ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى – جامالىنى يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى

سۇئال: 50526

سۇئال :
ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى – جامالىنى يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەنمۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

پۈتۈن ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ( ئۇ
كىشىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن ) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: ئايال
كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرمەسلىكى،بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ
بەدىنىنى تۇتماسلىقى، يولدىشىغا ئۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى، ئەگەر
ئۇنداق قىلسا خۇددى ئېرى ئۇ ئايالغا قارىغاندەك گۇناھكار بولىدۇ
.
بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان 5240 – ھەدىس.
ھاپىز بىن ھەجەر – ئەل قابىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: “بۇ مەسىلىدىكى
توسۇشنىڭ ھېكمىتى سۈپەتلەنگۇچى ئايالنىڭ ھۆسنى – جامالى ئەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ
قىلىپ، سۈپەتلەنگۇچى توغرىسىدا قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ، سۈپەتلەپ بەرگۈچى
ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىشكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشلاردىن
يىراق تۇرۇش كېرەك.
پەتھۇلبارى 9- توم 338 -بەتتە مۇنداق بىر ھەدىس زىكىر قىلىنغان : ھەرقانداق بىر
ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتمىسۇن
دېگەن .
بەدىنى تۇتۇش ئارقىلىق يەنە بىر ئايالنىڭ تېرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ،
ئەگەر تىرە – تېرىگە سۈركەلسە بەدەننىڭ يۇمشاق ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس
قىلىدۇ، ئايال كىشى ئۈچۈن باشقا بىر ئايالنىڭ بەدىنىگە قارىشى دۇرۇستۇر، لېكىن ئەر
كىشىنىڭ نامەھرەم ئايالغا قارىشى چەكلىنىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android