ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بەدەننىڭ رۇھ بىلەن بولغان ئالاقىسى

سۇئال: 6090

سوئال: ئىسلامدا روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەپسىرلەمدۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بۇ ھەقتە ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:
1. روھنىڭ بەدەن بىلەن ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدىكى ئالاقىسى.
2. روھنىڭ بەدەن بىلەن زېمىنگە چىققان ۋاقىتتىكى ئالاقىسى.
3. روھنىڭ بەدەن بىلەن ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئالاقىسى. بۇ ھالەتتە ئۇ بىر تەرەپتىن بەدەن بىلەن ئالاقىدار بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقىسىز بولىدۇ.
4. روھنىڭ بەدەن بىلەن بەرزەخ ھاياتىدىكى ئالاقىسى بولۇپ، گەرچە روھ بەدەندىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ پۈتۈنلەي ئادا – جۇدا بولۇپ كەتمەيدۇ.
5. روھنىڭ بەدەن بىلەن قىيامەت كۈنى تىرىلگەن ۋاقىتتىكى ئالاقىسى بولۇپ، بۇ ئەڭ كامىل ئالاقىدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى روھ بىلەن بەدەننىڭ ئالاقىسى ئۆلۈم ياكى ئۇيقۇ ۋە ياكى بۇزۇلۇشنى قوبۇل قىلمايدىغان مەڭگۈلۈك ئالاقىدۇر.
ئۇخلىغان ئادەمنىڭ جېنى ھايات بولسىمۇ بۇ ئويغاق ۋاقىتتىكى ھاياتقا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ ئۆلۇمنىڭ قېرىندىشى دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلۈكمۇ ئۇنىڭ جېنى بەدىنىگە قايتۇرۇلسىمۇ ئۇنىڭ ھاياتى تىرىكلىك بىلەن ئۆلۈكلۈك ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھاياتتۇر. جېنى بەدىنىگە قايتۇرۇلمىغان ئۆلۈكنىڭ ھالى ئۆلۈك بىلەن تىرىكلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۇخلىغان كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بۇنى ئويلىسىڭىز كۆپلىگەن مۈشكىلىلىرىڭىز ھەل بولىدۇ.

مەنبە

www.islamqa.com

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android