ئۇلار كىشىلەرنىڭ مەسچىدكە كىرىشىگە قىزىقىپ ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارلىشىپ كىتىشىگە يول قويۇۋاتىدۇ.
سۇئال: 65506
رامىزان مەزگىلى مەسچىتىمىزدە ئىپتاردىن بىر ئاز بۇرۇن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئارلىشىپ كىتىشى يۈز بىرىدۇ . بۇ ئىش نەچچە يىلدىن بىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ . مەسچىت باشقۇرغۇچىلار ئەگەر ئۇلار كىشىلەرگە قىلماقچى بولغىنىنى قىلغىلى قويمىسا ، ئۇلارنىڭ مەسچىتكە كەلمەيدىغانلىقىنى بانا قىلىشتى . يەنە تىخى ، تەراۋىيھتا يۈز بىرىدىغان بىر نەچچە بىدئەتلەر بار ، مەسىلەن : ئۇلار تەراۋىيھنىڭ ھەر تۆت رەكىتىدىن كىيىن تەسبىيھ ئېيتىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا كۆرسىتىدىغان قانداق نەسىھەتىڭلار بار ؟
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشى ھارام . چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەلبى
ئاقىۋەتلەرنى ۋە ھارام ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 1200-سۇئالنىڭ جاۋابىدا
ئارلىشىپ كىتىشنىڭ چەكلىنىشىدىكى دەلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بولدى .
ئارلىشىپ كىتىش ھەر بىر ۋاقىت ۋە ھەربىر ئورۇندا چەكلەنگەنىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئىش
رامىزان ئىيىدا مەسچىدلەردە يۈز بەرسە چەكلىنىش تىخىمۇ تەكىتلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ
ئىسلام دىنىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ۋە
ئۇلارنى بۇزۇق ، رەزىل ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەشتىن ئىبارەت مەسچىتلەرنىڭ
قۇرلىشىدىكى شەرىئەت مەقسەتلىرىگە زىت . ھەمدە ئۇ تەقۋالىققا ئىرىشىش ، نەپس
خاھىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت روزا تۇتۇشتىكى ھىكمەتكە زىت .
بارلىق مەسچىت كىشىلىرىنىڭ بۇ يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۇنى يوقۇتۇشقا
تېرىشىشى ۋاجىپ . مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە مەسئۇل .
ھىچكىمنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشىنى مەنئى قىلساق ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ
مەسچىتكە كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ بۇ يامان ئىشنى ئاقلاشقا ياكى ئۇنىڭغا
سۈكۈتتە تۇرىشىغا بولمايدۇ . بۇ بىر نەچچە جەھەتتىن رەت قىلىنىدۇ :
1- يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن سۈكۈتتە تۇرۇش
گۇناھ . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تىرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : سىلەردىن
كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا تىلى
بىلەن بولسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا دىلى بىلەن بولسۇن . ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىمان .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 48 ]
ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەسچىتكە كىلىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشىنى
خالىمايدۇ .
2- مەسچىتنىڭ ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم رولى- كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ، ئۇلارنى
يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش . شۇڭا مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار كىشىلەرگە ئۆز-ئارا
ئارلىشىپ كىتىشنىڭ ھاراملىقىنى چۈشەندۈرىشى ھەمدە ئۇنى قىلىشتىن توختىتىشى كىرەك .
3- بۇ كىشىلەر مەسچىتكە ھەرگىز كەلمەيدۇ دىيىش پەقەتلا پەرەز . ھەتتا بىز شۇنداق
بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، ئالىملار ئارىسىدىكى قارالما شۇكى ، يامان ئىشتىن
ساقلىنىش ياخشى ئىشنى پەيدا قىلىشتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .
4- ئاياللارنىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن يىغىلىشى ئۈچۈن ئايرىم جاي قۇرۇلسا بولىدۇ ، ئۇ
مەيلى مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ، ياكى سىرتىدا، چىدىردا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر
نەرسىدە بولسۇن . ھەمدە ئۇلارغا كىرەكلىك پروگىراممىلار ۋە پايدىلىق ئىشلار
تەمىنلەنسە بولىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئاياللارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولۇشى كىرەك .
5- دەۋەت قىلغۇچى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ئۇنى تۈزەشكە
كۈچ چىقىرالايدىغان بولۇشى ، ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ،ياكى ئۇنى ئاقلاشقا
ئىزدەنمەسلىكى كىرەك .
ئارلىشىپ كىتىش بولسا بىز ئىسلامدىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن پەيدا بولغان بىر
مەسىلە . ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چوقۇم كۈچ چىقىرلىشى كىرەك .
ئەگەر بىرىنچى قەدەم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە ئىلىنمىسا ، ئۇنداقتا قەيەردىن باشلايمىز
؟!
سىز مەسئۇل كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بىر نەچچە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خىزمەت ئىشلەڭ
، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ يىغىلىشىغا مۇۋاپىق جاي ھازىرلىشىغا ، ھەمدە
ئاياللارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان پروگىراممىلارنى ھازىرلىشىغا ياردەملىشىڭ .
ئاللاھتىن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى سورايمىز .
ئىككىنچى :
تەراۋىيھنىڭ ھەر تۆت رەكىتىدىن كىيىن تەسبىيھ ئېيتىش ھەققىدىكى سۆزىڭىزگە كەلسەك ،
بىز ئۇنى 50718- سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئۇنىڭ قىلماسلىققا تىگىشلىك بىر بىدئەتلىكىنى
بايان قىلدۇق .
پېشىۋا ئىبنۇ باز ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) دىن:
تەراۋىيھنىڭ رەكەتلىرى ئارلىقىدا پەيغەمبەرگە ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىقىنى
سوراپ ھەمدە ئاللاھنىڭ توغرا يوللۇق خەلىپىلەردىن رازى بولۇشىنى تىلەپ ئاۋازىمىزنى
كۆتۈرشىمىزنىڭ ھۆكمى نىمە ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن : ”
بىلىشىمىزچە ، شەرىئەتتە ئۇنىڭغا ئاساس يوق ، بەلكى ئۇ بىر بىدئەت ھەمدە
قىلىنماسلىقى كىرەك . بۇ ئۇممەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پەقەت دەسلەپكى
ئەۋلادلارنىڭ ئىشلىرىنى تۈزىگەن نەرسىلا تۈزىيەلەيدۇ ، ئۇ بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە
، ھەمدە بۇ ئۇممەتنىڭ دەسلەپكى ئەۋلادلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىش ، ھەمدە ئۇنىڭغا زىت
نەرسىلەردىن ساقلىنىش . ”
تۈگىدى .
[ ئىبنۇ باز فەتىۋالار توپلىمى ، 11369 ]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى