆل ىدىغان مالنىڭ ئىگىسى كەلگەنلىكى ئۈچۈن مال ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن چېقىپ كېتىدۇ.
ئاگاھلاندۇرۇش: ئىسلامنىڭ تىپىۋېلىنغان نەرسە توغرىسىدىكى ئىشىغا كەلسەك، بۇنىڭدىن مالغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش، مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ھۆرمىتىنى قىلىش ئىكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ، ئومۇمەن بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ۋاپات تاپتۇرۇشنى سورايمىز.